ئۇيغۇرلارنىڭ توي – تۆكۈن ئۆلۈم – يېتىم ئادەتلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئۇيغۇرلارنىڭ توي – تۆكۈن ئۆلۈم – يېتىم ئادەتلىرى



بۆشۈك توي

ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە، ياتلىق قىلىنغان قىزنىڭ تۇنجى تۇغۇرى ئۆز ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بولىدۇ. ئۇنىڭ قىرىقى توشقۇچە شۇ ئۆيدە بېقىلىدۇ. قىرقى توشقاندا قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۆز ئائىلىسىدە «بۆشۈك توي» قىلىپ بېرىدۇ. بۆشۈك تويغا قۇدىلار (كۈيئوغۇلنىڭ ئاتا – ئانىسى) ئۇرۇق- تۇغقان، قولۇم – قوشنا ۋە ئەل – ئاغىنىلەرنىڭ ئاياللىرى تەكلىپ قىلىنىپ، مىھمان قىلىنىدۇ. قۇدىلار بوۋاق ئۈچۈن يۆگەك، ئەدىيال،كىيىم – كېچەك قاتارلىق نەرسىلەر، كېلىن ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ كىيىم – كېچەك ۋە باشقا زىننەت بۇيۇملىرى ئەكېلىپ، ئۇلارنى مۇبارەكلەشتىن تاشقىرى، يەنە قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە شۇ ئائىلىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىغىمۇ سوۋغا – سالام ئەكېلىپ، تۇغۇتنى ئوبدان تاققانلىقىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مېھمانلار ئۇزاپ كەنكەندىن كېيىن قۇدىلار كېلىن بىلەن نەۋرىسىنى يۆتكەپ ماڭىدۇ. بۆشۈك ھويلىدىن چىقاردا ئۇنىڭغا ئسىرىق سالىدۇ، كېلىن بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىدىن ئىسرىق ئۆرۈيدۇ. قىسقىسى «بۆشۈك توي» نىڭ ماھىيىتى سالامەت يەڭگۈۋالغان كېلىننى ئۆز ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىشتىن ئىبارەت بولغان بىر خىل مۇراسىمدۇر.


سۈننەت توي

سۈننەت توي بەزى يەرلەردە «خەتنە توي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «سۈننەت» مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرەپتىن قىلىشقا بۇيرۇلغان ئەمەللەردىن بىرى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسى. شۇڭا بۇ ئادەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەممە خەلققە ئورتاق. «سۈننەت توي» ئوغۇل بالا بەش ياشتىن يەتتە ياشقا كىرگەن ئارىلىقىدا بولىدۇ. بۇ كۆپىنچە كۈز ۋە ئەتىيازدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەرىكىگە ئۇرۇق – تۇغقان ، قولۇم- قوشنا، ئەل – ئاغىنىلەر تەكلىپ قىلىنىپ مېھمان قىلىنىدۇ. سۈننەت قىلىنىدىغان بالا ئۈچۈن يېڭىدىن يوتقان – كۆرپە تەييارلىنىدۇ. بالىغا يېڭى – يېڭى كىيىم – كېچەك كىيىدۇرۈلىدۇ، قىزىل تاۋاردىن بەلباغ باغلىنىدۇ ياكى مەيدىسىگە گۈل تاقىلىدۇ. مېھماندارچىلىق ئاخىرىدا خەتنە باشلىنىدۇ (بەزى يەرلەردە ئاۋۋال خەتنە قىلىپ، توي كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى مەرىكىسىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق پەيىتتە خەتنە قىلىنىدۇ) . خەتنىدىن بۇرۇن بالىنى چوڭ – كىچىك تەرەت قىلدۇرىدۇ. سۈننەتچى ۋە بالىنىڭ چوڭ – كىچىك تەرەت قىلدۇرىدۇ. سۈننەتچى ۋە بالىنىڭ تاغىلىرى بالىنىڭ يۈرىكىنى توختىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلىدۇ. خەتنە ۋاقتىدا بالىنى تاغىسى ياكى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم تۇتۇپ بېرىدۇ.

خەتنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كېسىلگەن يەردىن قان چىقاماسلىق ئۈچۈن كەسكەن يەرگە كۆپدۈرۈلگەن پاختا بېسىپ قويۇلىدۇ. بالا تولا يىغلاپ قان كەتمىسۇن، دەپ بالىنىڭ ئاغزىغا تۇخۇم كەپلەپ قويۇلىدۇ. سورۇندا بولغۇچىلار بالىنى مۇبارەكلەپبالىغا پۇل تۇتقۇزىدۇ. سۈننەتچىنىڭ قولى يېنىك بولسا، بالا بىر ھەپتىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ. بەزى ئوغۇل بالا تۇغۇلۇشتا خەتنىلىك تۇغۇلىدۇ. بۇنداق بالىلار خەتنە قىلىنىمايدۇ. بەزى مۇسۇلمان ئەللىرىدە ھازىرمۇ ئوغۇل بالا تۇغۇلغاندا كىندىكىنى كېسىپ بولۇپلا، خەتنە قىلىۋېتىدۇ. چوڭ بولۇشىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ.


قىز – يىگىت تويى

ئۇيغۇرلاردا «نىكاھ تويى»، «بۆشۈك توي»، «سۈننەت توي»، «چاچ قوشاق تويى» دېگەندەك تويلار بار. بۇ تويلارنىڭ تۈلۈك قائىدە – يوسۇنلىرى بار. بۇلارغا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئېتقاد قىلىدىغان تۈلۈك دىنلارنىڭ ئەقىدىلىرى سىڭگەن.

نىكاھ توي

«نىكاھ» – ئىنسان ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم،ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ بىرى. «نىكاھ توي» ئائىلە جامائەتچىلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۈزۈلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنىڭ، ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭتىكىلىنىشى ۋە كېڭىيىشىنىڭ مەنبەسى، شۇڭا ئۇ تارىختىن بۇيان شەخسلەرنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشىپ كەلدى.

ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تەكشى بولمىغىنى ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان توي ئادەتلىرى شەكللەنگەن. تۆۋەندە پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر ئورتاق بولغان «نىكاھ توي» ئادىتى، قائىدە – يوسۇنى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. «نىكاھ توي» تۆۋەندىكىدەك باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1 . ئەلچى ئەۋەتىش

يىگىت بىلەن قىز بىر – بىرى بىلەن تونۇشۇپ، بىر مۇددەت سىنىشىپ، توي قىلىش قارارىغا كېلىشكەندىن كېيىن ئۆز ئائىلىلىرىگە لايىق تېپىشقانلىقىنى، توي قىلىش قارارىغا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ھەر ئىككى ئائىلە لايىقنى ماقۇل كۆرۈشكەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى ئەۋەتىدۇ. ھەر ئىككى ئائىلە دەيدىغان گەپ – سۆزىنى، تەلەپلىرىنى ئەلچىگە دەيدۇ. ئەلچى ئوتتۇرىدا خالىس تۇرۇپ ئۇزۇننى قىسقا، قىسقىسىنى ئۇزۇن قىلىدۇ. ئەلچى قىز تەرەپنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن «چاي»ئەكېلىش ۋاقتىنى بەلگىلەپ قايتىدۇ.

2 . چاي ئاپىرىش

ئۇيغۇرلاردا چاي «كىچىك چاي»، «چوڭ چاي» دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. «كىچىك چاي» – «ماقۇل چېيى» ياكى «تەزىم چېيى»دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىگىتىنىڭ ئانىسى بىر قانچە ئايال ۋە ئوتتۇرىدا ماڭغان ئەلچىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئائىلىسىگە «كىچىك چاي» ئاپىرىدۇ. يەنى يىگىت تەرەپ قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە قىزغا ئاتاپ بىرەر قۇردىن كىيىملىك رەخىت ۋە باشقا نەرسىلەردىن داستىخان قىلىپ بارىدۇ. قىز تەرەپ ئۆز رازىلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، يىگىت تەرەپتىن بارغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ قول قوۋۇشتۇرۇپ تەزىم قىلىپ رەھمەت ئېيتىدۇ. «چوڭ چاي»ئاپىرىلىدىغان كۈن بەلگىلەنگەندىن كېيىن «چوڭ چاي» ئاپىرىلىدۇ. «چوڭ چاي» قىز تەرەپتە بولىدۇ. چايغا يىگىت ۋە قىز تەرەپتىن ئەر – ئايال بولۇپ ئەللىك – ئاتمىش ئادەم قاتنىشىدۇ. چوڭ چايدا قىزنىڭ كىيىم – كېچەكلىرى، قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە باشقا يېقىن بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئۈچۈن كىيىملىك ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇلار سورۇندا كۆپچىلىككە كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بىرەر تىرىك مال، مەلۇم مىقداردا گۈرۈچ، ماي، نان، قەنت – گېزەك، چاي، تۈز قاتارلىقلارمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئېلىپ بېرىلىدىغان تىرىك مالنىڭ بېشىغا قىزىل باغلىنىپ، يىگىت تەرەپتىن بىر ئادەم يېتىلەپ ئاپىرىدۇ. قىز تەرەپتىن بۇ مالنى قويۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ساندۇق ئاچقۇچى ئايال ئالدىن ھازىرلاپ قويغان «چاچقۇ»نى سورۇنغا چاچىدۇ. سورۇندىكىلەر ئۇنى «تەۋەررۈك» بىلىپ، بۇلاپ – تالاپ يەردىن تېرىۋالىدۇ. ساندۇق ئاچقۇچى ئايالنى يىگىت تەرەپ بەلگىلەيدۇ. يىگىت تەرەپ ئۇنىڭغا ئاتاپ بىرەر ياغلىق ياكى بىرەر كۆڭلەكلىك رەختنى ساندۇققا سېلىپ قويىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، ساندۇق ئاچقۇچى ئايال بىر نىكاھلانغان ئايال بولۇشى شەرت. كۆپ نىكاھلىق بولغان ئايال بۇ ئىشنى باشقۇرسا، قىز ئەردىن چىقىپ ئەرگە تېگىدىغان، يىگىت خوتۇن ئېلىپ خوتۇن قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ قالارئىمىش. شۇنداقلا يىگىت بىلەن قىزنىڭ قولداشلىرىمۇ ئۆيلەنمىگەن يىگىت، ياتلىق بولمىغان قىز بولۇشى شەرت. يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى توينىڭ ئارا ئايدا (روزا ھېيىت بىلەن قۇربان ھېيىت ئارىلىقىدىكى ئاي) بولۇپ قالماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە توي ئارا ئايدا بولسا، يىگىت بىلەن قىز ئەپلىشەلمەي قىز ئارىدا قالارئىمىش. «چوڭ چاي» ئاخىرلاشقاندا تويى بولماقچى بولغان قىزنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرىنىڭ ئانىسى ئالاھىدە داستىخان راسلاپ، قىزنى ئۆزى ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۇپ بېرىش ئۈچۈن سورىۋالىدۇ ۋە توي كۈنى ئۇ شۇ ئائىلە قىزنى ۋە قىزنىڭ دوستلىرىدىن بولۇپ ئوتتۇز – قىرىق قىزنى ئۆيدە ئولتۇرغۇزۇپ مېھمان قىلىدۇ.چوڭ چاي كۈنى توي بولىدىغان كۈن بەلگىلىنىدۇ. ئاشسۈيى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ بىر يەرگە كېلىدۇ. ئاشسۈيى ئۈچۈن گۆش، ماي، گۈرۈچ، نان، چاي، تۇز، سەۋزە، يېقىلغۇ بېرىلىدۇ. بۇلار تويدىن بىر كۈن بۇرۇن قىزنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. توي بولۇشتىن بۇرۇن قىزنىڭ بىر نەچچە دوستى «ئۆي ياساش» قا كېلدۇ. ئۇلار قىز تەرەپتىن ئەكەلگەن ۋە يىگىت تەييارلىغان نەرسىلەر بىلەن ئۆينى ياسايدۇ.قىزلار ئۆينى ياساپ بولغاندىن كېيىن يىگىت تەرەپ ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ. ۋە ھەربىر قىزنىڭ ئالدىغا سوپۇن، ئەتىر، قول ياغلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇپ رازى قىلىپ يولغا سېلىپ قويىدۇ. چوڭ چاي تۈگىگەندىن كېيىن يىگىت ۋە قىز ئۆزلىرىنى دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ دوختۇرنىڭ ئىسپاتى بىلەن «توي خېتى» ئېلىپ قانۇنىي رەسمىيەتنى ئۆتەيدۇ.

3 . نىكاھ

توي كۈنى سەھەردە نىكاھ ئوقۇلىدۇ (نىكاھ قونۇپ قالسا بولمايدۇ دەپ بۇرۇن نىكاھ ئوقۇلمايدۇ). نىكاھ ۋاقتىدا سورۇندا يىگىت بىلەن قىز ھازىر بولۇشى شەرت. نىكاھ ۋاقتىدا يىگىت قولدىشى بىلەن قىز قولداشلىرىمۇ بىللە بولىدۇ. ئۆتمۈشتە يىگىت مەلۇم سەۋەب بىلەن نىكاھ ئۈستىدە بولالمىسا، يىگىتنىڭ قەلەمتىرىشى ياكى پىچىقىغا نىكاھ ئوقۇيدىغان ئەھۋال بار ئىدى. نىكاھ ۋاقتىدا يىگىت بىلەن قىزنىڭ «ئۆزۈمگە قوبۇل قىلدىم» دېگەن جاۋابىنى ھەممە ئادەم ئاڭلىشى شەرت. بەزىلەر «ئاڭلىمىدۇق»دېسە، ئاڭلىغانلاردىن بىر – ئىككىسى «ئاڭلىدۇق» دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتسە، نىكاھ ئوقۇش داۋامىلىشىدۇ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن سورۇندىكىلەر يىگىت بىلەن قىزنى تەبرىكلىشىدۇ. نىكاھتىن كېيىن يىگىت بىلەن قىزغا شاكىراب (تۇز) قاچىلانغان ئىككى بۇردا نان يېگۈزىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە،تۈز ئىككى ياشنىڭ مۇھەببىتىنى چىڭىتارئىمىش. شاكىرابقا چىلانغان نان بۇردىسىنى قاچىدىن ئېلىشتا يىگىت قولدىشى بىلەن قىز قولدىشى ناھايىتى چاققانلىق ئىشلىتىپ، بالدۇر ئېلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قايسى بالدۇر ئېلىۋالسا شۇ تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن قورقمايدىغان بولارئىمىش. توي كۈنى سەھەردە يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە قارىشىپ بېرىش ئۈچۈن بىر – ئىككى ئادەم ئەۋەتىدۇ. شۇنداقلا توي داۋامىلىشىۋاتقان ۋاقىتتا يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ھال سوراپ بىر نەچچە ئادەم ئەۋەتىدۇ.

4 . توي كۆچۈرۈش

قىز كۆچۈرگۈچىلەر نەغمە – ناۋا بىلەن قىز ئولتۇرغان ئائىلىگە بېرىپ قىزنى كۆچۈرۈپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىدۇ. قىز پۈركەنگەن ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ ئاتا – ئانىسى بىلەن خوشلىشىدۇ. ئاتا – ئانا قىبلە تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ، قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، بېشى باش، ئايىغى تاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە قىزنىڭ بېشىدىن نان، سۇپرا ئۆرۈيدۇ. قىزنى كۆچۈرۈپ يىگىتنىڭ ئۆيگە ئەكىرىدۇ. قىز پاياندازنى دەسسەپ بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكىلەر پاياندارنى تالىشىپ يىرتىپ پارچە – پارچە قىلىۋېتىدۇ ۋە «تەۋەررۈك» قىلىش ئۈچۈن ئېلىشدۇ، كېلىن ئۆيگە پۈركەنگەن ھالىدا كىرىدۇ. بىرئازدىن كېيىن قېيىن ئانا كېلىننىڭ پۈركەنجىسىنى ئېلىۋېتىپ كىچىك ياغلىق سېلىپ قويىدۇ ۋە پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ. قىزمى كۆچۈرۈپ كېلىش جەريانىدا يولدا توي توسىغۇچىلار بولىدۇ. بۇلارغا ماددىي نەرسىلەر بەرگەندىلا ئاندىن يول بېرىدۇ. بەزى يەرلەردە قىز كۆچۈرۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ قاتناش ۋاستىسدىن چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇلارئۇسسۇل ئويناپ بېرىدۇ. قىزنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۆيگە ئەكىرىشتىن بۇرۇن كۆيۈۋاتقان ئوتنى ئايلندۇرىدۇ. بۇ زەردۇشت دىنىنىڭ ئەقىدىسى بولۇپ، ئوتتىن مەدەت تىلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندە تۆش سوراپ دەرۋازىنى ئاچقىلى ئۇنىمايدۇ. قىزغا ھەمراھ بولۇپ كەلگۈچىلەر ياغلىققا ئورالغان تۆشنى بەرگەندىلا دەرۋازىنى ئاندىن ئاچىدۇ.

5 . سالامغا بېرىش ۋە سالامغا كىرىش

توينىڭ ئەتىسى يىگىت ئۆز قولدىشى بىلەن قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا ئالدىغا سالامغا بارىدۇ. ئۇلار ئۆز كۈيئوغلىنى قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ ۋە كۈيئوغلى ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان كىيىم ۋە كىيىملىك رەختنى قويىدۇ. يىگىت قولدىشىغىمۇ ئۆز لايىقىدا بىر نەرسە قويىدۇ. شۇ كۈنى يېڭى كېلىن ئۆز قولدىشى بىلەن قېيىن ئاتا، قېيىن ئانا ئالدىغا سالامغا كىرىدۇ. بۇلارمۇ مېھمان قىلىنىدۇ. قىز قولدىشىغىمۇ ئۆز لايىقىدا بىر نەرسە قويىدۇ. سالامغا بارغان ۋە سالامغا كىرگەن كۈنى قىز تەرەپ كۈيئوغۇل تەرەپكە «ئىسىقلىق» ئەكېلىدۇ. «ئىسىقلىق» ئۈچۈن تولىراق سامسا، پېتىر مانتا، ئۆپكە – ھېسىپ ۋە باشقا خىلدىكى تاماقلارنى ئەكېلىدۇ. ئىسسىقلىقى قىزنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، قولۇم قوشنىلىرى ئەكېلىدۇ. ئىسىقلىققا يىگىت، قىز ۋە يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئېغىز تېگىدۇ. «ئىسىقلىق» ئەكەلگۈچىلەر قانچە ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىيىملىك رەخت قويۇلىدۇ ۋە «ئىسىقلىق» ئەكېلىنگەن تاۋاقلارغىمۇ لايىقىدا رەخت سېلىنىدۇ.

6 . چىللاق

چىللاق – توينىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. چىللاق توي بولغان ھەپتە ئىچىدە بولىدۇ. چىللاقنى ئاۋۋال يىگىت تەرەپ ئۆتكۈزىدۇ. ئاندىن قىز تەرەپ ئۆتكۈزىدۇ. چىللاققا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى، يېقىن قولۇم – قۇشنىلىرىنى تەكلىپ قىلىدۇ. چىللاق – ئۆزئارا ھاردۇقسوراشنى، تۇغقانلار بىر – بىرى بىلەن تونۇشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. يىگىت تەرەپ چىللاق ئۆتكۈزگەندە قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئاچا – سىڭىللىرى قىزنىڭ ھۈجرىسىنى ئالاھىدە پەتىلەيدۇ. ئۇلار ئەكەلگەن نەرسىلىرى بىلەن ھۇجرىسىنىڭ كەم نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

قايسى خىلدىكى توي بولمىسۇن، توي قىلغۇچى تويدا قارىشىپ بېرىشكە تېگىشلىك ئادەملەردىن ئەر – ئايال بولۇپ يىگىرمە – ئوتتۇز ئادەمنى چاقىرىپ «مەسلىھەت چېيى» ئۆتكۈزىدۇ. چايدا توينى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇلاردىن مەسلىھەت سورىلىدۇ. چايدا خىزمەت تەقسىماتى بولىدۇ. توي كۈنى ئۇلار ئەتىگەندىن – كەچكىچە تەرلەپ – پىشىپ ئىشلىشىپ بېرىدۇ. توي تۈگەش بىلەن توي ئىگىسى ئالاھىدە داستىخان ھازىرلاپ ئۇلارغا «ھاردۇق چېيى» بېرىپ ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ.


توي مۇراسىمىدىكى سەنئەت پائالىيەتلىرى

يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توي مۇراسىملىرى داغدۇغىلىق بولۇپ، توي كۈنىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئۇيغۇرلار خۇش چاقچاق ۋە سەنئەتخۇمارخەلق بولغاچقا،ئۇلارنىڭ بۇ تەبىئىتى توي مۇراسىملىرىدا گەۋدىلىك ئەكس ئېتىلىدۇ. توي كۈنى يىگىت ۋە قىز ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇلاردىن بىرى، قىزنىڭ ئۆيىدە بولىدىغان «يار – يار» ياكى «يۆلەن» ناخشىسىنى ئېيتىشتىن ئىبارەت. «يار – يار» قوشاقلىرى قىزى ئۇزىتىش ئاخشىمى كۆپچىلىك تەرىچىدىن ئېيتىشىش شەكىلىدە كۈيلىنىدۇ. «يار – يار» قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى شۇ توينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قىز ئۆز رازىلىقى بىلەن بولغان تويلاردا، ئاساسەن قىزنىڭ مەدھىيىسى، گۈزەللىكى، قىزنىڭ بەخت – سائادىتى ھەققىدىكى ياخشى تىلەكلەر ھەمدە ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇقق – تۇغقانلىرىنىڭ ئارزۇ – تىلەكلىرى «يار – يار» قوشاقلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ئۆتمۈش جەمئىيەتتە فېئودالىزمنىڭ چىرىك قانۇن – تۈزۈملىرى قىز – يىگىتلەرنىڭ ئەركىن مۇھەببىتىگە يول قويۇلمايتتى. قىز – يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە يول قويۇلمايىتتى. قىز – يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا توي قىلىشقا مەجبۇر قىلىناتتى. كىشىلىك ھوقۇق پايمال قىلىنغان فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمى شارائىتىدا ئۆتكۈزۈلىگەن تويلاردا قىزنىڭ بەخىتسىز تەقدىرىگە بولغان ئېچىنىش، ئارزۇ – ئارمانلىرى ئەمەلگە ئاشىمىغان بىچارە قىزنىڭ مۇڭلۇق ھەسرەت – نادامەتلىرى، ئاتا – ئانىنىڭ نەسىھەت ۋە تەسەللىلىرى «يار – يار» ناخشىلىرىدا ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن:

تەكچىدىكى قاچىنى

چاڭ بېسىپتۇ، يار – يار

كېلىنچەكنىڭ ئانىسىنى.

غەم بېسىپتۇ، يار – يار.

ھاي – ھاي يۆلەن، ھاي يۆلەن

بىر باغ پاخال، يار – يار

يىگىتىگە قارىساڭ، پاخمال ساقال، يار – يار.

ھاي – ھاي يۆلەن، ھاي يۆلەن

قار كېلىدۇ، يار – يار.

بەرگى خازان توننى كىيىپ

يار كېلىدۇ، يار – يار.

«يار – يار» قوشاقلىرى ئارقىلىق قىزنى ئۇزىتىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق زامانلاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن.

توي كۈنى يىگىتلەر قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن «ھۆجرا كىچىسى» دە «چۈن – چۈن سالۋات» ئېيتىدىغان ئادەت ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، جەنۇنىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى توي -تۆكۈنلەردە كۆرۈلمەيدۇ.

«چۈن – چۈن سالۋات» قوشاقلىرى ئاساسەن كومېدىيىلىك تۈس ئالغان ھەجۋىي شېئىرلار بولۇپ، يىگىتلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىدۇ. «چۈن – چۈن سالۋات» قوشاقلىرىنىڭ «توشقان ئوۋلاش»، «جەرەن سەكرىدى»، «بۈرگەم» دېگەندەك مەخسۇس ناملىرى بار. ئالايلۇق:

بۈرگەمنى سويماق بولدۇم.

ئاتمىش قاسساپ ئەكەلدىم،

يەتمىشگە باغلاتتىم،

سەكسەنىگە باستۇردۇم،

توقسىنىغا سويغۇزۇپ،

توقسان توققۇزىغا ئاستۇردۇم.

بۈرگەمنىڭ گۆشىدىن بىز

مايلىق مانتا ياسىدۇق،

بىرنى يېسەڭ ئۇھ دەيسەن،

ئىككىنى يېسەڭ سۇ دەيسەن،

يالغان بولسا قاراڭلار،

مانتىدا باردۇر كاللىسى،

قىشتىن بېرى يەۋاتىمىز،

ھېلىمۇ بار تەڭ يارتىسى.

(«بۈرگەم» دىن پارچە)

مۇشۇنداق قىزىقچىلىقلاردىن كېيىن «پوتا ئويۇنى» ئوينىلىدۇ، «پوتا ئويۇنى» دا قىز – يىگىتلەر پوتىنىڭ ئۈچىدىن تۇتۇشۇپ لەپەر شەكلىدە بېيىت ئېيتىشىدۇ. بېيىت ئارقىلىق تاكى بىر تەرەپ يېڭىۋالغۇچە ئويۇن داۋاملىشىدۇ. بۇ ئويۇن «لەپەر كېچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لەپەر ئارقىلىق قىز ۋە يىگىتلەر بىر – بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، قائىدە بويىچە لەپەرنى ھەم ئۇنىڭ بېيتلىرىنى ئالدى بىلەن يىگىت تەرەپ باشلايدۇ. بۇنداق شەرت لەپەرنىڭ ئۆزىدە مۇنداق ئىپادىلەنگەن:

ئاۋۋال باشلاپ لەپەرنى قىز باشلىماس،

قىز باشلىغان لەپەرنى ئەل خوشلىماس.

قىسقىسى، توي جەريانىدىكى پائالىيەتلەر ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولۇپ، بەزى رايونلاردا مەشرەپ تۈسىنى ئالغان.

قىسقىسى، توي جەريانىدىكى پائالىيەتلەر ناھايىتى قىزىقارلىق ۋە جەلىپ قىلارلىق بولۇپ، بەزى رايونلاردا مەشرەپ تۈسىنى ئالغان.


جۇۋان تويى ۋە جۇۋانچە كۆڭلەك

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە خېلى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارنىڭ بىرى – جۇۋان تويىدۇر.

ئاياللارنىڭ ياشلىق داۋرى ئۆز مەزگىلىگە قاراپ قىزلىق دەۋرى (بالاغەتكە يېتىش دەۋرى)، سېكىلەك دەۋرى، چوكان دەۋرى، جۇۋان دەۋرى دەپ تۆت دەۋرگە بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە قىزلار ياتلىق بولۇپ ئىككى – ئۈچ بالىلىق بولغاندىن كېيىن يولدىشى (ئېرى) بىلەن مەڭگۈلۈك بىرگە ئۆتۈشكە ئىشەنچ ھاسىل قىلغاندا ھەمدە قىرانلىق مەزگىلىگە يېتىپ، ھەر جەھەتتىن سۈلكەت ۋەسلىگە تولغاندا ئايال ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە قولۇم – قوشنىلىرىنى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ «جۇۋان تويى» نى ئۆتكۈزىدۇ. جۇۋان تويى ئۈچۈن ئالاھىدە داستىخان تەييارلىنىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان ئايال مېھمانلار جۇۋاننى تەبرىكلەرپ ئۆز لايىقىدا ھەر خىل سوۋغا – سالاملار ئەكېلىدۇ، جۇۋان تويىدا جۇۋاننىڭ ئائىلىسى ھال – ئەھۋالىغا قاراپ ھەرخىل رەڭلىك بىر قانچە ياغلىق، جۇۋانچە كۆڭلەك، پەرىجە تون ۋە تەلپەك تەييارلايدۇ ھەمدە مېھمانلار ئالدىدا جۇۋانغا تەقدىم قىلىدۇ. جۇۋان تويىغا جۇۋان بولغۇچىنىڭ يولدىشى ئالتۇن ھالقا، سىرغا، بايراقلىرى ئايخاڭزا (قوش زىرە، يەنى ئۈچ قەۋەت بۆرەكچە چەمبەر قىلىپ ئوتتۇرىسىغا گۈمبەزسىمان ياقۇي كۆز ئورنىتلغان ئالتۇن زىرىنىڭ بىر خىلى)، سۆكە (ئۈستى زىرىسىمان، ئاستىغا بىر – ئىككى سانتىتېر ئوزۇقلۇقتا ساڭگىلاپ تۇرىدىغان، قوش تالالىق بىر خىل ئالتۇن ھالقا) تەييارلاپ سوۋغا قىلىدۇ. بۇ مۇراسىمىدا جۇۋان بولغۇچى سېكىلەك چېچىنى ئىككىگە ئايرىيدۇ، جۇۋان كۆڭلەك كىيىش – جۇۋان تويىنىڭ ئاساسلىق بەلگىسى. جۇۋانچە كۆڭلەك ئۆزگىچە، كۆپرەك ئاق ۋە يېشىل سىدام يىپەك رەختتىن تون ياقىلىق قىلىپ تىكىلىدۇ. بۇ كۆڭلەكنىڭ ئوڭ ياقىسىغا ئات باغرى رەڭ (جىگەر رەڭ) دە بەش قاتار يېرىم ئاي شەكىللىك مەشۇت جىيەك تۇتۇلىدۇ. بۇنداق جۇۋانچە كۆڭلەك ئۈستىگە چوقۇم پەرەنچە تون كىيىش شەرت قىلىنىدۇ. پەرەنچە قارا خاڭدەندىن ئالدى ئوچۇق تونچە قىلىپ تىكىلىدۇ، لېكىن تۈگمە بېكىتىلمەيدۇ. يېشىل تاۋاردىن پۈتۈن پەۋاز تۇتۇلىدۇ، ئىككى كۆكسى ئورنىغا يېشىل تاۋاردىن بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يەتتە قاتار يېرىم ئاي شەكىللىك جىيەك ئورنىتىلىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش كىيىملەر ناھايىتى يارىشىملىق بولۇپ، ئاياللارنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك تۈسكە كىرىگۈزىدۇ. بۇ كىيىملەرنى پەقەت جۇۋان تويى بولغاندىن كېيىن كىيىشكە بولىدۇ.

جۇۋان تويى ۋە جۇۋان كۆڭلىكى كۆپرەك كېرىيە ئايالىلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، كۆڭلەك ۋە پەرەنجە توننىڭ ياقىلىرى ۋە كۆكسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەتتە ۋە بەش دان ئاي شەكىللىك جىيەكلەرنىڭ بولۇشىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن، چۈنكى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىدە بەش ۋاخ ناماز، بەش پەرز، يەتتە قات ئاسمان، يەتتە ئىقلىم چۈشەنچلىرىگە سىموۋۇل قىلىپ بەش ۋە يەتتە سانلىرى ئۇلۇغلىنىدۇ. يېرىم ئاي شەكلىمۇ ئىسلام دىنىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى.

ئۆمۈشتە جۇۋان تويى ئۆتكۈزۈلىمىگەن ئاياللار ئۆلۈپ قالسا مېيىتكە يۇقىرىقى جۇۋان كۆڭلىكى ۋە پەرەنجە توننى كىيدۈرۈپ شەرتنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ كىيىملەرنى سالدۇرۇپ سۇغا ئالغاندىن كېيىن دەپنە قىلىش ئادىتى بولغان، شۇنداقلا يەنە خەلق ئارىسىدا جۇۋان دەۋرىگە يېتىپ، تېخى جۇۋان تويى ئۆتكۈزمىگەن ئاياللارنى «ئون بالىنىڭ ئانىسى تېخى چوكان سېكىلەك» دەپ مەسخىرە قىلىش ئادىتىمۇ بار. بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە جۇۋان تويى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلانغان بىر خىل مۇراسىم بولۇپ، ئۆزىگە خاس مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە. خەلقىمىز ئارىسىدىكى «جۇۋان بىلگەننى قىز نەبىلۇر» دېگەن تەمسىلدىن قارىغاندىمۇ، جۇۋان تويى ئۆز ماھىيىتى بىلەن ئىنساننىڭ ھايات مەزگىللىرى ئىچىدە ئەقىل – پاراسەتكە تولۇپ، تۇرمۇش يولىغا تولۇق ئىشەنچ تىكلەش دەۋرىنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.


بالىغا ئات قويۇش

مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» (1 توم، 525 – بەت) دا «كۈدەن» دېگەن سۆزنى «بالىغا ئات قويۇش زىياپىتى» دەپ چۈشۈندۈرگەن. بۇ بالىغا ئات قويۇش ئادىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئادەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرمۇ داۋامىلىشىپ كەلمەكتە. بالا تۇغۇلۇپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاتا – ئانا بالىغا ئات قويۇش كويىغا چۈشىدۇ، بالىغا ئىسىم تاللايدۇ، ئىسىم تاللاپ بولغاندىن كېيىن، تەقۋادار بىر ئادەم تەكلىپ قىلىنىپ، بالىغا ئىسىم قويدۇرۇلىدۇ. ئات قويغۇچى زاكىلاقلىق بالىنى قولىغا ئېلىپ، قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ تەكبىر ئېيتىپ، بالىنىڭ قولىقىغا ئەزان توۋلاپ ئېتىڭىز XXX بولسۇن، دەپ جاينامازغا دوملىتىدۇ. سورۇندا ھازىر بولغۇچىلار بوۋاقنى يېڭى ئىسمى بىلەن مۇبارەكلىشىدۇ. ئاندىن سورۇندا ھازىر بولغۇچىلارغا داستىخان سېلىپ ئۇلارنى مېھمان قىلىدۇ. ئات قويغۇچىنىڭ ئالدىغا پۇل ياكى باشقا ماددىي نەرسە قويۇپ رازى قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلاردا بالىغا ئات قويۇش بىر خىل مۇراسىم شەكلىنى ئالغان بولۇپ، بۇ مۇراسىمغا ئات قويغۇچى مۇللىدىن باشقا يەنە يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلار ۋە دوست – بۇرادەرلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ


ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىغا دائىر ئادەتلەر

1 ) ئۇيغۇرلاردا ۋاپات بولغۇچى ئىنتايىن ھۆرمەتكە ئىگە. شۇڭا ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا «مەرھۇم»، ئايال بولسا «مەرھۇم» دېگەندەك سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ تاۋۇتى قەبرىستانغا قەدەر كۆتۈرۈپ بېرىلىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ بىۋاسىتە تۇغقانلىرى قارىلىق تۇتۇپ ئەرلەر بېلىگە ئاق باغلايدۇ، ئاياللار بېشىغا ئاق ياغلىق سالىدۇ. تاۋۇت ئۇزىتىلغانغا قەدەر ئارىلىقتا ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەن ئاياللارغىمۇ ئاق ياغلىق سېلىپ قويىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ «يەتتە نەزىرىسى» بېرىلمىگۈچە بىۋاسىتەئەر تۇغقانلار بېلىدىكى ئاقنى يەشمەيدۇ، ساقال – بۇرۇتىنى ئالمايدۇ. بىۋاسىتە ئايال تۇغقانلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىرىقى بولمىغۇچە )بەزىدە يىلغىچە( بېشىدىكى ئاقنى ئالمايدۇ. قىزىل – تىزىل كىيىم كەيمەيدۇ، «قىرىقى نەزىر» دە ياكى «يىل نەزىر» دە ياشانغان بىرەر ئايال تەسەللى سۆزلەرنى قىلىپ ئاق سالغۇچىلارنىڭ بېشىدىكى ئاقنى ئېلىۋېتىپ، باشقا ياغلىق سېلىپ قويىدۇ. بۇ «قارىسىنى ئوشتۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ھازىردا ئائىلىدە ئويۇن – كۈلكە ۋە باشقا تاماشا ئىشلىرى زادى بولمايدۇ. ھەتتا قولۇم – قوشنىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە كۆڭۈل ئاچىدىغان پائالىيەتلەر ئېلىپ بارمايدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇرۇق – تۇغقانلار ئىچىدە تەييار بولۇپ قالغان توي كېچىكتۈرۈلىدۇ. توينى قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال بولسا ھازىردار ئائىلىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ.

2 ) ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلىدىغان «ئۈچ نەزىر»، «يەتتە نەزىر»، «قىرىقى نەزىر»، «يىل نەزىر»دېگەندەك نەزىرلەرپۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق بولسىمۇ، لېكىن بەزى يەرلەردە (بولۇپمۇ تۇرپان رايونىدا) يۇقىرىقىدەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈشتىن تاشقىرى يەنە «سىپارە» (بەش نەزىر)، «يۈزكۈنلۈك نەزىر» دېگەندەك نەزىرلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. ھەتتا بەزى يەرلەر (خوتەن) دە «يىگىرمە كۈنلۈك نەزىر» ئۆتكۈزۈلىدۇ. بەزى يەرلەردە «يەتتە نەزىر» چوڭ ئۆتكۈزۈلسە، بەزى يەرلەردە (تۇرپان رايونىدا) سىپارە چوڭ ئۆتكۈزۈلىدۇ. «ئۈچ نەزىر» ئاساسەن مۇردىنى سۇغا ئالغۇچىنى رازى قىلىش مەقسەت قىلىنىغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا پەقەت يۇغۇچىلار ۋە ئىمام -مەزىنلەر قاتنىشىدۇ. مۇردىنى يۇيۇش ئۈچۈن ئومۇمەن تۆت ئادەم قاتنىشىدۇ. بۇلارنىڭ بىر «باش يۇغۇچى»، يەنە بىرى «ئاياغ يۇغۇچى»، قالغان ئىككى سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى. «باش يۇغۇچى » مۇردىنىڭ بېلىنىڭ يۇقىرىقى قىسمىنى، «ئاياغ يۇغۇچى» بەلنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى يۇيىدۇ. يۇغۇچىلار يالغۇچ مېيىتنى يۇيۇپلا قالماستىن، يەنە كېپەننى تىكىپ تەييار قىلسىدۇ ۋە كېپەنگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردار ئائىلە ئۇلارنى ئىمكان بار ياخشى رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ نىمكەش كىيىملىرىنى يۇيۇپ تازىلاپ،يۇغۇچىلارغا قويىدۇ. بەزىلەر بولسا ۋاپات بولغۇچىنىڭ كىيىم – كېچىكى ئاياغ ئاستى بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئەن رەخت، پۇل قويىدۇ. قايسى خىلدىكى نەرسە قويۇلسۇن، «باش يۇغۇچى»، «ئاياغ يۇغۇچى» بىلەن سۇ قۇيۇپ بەرگۈچى پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مۇردا يۇيۇلۇپ سۈيى ياكى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان زەمزەم سۈيى سېپىلىدۇ. باشقا نەزىرلەر ئۆز لايىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ ئوغۇل – قىزلىرى ئۆز ئالدىغا نەزىر بېرىدۇ. ھازىر بولسا ئائىلە باشلىقى پەرزەنتلەر نامىدىن بىرلا قېتىم نەزىر بېرىدىغان بولدى. بۇ ياخشى ئەھۋال. ئۇيغۇرلاردا ھەر پەيشەنبە كۈنى «ئەرۋاھ» لارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىدىغان ئەھۋال داۋاملاشماقتا. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەممە «ئەرۋاھ» لار جۈمە كۈنى مەككىگە توپلىنىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيمىش. مەككىگە بېرىش ئۈچۈن «ئەرۋاھ» تېتىك بولۇشى لازىممىش. ھەر پەيشەنبە كۈنى ياغ يۇرىتىلسا «ئەرۋاھلار» تېتىكلىشىپ مەككىگە بالدۇرلا بارارئىمىش.

3 ( مۇردا يۇيۇلۇپ كېپەنگە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ۋاپات بولغۇچىنىڭ بالا – چاقىلىرى، يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى مۇردا بىلەن ۋىدالىشىدۇ. ۋاپات بولغۇچى ئەر بولسا ئۇنىڭ ئايالى، ئەگەر ئايال بولسا، ئۇنىڭ ئېرى مۇردا بىلەن ۋىدالاشمايدۇ. سەۋەبى جان چىققاندىن كېيىن ئەر ئايالغا، ئايال ئەرگە يات بولۇپ كېتىدۇ – دە، بىر – بىرىنى كۆرۈش «نامەھرەم» بولىدۇ، دەيدىغان قاراش ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى كۈچلۈك.

4) ئېرى ئۆلگەن ئايال ياكى ئايلى ئۆلگەن ئەر ۋاپات بولغۇچىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، ئۆلگۈچىنىڭ يىل بولمىغۇچە ئەرگە تەگمەيدۇ ياكى ئۆيلەنمەيدۇ (ئايرىم ئەھۋاللار بۇنىڭدىن مۇستەسنا). ئەگەر بۇنىڭغا رىئايە قىلماي ئەرگە تەگسە ياكى خوتۇن ئالسا، پەرزەنتلەرنارازى بولىدۇ. جامائەت تەگەيدۇ.

5 ) جىنازا نامىزى مەسچىتتە ئوقۇلىدۇ. ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ناماز چۈشۈر گۈچىگە ناماز ھەققى، نامازغا قاتناشقان غېرىب – غۇرۋالارغا «ئىسقات» بېرىلىدۇ. ئىسقات ئالغۇچىلار ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن خالىسانە ناماز ئوقۇپ قويىدۇ، ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، قەبرىستانلىققا قاراپ يول ئېلىنىدۇ. نامازغا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قەبرىستانلىققا بارىدۇ. جەسەت گۆرگە قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، جامائەت ئۇدۇل ھازىدار ئائىلىسىگە پەتىگە كېلىپ قۇرئان – تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ. ئەتىسى بامدات نامىزىدىن قايتقان جامائەت يەنە پەتىگە كىرىپ، قۇرئان – تىلاۋەت قىلىدۇ. جىنازىدىكى مۇردىنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى تاۋۇتقا يېپىلغان يوپۇقتىن بىلگىلى بولىدۇ. ئايالنىڭ تاۋۇتىغا گۈللۈك ئېسىل رەختلەردىن يوپۇق يېپىلىدۇ. ئەر بولسا ئاق ياكى قارا سىدام رەختتىن قىلىنغان يوپۇق يېپىلىدۇ.

6 ) قەبرە ئۈچۈن قۇرۇق يەر تاللىنىدۇ. ئۆتمۈشتە ھەر بىر ئائىلە جەمەتىنىڭ كېلىپ قالغانلار ۋاپات بولسا «مۇساپىرلار قەبرىستانلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمىي قەبرىستانلىققا كۆمۈلەتتى. قەبرە ئىگىلىرى قەبرىنى يوقلىغىلى چىقسا قەبرىنىڭ توپسىنى يۆلەپ ئېگىزلىتىپ قويىدۇ ھەم ئۇچار قۇشلار يېسۇن دەپ، ئۈستىگە دان چېچىپ قويىدۇ. بەزىلەر قەبرىنىڭ ئۈستىگە توپىسىنى شامال ئۇچۇرۇپ تۇرسا ياخشى، دەپ قارىسا، بەزىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، قەبرىنىڭ توپىسى ئۇچۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن گۈمبەز ياساپ قويىدۇ. قەبرىنىڭ باش تەرىپىگە قەبرە تېشى ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ۋاپات بولغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى يېزىپ قويۇلىدۇ. بەزىلەر قەبرىنى تۆمۈر ياكى ياغاچ رېشاتكا ئىچىگە ئېلىپ قويىدۇ. بەزىلەر قەبرە ئەتراپىغا دەل – دەرەخ تىكىپ، گۈل – گىياھ تېرىپ ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.

7 ) بەزىلەر جەسەتنى ئىلاج بار يول بويىدىكى قەبرىستانغا دەپنە قىلىدۇ. ئۇلار يولدىن ئۆتكۈچىلەر قەبرىستاندىكىلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قويىدۇ، دېگەننى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق قوشاق پەيدا بولغان ۋە ساقلانغان:

مەن ئۆلەرمەن، مەن ئۆلەرمەن

يولدا قويماڭلار مېنى.

يولدا قويساڭلار قويۇڭلار،

چۆلدە قويماڭلار مېنى.

8 ) ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن بېرىلگەن نەزىر تۈگىگەندىن كېيىن ئائىلە جەمەتى قەبرىستانغا بېرىپ، قەبرىنى يوقلاش، شۇنداقلا ھەر بىر روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيىتلاردا نامازدىن كېيىن قەبرىستانغا بېرىپ قەبرىنى يوقلاش ئادىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا.

9 ) ئۇيغۇرلادا «ئاتا – ئانامنىڭ ئايىغىدا ياتىمەن» دېگەن ئارزۇ كۈچكۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياقا يۇرتلاردا ۋاپات بولغۇچىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ جەسىتى يۇرتىغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنىدىغان ئەھۋاللار ياكى جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆز يۇرتىغا ئەكېتىدىغان ئەھۋاللار ھازىرمۇ بار.

10 ) بەزى ياشانغان ئادەملەر بالا – چاقىلىرىنى ئالدىرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھايات ۋاقتىدىلا ئۆلۈملۈكىنى ھازىرلاپ قويىدۇ، يەرلىكىنى چاپتۇرۇپ تەييارلاپ قويىدۇ.

11 ) ئائىلە چوڭلىرىدىن بىرى )مەيلى ئاتا، مەلكى ئانا( ئاغرىپ قېلىپ ساقايمىسا، كېسەلنىڭ تەلىپى بويىچە شۇ ئائىلىدە تەييار بولۇپ قالغان توينى قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ئۈلگۈرمەي كېسەل ۋاپات بولۇپ كەتسە،جەسەتنى دەپنە قىلماي تۇرۇپ نىكاھنى ئوقۇتۇپ قويۇپ، ئاندىن جەسەتنى ئۇزىتىدۇ. بۇ ئاتا – ئانىنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

12 ) ھازىدار ئائىلە ھازا بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۆز ئائىلسىدە تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنا ۋە ئەل – ئاغىنىلەر ئائىلىسى بىلەن ھەپتە، ھەتتا بىرەر ئايغىچە تاماق ئەكېلىپ تۇرىدۇ. كەلگەن تاۋاققا ھازىدارلار ۋە باشقىلار ئېغىز تېگىدۇ.

13 ) ئۇيغۇرلاردا ئىگە – چاقىسىز يېتىم – يېسىرلار، مۇساپىرلار ئۆلۈپ قالسا، ئۇنى «خالىس ئۆلۈم» دەپ، يۇرت – مەھەللە بىرلىكتە نامىزىنى چۈشۈرۈپ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى جامائەت خالىسانە ياردەم قىلىپ دەپنە قىلىدىغان ئادەت بار. بۇنداق خالىس ئۆلۈمنى ئۇزىتىشنى ساۋابلىق ئىش دەپ ھېسابلايدۇ.


ھازا قوشاقلىرى

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قەدىمىكى دەۋىرلەردىن باشلاپ مەيلى قايسى خاراكتېردىكى ئۆلۈم بولۇشىتىن قەتئىينەزەر «ئۆلۈمنىڭ ھۆرمىتى» ئۈچۈن ئۆلگۈچىنىڭ بالا – چاقىلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى قايغۇلۇق ئاھاڭدا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن يىغلايدىغان ئادەت بار. گەرچە ئىسلام دىنى قارىشىدا «ئۆلۈمگە يىغا – زار قىلىش تەقدىرگە تەن بەرمىگەنلىك، ئاللانىڭ ئەمرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈگەنلىك» دېيىلىپ، يىغلىماسلىقنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، لېكىن يىغا – زارسىز ئۇزىتىلغان ئۆلۈم جامائەتچىلىك ئارىسىدا غەيرىي ئىنكاس پەيدا قىلىدۇ. خەلق ئارىسىدىكى «ئۆلۈم يىغىسى بىلەن، توي كۈلكىسى بىلەن قىزىق»دېگەن تەمسىلمۇ مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان. دەرۋەقە،ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە يىغا مەرھۇمغا سېغىنىش ۋە جۇدالىق ھەسرەتلىرىنى بايان قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى ھەمدە «ئۆلگۈچىنىڭ ھازىسىنى ئاچقانلىق» نىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

ھازا ئېچىشنىڭ شەكللىرى خىلمۇ -خىل بولىدۇ. كۆپرەك رايونلاردا مەرھۇمنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىر ۋە يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئاساسلىق ھازىدار سۈپىتىدە مەرھۇمغا سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن مەرسىيە سۆزلىرى ياكى مەرھۇمدىن رازىلىق تىلەيدىغان تىلەك قوشاقلىرىنى يىغا ئاھاڭىغا جور قىلىپ ئېيتىدۇ. بۇنداق مەرسىيەنامىلەردا يەنە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ياخشى سۈپەتلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

مەرسىيەنامە (ھازا قوشاقلىرى) ئارقىلىق مېيىتنى ئۇزىتىش ئادىتى بولۇپمۇ ئاتۇش رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە قاغىلىقنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالاھىدىرەك بولۇپ، يۇرت – مەھەللىلەردە بىرەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ھازىسىنى ئېچىش ئۈچۈن شۇ يۇرتتا تونۇلغان ھازىچى (يىغىچى) تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇنداق ھازىچىلار ئاساسەن يېشى چوڭراق، پېشقەدەم ئاياللار بولۇپ، ئۇلار ھەم ھازا قوشاقلىرىنى ئىجاد قىلالايدىغان (قوشاق قاتالايدىغان) ، ھەم مۇڭلۇق يىغا ئاۋازى بىلەن كىشىلەردە مۇسبەت تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. يۇرت – مەھەللە ئىچىدە بىرەر كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ئالدى بىلەن ئەنە شۇ ھازىچى دەپ نام ئالغان ئايالغا خەۋەر بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھازىچى دەرھال مۇسبەت بولغان ئۆيگە يېتىپ كېلىدۇ ھەمدە ماتەم ئۈچۈن تىكىلگەن ئۇزۇن توننى تەتۈر كىيىپ بىر قولىغا ھاسا ئېلىپ،ئۆلگۈچىنىڭ شەنىگە بېغىشلانغان ھازا قوشاقلىرىنى ئۆزىگە خاس يىغائاھاڭى بىلەن ئېيتىدۇ. بۇ مەرسىيەنامىنىڭ تەسىرى بىلەن مەرھۇمنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە يۇرت جامائەتلىرى ئېغىر مۇسبەت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ. ئەگەر ۋاپات بولغۇچى كىشى شۇ يۇرتتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر زاتلار، خەلق ئىچىدىكى تەسىرى چوڭ قەھرىمانلار ياكى تۇيۇقسىز بالا – قازاغا يولۇقۇپ ۋاقىتسىز قازا تاپقان نارەسىدىلەر بولسا، ئۇنىڭ شەنىگە بېغىشلانغان ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىش ئۈزۈلمەي بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋدالدا ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىش مەرھۇمنى دەپنە قىلىشقا ئېلىپ ماڭغان پەيتتە يۇقىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

مەتەم مۇراسىملىرىدا مەرسىيەنەمىلەرنى ئېيتىش ئادىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا خاتىرىلەنگەن بۇنىڭدىن ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىكى خەلق ئىچىگە تارقالغان مەرسىيەنامىلەر بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.

ئالپ ئەر توڭا ئۆلدىمۇ،

ئەسىز ئاژون قالدىمۇ،

ئۆزلەك ئۆچىن ئالدىمۇ،

ئەندى يۈرەك يىرتىلۇر.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇشۇ مەزمۇندىكى مەرسىيەنامىلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، مەرسىيەنامە بىر ژانېر سۈپىتىدە ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتتىن ئۇرۇن ئېلىشى، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ماتەم مۇراسىملىرىدا ھازا قوشاقلىرىنى ئېيتىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.


مەنبە : <ئاتام يازغان بىر يۈرۈش كىتابلار> نىڭ <ئۇيغۇرلارنىڭ توي – تۆكۈن ئۆلۈم – يېتىم ئادەتلىرى > قىسمى