ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزنى ئۇلۇغلاش ئادىتى ۋە ئادىمىگەرچىلىك قاراشلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزنى ئۇلۇغلاش قارىشىنىڭ مەنبەسى ۋە تۇز ئېتقادچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قاتار تارىخى پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ. تۇز ئىتقادچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىمىگەرچىلىك قارىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىپ، تۇزنى ئۇلۇغلاش ھادىسىسىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

ھەربىر مىللەتنىڭ فولكلورىدا شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەنئەنە بىلىملىرى ۋە تەپەككۇر شەكىللىرى بولىدۇ. فولكلور ئۆزىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ بىر پەن بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر مىللەت ئىدىيە تارىخىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمىز يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىلىم تارىخىنى تۇلۇق يورۇتۇپ بەرمەك تەس بولماقتا. ماقال-تەمسىلمۇ خەلقىنىڭ بىلىش ۋە تەجرىبە تارىخىدىكى غايەت زور ئۇچۇر مەنبەسى ۋە بىلىم ماكانى. ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى ئۇيغۇر ئىدېئولوگىيىسىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ روشەن بىر ئەينىكى. بىز ماقال-تەمسىللەرنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلدۇق، ئەمما ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن بىلىم ۋە شۇ بىلىمنىڭ تارىخى يىلتىزى، بۈگۈنكى پەن ئىسپاتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلمىدۇق.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىن تارىخى كۆپ قىرلىق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئالاھىدە تەتقىق قىلىشقا تىگىشلىك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش رەڭگارەڭ ۋە كۆپ خىل بۇلۇپ كەلگەن. ئىپتىدائىي دىن ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن كۆپ خۇدالىق دىن بۇلۇپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلەرنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. «ئىپتىدائىي تەبىئەت ئىلاھچىلىقى تەبىئەتنى سېھىرلىك تەسەۋۋۇر قىلىش تۇپرىقىدا مەيدانغا كەلگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ تۇنجى ئىپادىسى ماددىغا-نەرسىلەرگە سېغىنىش(فېتىشىزم)دىن ئىبارەت بولدى.»(1). ماددىغا سېغىنىش-ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ تۇنجى بىلىش شەكلى ئىدى. بىز تارىخى ئابىدىلەرنى ئىزدەيدىغان بولساق، ئەنە شۇ ماددىغا تېۋىنىشنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن شەكلى ۋە راۋاجى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. مەشھۇر تەتقىقاتچىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن<<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>> ناملىق كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى ئېڭى توغرىسىدا توختىلىپ، چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان بوۋاق جەسىتىنىڭ كۆزىگە قۇيۇلغان يۇمىلاق تاشنى ئىپتىدائىي قۇياش ئىتقادچىلىقىنڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندى.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۈتۈلگىنىدەك ئۇيغۇرلار ئىدىيە تارىخىدا خىلمۇخىل ئېتىقاد چۈشەنچىلەرنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ئەجدادلىرىمىز ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولغان قۇياشقا، ئايغا، تاغغا، تۇپراققا، سۇغا…جۈملىدىن تەبىئەت دۇنياسىدىكى سىرلىق ھېسابلانغان خىلمۇ-خىل شەيئىلەرگە چوقۇنغان ۋە تۇتېم ھېسابلىغان. دۇنيادىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئوخشاشلا شامان دىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرغان. شۇنەرسە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇ ئىپتىدائى ئېڭىنىڭ مەھسۇلى بولغان بەزى ئېتىقادى چۈشەنچىلەر ۋە شەكىللەر بۈگۈنگىچە بىزگە يىتىپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. جۈملىدىن تۇزغا ئېتىقاد قىلىش ئادىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائى ئېتىقاد شەكىللىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، تۇپراققا چوقۇنۇشنىڭ تەرەققى قىلغان شەكلى ئىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇزغا ئىتىقاد قىلىش قارىشى ۋە ئادىتى نەرسىلەرگە سېغىنىشتىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېتىقادتىن ئايرىلغان ئەمەس. تۇزغا ئىتىقاد قىلىش ئەڭ دەسلەپتە تۇپراقنى تەڭرى دەپ بىلىشنىڭ ئىپادىسى ئىدى. «تۇزنى ئۇلۇغلاش ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرگە، شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر.»(2)ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ۋە ئۆزلىرىگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى ئاشقاندىن كىيىن ئەسلىدىكى تارقاق شەكىلدىكى چوقۇنۇش ئوبيېكتىنى زور دەرىجىدە كىچىكلەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى كۆپ ئىلاھلار تەدرىجىي ئازايدى. بۇ نۆۋىتى كەلگەندە ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئېتىقاد چۈشەنچىسىنىڭ سىستېمىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىدە تۆت زات(ھاۋا، ئوت،سۇ، تۇپراق)قارىشى شەكىللەندى ۋە تەرەققى قىلدى. تۇزغا ئېتىقاد قىلىش تۆت زات قارىشىنىڭ ئىچىدىكى تۇپراققا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بۇلۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا روشەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى ياراتقان. دۇنيادىكى باشقا مىللەت خەلقلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىمۇ تۇزغا ئىتىقاد قىلىدىغان ۋە تۇزنى ئۇلۇغلايدىغان قاراش ۋە ئادەتلەر بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشقان. بىز ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق تۇزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇنلىغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى، ماقال-تەمسىللەرنى، پەرھىز قاراشلارنى، ئەپسانە چۆچەكلەرنى ۋە ئىدىيۋى قاراشلارنى ئۇچرىتىمىز.

تۇز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بۇلۇپ، بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا تۇز ئېتىقادىنى مەنبە قىلغان ئادىمىگەرچىلىك قاراشلىرىمىز خىلى كەڭ دەرىجىدە راۋاجلانغان.

تۇزغا ئېتىقاد قىلىش، ئۇنى ئۇلۇغلاش ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ مۇھىم شەكىللىرىدىن بىرى بۇلۇپ، ئۇنى خۇراپات دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بۈگۈنكى كۈندە پەن نۇقتىسىدىن بەزى قاراشلىرىمىزنى، ئەنئەنىلىرىمىزنى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى <<خۇراپاتلىق>> دەيدىغان ئاڭ شەكىللىنىپ قالدى. بەزى قاراش ۋە ئادەتلەرنى پەن ئىنكار قىلسۇن، بىرىنچىدىن، ئۇ خەلق فولكلورىغا تەۋە نەرسە، نۆۋىتى كەلگەندە فولكلور تەتقىقاتىنىڭ قىممەتلىك ماتېرىيال مەنبەسى. ئىككىنچىدىن، ئۇ خەلق تۇرمۇشىغا مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچە تامغىلىرىنى بېسىۋەتكەن. دېمەك، بۇنداق قاراش ۋە ئادەتلەرنى بىر يولىلا ئىنكار قىلىۋېتىش بىر خەلقنىڭ مەنىۋىيىتى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىش. بۈگۈن پەن-تېخنىكىسى يۈكسەك تەرەققى قىلغان ئەللەردىمۇ ئىپتىدائىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئادەت ۋە قىقلىقلار بار. ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتمىگەن، بەلكى ساقلاپ قالغان.

تۇزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا تۇزنىڭ رۇلى مۇھىم بولسا كېرەك. چۈنكى، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە كىشىلەر ھايۋانلارنىڭ خام گۆشىنى پىشۇرۇپ يېيىشنى ئۆگەنگەندىن كىيىن تۇز سۈركەلگەن گۆشنىڭ تەمىنىڭ ئالاھىدە بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. تۇزلىغان گۆش بىلەن تۇزلىمىغان گۆشنىڭ تەم پەرقى ئۇلاردا تۇز ھەققىدە ئۆزگىچە قاراشلارنى شەكىللەندۈرگەن. ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تۇز ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئاشقاندىن كىيىن تۇز يېمەكلىكنى قۇرۇق پېتى ساقلاش،تىبابەتچىلىك، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. دېمەك، تۇز ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئېڭىدا سىرلىق ئورۇنغا ئۆتۈشكە باشلىغان. بەلكىم تۇز ئېتىقادى شۇنىڭدىن كىلىپ چىققان بۇلىشى مۇمكىن.

تۇزنىڭ ئەمەلىي رولى ھەققىدە <<مەدەنلەرنىڭ شىپالىق رولى>> دېگەن كىتابتا تۆۋەندىكىدەك بايانلار بىرىلگەن. تۇزنىڭ خۇسۇسىيىتى: <<بەلغەمنى سۈرۈش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، قۇۋۋەت بۇلۇش، قۇستۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش>>، بۇ كىتابتا يەنە تۇزنىڭ گال ئاغرىقىغا شىپا بولىدىغانلىقى، نەپەسنى راۋانلاشتۇرىدىغانلىقى، تۈرلۈك كۆز كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى، تۇز سۈيىنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان. (3)

تۇزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ئويلانساق، خەلقىمىز ئىچىدە تۇزغا باغلانغان نۇرغۇنلىغان ئېتىقادى قاراشلار بار.

تۇزغا باغلانغان ئېتىقادى قاراشلار. خەلقىمىز ئىچىدە تۇزنى دەستەك قىلىپ ئوغرى تۇتۇش تۇزنى ئىلاھ دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ ئۇلۇغلاشنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇيغۇرلار ئوغرى تۇتۇشتا تۇز كۆيدۈرۈش ئۇسۇلىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرغان. ئەگەر يۇرتتا مەلۇم كىشىنىڭ مەلۇم نەرسىسى يۇتۇپ كەتسە «تۇز كۆيدۈرىمەن»دىسە، ئوغرى ئوغۇرلىغان نەرسىسىنى تاشلاپ بىرىدۇ. ئەگەر تاشلاپ بەرمىسە، «تۇزنى ئوتقا كۆمۈپ قىزدۇرسا ئوغرىنىڭمۇ قورسىقى قىزىپ يېرىلىپ ئۆلىدۇ» دېگەن قاراش ھۆكۈم سۈرگەچكە تۇز كۆيدۈرۈش تەييارلىقى قىلىنسا، ئوغرى دەككە-دۈككىدە ئوغرىلىغان نەرسىسىنى جايىغا قۇيۇپ قۇيىدۇ. ئۇيغۇرلاردا تۇزنى تۇتۇپ قەسەم ئىچىش ئادىتى بار، ماھىيەتتە بۇ تۇز ئىتقادچىلىقىنڭ تىپىك ئىپادىسى.

تۇزغا مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەر. خەلقىمىز ئارىسىدا تۇزغا باغلانغان نۇرغۇنلىغان پەرھىز قاراشلار بار. بۇ ماھىيەتتە تۇزنى ئېتىقاد دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ ئۇلۇغلاشنىڭ ئىپادىسى، خالاس. ئەگەر تۇز ئىلاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەن بولسا كىشىلەر ھەرگىزمۇ تۇز ھەققىدە پەرھىز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويمايتتى. «تۇزغا دەسسىگەن ئادەم قارىغۇ بۇلۇپ قالىدۇ» دەيدۇ چوڭلار. خەلقىمىز ئارىسىدا يەنە ئۆزى قارشى ئالمايدىغان مىھمان كەلسە تۇزلۇقنى يۆتكەپ قۇيىدىغان ئادەت بار. بۇنداق قىلسا مىھمان كېتەرمىش. خەلقىمىز ئارىسىدا يەنە «تۇزغا تۈكۈرسە يامان بۇلىدۇ»، «تۇزغا دەسسىسە ۋە تەرەت قىلسا يامان بولىدۇ»، «نان پارچىلىرىنى، تۇزنى دەسسەشكە، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈسىتدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىش نان-تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق، دەپ يامان ئىلىنىدۇ.»(4)دىگەندەك قاراش بار. ئادەتتە كىشىلەر ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى، يۇرت جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى «تۇزۇم ئۇرسۇن»، «تۇزكور» دەپ ئاتايدۇ. <<ئۇيغۇرلار تۇزنى ئاساسەن سەھەر ۋاقتىدا چىلايدۇ، زاۋالدا تۇز چىلىسا بالىسى يېشىل كۆزلۈك بۇلۇپ قالىدۇ، دەپ زاۋال پەيتىدە تۇز چىلاشتىن پەرھىز قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا يەنە سەيشەنبە كۈنىدە تۇز چىلاشتىن پەرھىز قىلىدىغان ئادەتمۇ ساقلانغان. بۇنىڭدا سەيشەنبە نەس كۈن دەپ تۇنۇلغاچقا، تۇزدەك مۇقەددەس نەرسىنى بۇ كۈندە چىلاش ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ،دەپ قارىغان. ئۇيغۇرلار يەنە تۇز چىلاشتا پاكىز سۇ ئىشلىتىدۇ، ھەرگىزمۇ شورپىدا ياكى ئىسسىق سۇدا تۇز چىلىمايدۇ، مۇشۇنداق قىلسا بالىسى يېشىل كۆزلۈك ھالەتتە تۇغۇلارمىش. تۇز چىلىغاندا ھەرگىزمۇ قول بىلەن تۇزنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. ناۋادا مۇشۇنداق قىلسا <يىلىكى شورلۇق> (ياخشىلىق قىلسا يامانلىق كۆرىدىغان) بۇلۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. خەلق ئارىسىدا يەنە تۇزنى پىچاقتا قوچىغاچ باشقا بىرىنى قارغىسا، شۇ قارغىش ئەمەلگە ئېشىپ قالىدۇ، دەيدىغان بىر قاراشمۇ مەۋجۇت. شۇڭا كىشىلەر تۇزنى پىچاقتا قوچۇپ تۇرۇپ ئىرىتمەيدۇ.>>، <<ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئۆيلىرىدە تۇزلۇق ئادەم پۇتلاشمايدىغان بۇلۇڭ تەرەپكە قۇيىلىدۇ. تۇزلۇقنىڭ ئېغىزى ئۇچۇق قۇيۇپ قۇيۇلمايدۇ. ناۋادا مۇشۇنداق قىلسا شەيتان تۇزغا سىيىپ قويارمىش. يەكەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىشەنچىلىرىدە تۇزلۇقنىڭ ئاغزىنى ئۇچۇق قويسا، شۇ ئىشنى قىلغۇچى ئايالنىڭ قېيىن ئانىسى تۇلا سۆزلەيدىغان بۇلۇپ قالارمىش. ئۇيغۇرلار يەنە تۇزلۇقنى ئۇياق-بۇياققا تۇلا يۆتكەپ يۈرسە ئورنى ئىسسىمايدىغان، تۇلا ئۆي كۆچىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. قەشقەر تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار يەنە قوشنىلار چارشەنبە كۈنى تۇز سۇراپ كىرسە، ئۆينىڭ بەرىكىتى كېتىدۇ، دەپ قاراپ تۇز ئارىيەتكە بەرمەيدۇ.>>، <<ئۇيغۇرلار تۇنۇر ۋە ئۇچاقلارغا تۇز سەپكەندە ئۇمۇمەن <سەپكۈچ> دەپ ئاتىلىدىغان، قومۇشنىڭ پۈپىكىدىن ياسىلىدىغان كىچىك سۈپۈركە بىلەن سىپىدۇ. قول بىلەن سىپىشتىن ئىھتىيات قىلىدۇ. ناۋادا قولدا سەپسە <يىلىكى شورلۇق> بولىدۇ، دەپ جورۇيدۇ.>>(5)

بىز بۈگۈنكى كۈندە «تۇزى ئېغىر»، «تۇز يەپ، تۇزلۇققا چىچماڭ»، «تۇز ھەققى» دىگەندەك مەنىدىكى ئىبارىلەرنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم قوللىنىپ تۇرىمىز.

تۇز ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەر. خەلقىمىز تۇز ھەققىدىمۇ نۇرغۇن ماقال-تەمسىللەرنى ئىجاد قىلغان. تۇز ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەردىمۇ تۇز ئۇلۇغلانغان، تۇز ھەققىدىكى پەرھىز قاراشلار ئەكىس ئەتكەن. ماقال-تەمسىللەردىمۇ تۇزنى ئېتىقاد دەرىجىسىدە تۇرۇپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن:

تۇز بەرسەم تۇزلۇقۇمنى چاقتى،

رەھىم قىلسام كۆتۈمگە تەپتى.

تۇز بەرگەن كىشىنى ئۇنتۇما،

تۇزسىز گەپ قۇلاقتا تۇرماس.

تۇز قەدرىنى بىلمىگەن، تۇز قەرزىگە بۇغۇلار.(6)

يۇقىرىقى ماقال-تەمسىللەردە تۇزنى ئادىمىگەرچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ مەركىزىگە قۇيۇپ تەسۋىرلىگەن. نىمە ئۈچۈن تۇز بىرىدۇ؟بۇ يەردە تۇز قانداق سىمۋوللۇق مەنىلەرگە ئىگە؟ نىمە ئۈچۈن تۇز بەرگەن كىشنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن تۇز قەرزىگە بۇغىلىدۇ؟ ئەگەر يۇقىرىقى سۇئاللارنى باشقا مىللەتلەردىن سورىسا بۇ سۇئال تولىمۇ بىمەنە تۇيۇلىدۇ. چۈنكى يۇقىرىقى سوئاللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىيەت ئۆلچىمى بىلەن ئىتقادى قارىشى زىچ بىرىكىپ كەتكەن. بۇ يەردە تۇز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاددى ھالدىكى تەم تەڭشەش رۇلىغا ئەمەس، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەش رۇلىغا ئىگە. تۇز قەرزى-ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ۋىجدان قەرزى، ئادىمىيلىك قەرزى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ماقاللاردىن تۇزنىڭ ئىتقادى تۈسىنى ئېلىۋەتسەك، بۇ ماقاللارنىڭ بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق مەنىسى بولمايدۇ. دىمەك، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت پەلسەپىسى بىلەن ئىپتىدائىي ئېتىقاد قارىشى چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىللەردىمۇ شۇنداق قاراش ئەكىس ئەتكەن.

تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭنى چاقاي.

تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چېقىپتۇ.

تۇزى يوق تائامنىڭ لەززىتى يوق،

پۇلى يوق ئادەمنىڭ ئىززىتى يوق.

تۇز يەپ تۇزلۇققا، ئاش يەپ ساندۇققا تېزەكلەپتۇ(7)

تۇز-ۋىجدان قەرزى، دەپ تۇنۇلغان ھېكايەتلەر. ئۇيغۇرلاردا «تۇز ھەققى» دېگەن مۇنداق بىر چۆچەك بار:«بىر ئوغرى كېچىسى لەخمە كولاپ، پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە كىرىپتۇ. ئۇ يەردىن ئالتۇن ۋە قىممەت گۆھەرلەرنى ئېلىپ قايتىشىدا خەزىنىنىڭ بىر تەرىپىدە ئالماستەك يالتىراپ تۇرغان نەرسىگە كۈزى چۈشۈپتۇ. ئۇ كېچىنىڭ قاراڭغۇسىدا ئۇنى پەرق ئېتەلمەي، بەلكى، گەۋھىرى شەبىراخ دېگەن نەرسە مۇشۇ بۇلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ قۇلىغا ئېلىپ، ئۇنى تىلى بىلەن يالاپ بېقىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ بىر پارچە ئۇيۇل تۇز ئىكەن. ئوغرى بىردىنلا ئالغان ھەممە نەرسىلىرىنى جاي-جايىغا قۇيۇپ قۇيۇپ خەزىنىدىن ئۆزى كولىغان لەخمە ئارقىلىق قۇرۇق قول چىقىپ كېتىپتۇ، ئەتىسى ئەتىگەندە خەزىنىچى پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ:

-بۈگۈن كىچە ئوغرىلار لەخمە كولاپ خەزىنىگە كىرىپتۇ، ئەمما ھېچنىمە ئالماي چىقىپ كېتىپتۇ.-دەپ مەلۇم قىلىپتۇ.

پادىشاھ بۇنىڭغا ھەيران بۇلۇپ، ‹لەخمە كولاپ خەزىنەمگە كىرىپ، شۇنچە قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى ئالماي چىقىپ كەتكەن قانداق ئوغرىدۇ› دەپ ئويلاپ، يارلىق چىقىرىپتۇ:

-خەزىنەمگە لەخمە كولاپ كىرىپ، ھېچنەرسە ئالماي چىقىپ كەتكەن ئوغرى ئۈزىنى مەلۇم قىلىپ، نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتسا، ئۇنىڭغا جازا بېرىلمەيدۇ.

خەزىنىگە كىرگەن ھىلىقى ئوغرى پادىشاھنىڭ بۇ ئېلانىنى كۆرگەندىن كىيىن، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىلىپ تەزىم قىلىپ:

-خەزىنىگە لەخمە كولاپ ئوغرىلىققا كىرگەن كىشى مەن ئىدىم.-دەپتۇ.

پادىشاھ ئوغرىدىن سوراپتۇ:

-شۇنچە جاپا چېكىپ لەخمە كولاپ خەزىنەمگە كىرىپسەنۇ ھېچنىمە ئالماي چىقىپ كېتىپسەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

-پادىشاھنىڭ تۇزىنى تېتىپ كۆردۇم، تۇز ھەققى ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئالماي چىقىپ كەتتىم. تۇز ھەققىگە رىئايە قىلماسلىق يارىماس پەسكەش كىشىلەرنىڭ ئىشى،-دەپ بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي بايان قىلىپتۇ.

پادىشاھ ئوغرىنىڭ بۇ خىسلىتىگە قايىل بۇلۇپ، ئۇنىڭغا بىرمۇنچە ئىنئام بېرىپ قايتۇرۇپتۇ.»(8)

تۇزنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرى. بىزدە تۇزنىڭ سىمۋوللۇق مەنىلىرىمۇ كۆپ. «تۇز ئىمان»، «تۇز بەرىكەت»، «تۇز ھەقىقەت» دىگەندەك تەپەككۇر ئادەتلىرى خەلق ئالاقىلىرىدە ۋە ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىدە ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك داستانىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ.

318.ئاش-تاماق، نان-تۇز كىشىنىڭ نامىنى يايىدۇ،

تىرىكلىكنىڭ داۋاسى يېمەك-ئىچمەكتۇر.

2319.ئىلىنىڭ مەشھۇر ئادىمى نېمە دەيدۇ ئاڭلا:

ئەي قۇتلۇق كىشى، نان تۇزىڭنى كەڭرى قىل،

2320.داڭ شۆھرەت خالىساڭ باشقىلارغا نان-تۇز بەر،

ياشاشنى خالىساڭ ئەنە شۇنى قىل.

5797. مەرد كىشى نان-تۇز ھەققىگە دىققەت قىلىپ ،

يېگۈزگەن كىشىگە بېشىنى پىدا قىلىدۇ.

6096. سېخىي-كەمتەر بول، كىشىلەرگە نان-تۇز يېگۈز،

كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئاچما، يۆگەپ يوشۇرغىن.

6584.نان-تۇزنىڭ ھەققى دەپ رىئايە قىلغۇچى بارمۇ؟

ئەگەر بولسا مەن ئۇنى ئالتۇن، كۈمۈش بىلەن كۆمىۋېتەي.(9)

دىمەك، ئەجدادلىرىمىز تۇزنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق ياخشى ئادەتلارنى، كىشىلىكنىڭ گۈزەل مەزمۇنىلىرىنى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردىكى ئادىمىگەرچىلىك ئۆلچەملىرىنى ۋە پېرىنسىپلىرىنى، يامان ئىش، يامان قىلىقلاردىن توسىدىغان پەرھىز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. تۇزنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق ئادىمىگەرچىلىكىنڭ بىر قاتار قائىدىلىرىنى روياپقا چىقارغان. بۈگۈنكى كۈنگىچە ئاشۇ ئادىمىگەرچىلىك ئەنئەنىلىرى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا، ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ نورمالنى تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىغا يۈكسەك تۆھپە قوشقان.

تۇزغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەتلەر. تۇز ئېتىقادچىلىقى توي مۇراسىملاردىمۇ ئىپادىلەنگەن. «چوڭ چايدا ئوغۇل تەرەپنىىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇرۇغ تۇغقان قۇلۇم قوشنا، يار- بۇرادەرلىرى بۇلۇپ 10-15كىشى ئەتراپىدا ھازىرلىغان تويلۇق-قۇيۇمچا قاتارلىقلارغا بەلگىلىك مىقداردا گۆش-ماي، گۈرۈچ، سەۋزە، تۇز، قەنت-كېزەك، بىرەر تاختا چاي قوشۇپ، قىز تەرەپكە داستىخان قىلىپ كېلىدۇ.»، «نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، قىز قولدىشى بىلەن يىگىت قولدىشى داستىخاندىكى تۇز سۈيىگە چىلانغان ھىلىقى نانغا ئېتىلىدۇ، كىم چاققان كەلسە ئالدى بىلەن ئۆز دوستىغا تۇزغا چىلانغان ناننى شۇ يېگۈزىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە يىگىت بىلەن قىزنىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ‹بىز بۈگۈندىن ئېتىبارەن قىيامەتلىك جورا بولدۇق، تۇزكورلۇق قىلماي، مەڭگۈ سادىق ئۆتىمىز›دەپ بەرگەن قەسىمى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئادەت-ئەنئەنىلىرىمىز بۇلۇپ، ئۆز دەۋرىدە نىكاھ ئۇقۇش ئورنىدا شۇ رەسمىيەت ئۆتۈلەتتى.»(10)

تۇز ئىتقادچىلىقى يۇقىرىقىدەك ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنى ، ماقال-تەمسىل ئىبارىلەرنى ۋە تەپەككۇر ئەنئەنىلىرىمىزنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس ئادىمىگەرچىلىك ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ شەكىللىنىشىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

ئادىمىگەرچىلىك تارىختىن بۇيان ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتچىلىكنىڭ ئەقلى ۋە ئىنسانىي نۇقتىلاردىن ئىپادىلىنىشى. ئادىمىگەرچىلىكتە ئەقلى ئامىللار يىتەكچى قىلىنغان، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت تۇيغۇلىرى ئۇلۇغلانغان بولىدۇ. بىز تۇزغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئادىمىگەرچىلىك ئەنئەنىلىرىنى بىلىمىز. بىراۋ باشقىلاردىن نەپكە، ياخشىلىققا، ھۆرمەتكە ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا قارشى چىقسا ياكى ياخشىلىقىنى ئۇنتۇپ قالسا، «تۇزكورلۇق قىلدى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ، ئەگەر ياخشىلىقنى، قىلغان-ئەتكەنلىرىنى ئۇنتۇمىسا ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرسا «تۇز ھەققىنى ئادا قىلدى»، «تۇز ھەققىگە رىئايە قىلدى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە«تۇز ھەققى-مېھىر ھەققى» دەيدىغان گەپ بولغاچقا، ئەگەر بىر كىشى مەلۇم بىر يۇرتتا تۇرۇپ قالسا، تۇزى ئېغىر» دېگەن گەپ بۇيىچە شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدىغان، شۇ جايدىن باشقا جايغا كۆچۈپ كەتسە، ئۇزۇنغىچە ئۇنتۇمايدىغان، تۇز بەرگەن، نان بەرگەن يۇرتنى ئەسلەيدىغان ھالەت بار. ئەگەر بىر كىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ، يۇرتنىڭ، چوڭلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسا ياكى پايدىلىق ئىش قىلسا، «تۇز ھەققىنى ئادا قىلدى»، «بەرگەن تۇزۇمغا رازى» دەيدىغان قاراش بار. ئەگەر ئەكسىچە ئىش قىلسا، «بەرگەن تۇزۇمغا رازى ئەمەس»، «تۇزۇم ئۇرسۇن» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىلەر ئارقىلىق پوزىتسىينى ئىپادىلەيدۇ. يەنە تۇز ھەققىنى ئادا قىلىش ۋىجدان قەرزىنى ئادا قىلغان بىلەن باراۋەر.

ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە گۈزەل ئەنئەنىلەر ۋە ئادەتلەرگە ئىگە. پەن-تېخنىكا ئېتىقادچىلىقى(پەن تېخنىكىنىڭ قۇدرىتىنى يۇقىرى بىلىش)، مەدەنىيەت ئازدۇرمىچىلىقى ھۆكۈم سۈرىۋاتقان بۇ دەۋرىمىزدە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىمىزگە توغرا باھا بېرىش ئىنتايىن زۆرۈر. تارىخ نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنىڭ خۇراپات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، «بىزدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كىشىلەرنى ياخشى يولغا باشلايدىغان، ئەخلاقلىق، غايىلىك، ئىقتىسادچىل بولۇشقا چاقىرىدىغان ياخشى خەلق پەرھىزلىرى ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن: نان، گۈرۈچكە، تۇزغا دەسسىسە يامان بولىدۇ…دېگەنگە ئوخشاشلار، بۇلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىسخىكىسىغا چوڭقۇر سىڭىپ گۈزەل ئەنئەنىلەرنى شەكىللەندۈرگەن.»(11) شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتى ۋە راۋاجى ھەققىدە ئويلانغىنىمىزدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى ئورنى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز زۆرۈر.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

(1)ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن:«ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1998-يىل نەشرى، 17-بەت

(2)بەختىيار باھاۋۇدۇن:«تۇزنى ئۇلۇغلاش قارىشى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، مىراس ژۇرنىلى، 1997-يىل 3-سان

(3)سالى سابىر، مەدەنلەرنىڭ شىپالىق رولى، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشرىياتى، 1998-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى،170-بەت

(4)(10)ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا:«ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل نەشرى، 244-،262-،535-بەتلەر

(5)ئەنۋەر سەمەت، ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىلى 1-ئاي نەشرى، 209،210-بەتلەر

(6)(7)ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن نەشىرگە تەييارلىغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007-يىل 6-ئاي 1-نەشرى، 276-بەت

(8)مەتتۇرسۇن باھاۋۇدۇن توپلاپ رەتلىگەن«ئەجدادلار نەسىھىتى» ناملىق كىتاپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 185-بەت

(9)يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«قۇتادغۇبىلىك» مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە يەشمىسى

(11)قەلبىنۇر مۇھەممەت:«ئۇيغۇر خەلق پەرھىزلىرى توغرىسىدا»، مىراس ژۇرنىلى1997-يىل، 4-سان


مەنبە