ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك

ئاپتور: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر, بارلىق شائىرلار


تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۇرسە ، قوتۇر بولۇر

(تۈركى تىللار دىۋانىدىن)

بىر زامانلاردا مەنمۇ سىزدەك ياش ئىدىم ،

ياشلىقىم غۇرۇرىدىن بەڭباش ئىدىم .

گاھ يۈگەنسىز شوخ- ئاساۋ بىر تاي كەبى ،

گاھ بۇلۇتلار ئىچرە ئۈزگەن ئاي كەبى .

تەلپۈنەتتىم ھەرنەپەس مۇشتاق بولۇپ ،

ئارزۇ دەرياسىغا قانماق بولۇپ .

بىر زامان تەكلىماكانغا ئىشتىياق –

قوزغىلىپ ، قويدۇم ئاڭا دادىل ئاياق .

تەلىيىمگە ھەمراھىممۇ بار ئىدى _

كى ، خوتەن كارۋانلىرى تەييار ئىدى .

قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز ماڭدۇق ئۇزاق ،

گاھى ئاتلىق ، گاھ ئىشەكلىك، گاھ ياياق .

بىزگە يول باشلار ئىدى ھېچ تېنىمەي ،

كۆپنى كۆرگەن ،كۆپنى بىلگەن بىر بوۋاي .

ئاخشىمى سۆكسۆك قالاپ ، گۈلخان يېقىپ ،

سوزۇلۇپ ئارام ئېلىپ چۆلدە يېتىپ ،

گاھ ھىكايەت ئاڭلىشاتتۇق ، گاھ راۋاپ ،

ئۇچرىسا چۆلدە كىيىك يەيتتۇق كاۋاپ …

بىر كۈنى تۈشكۈن قىلىپ قونغاندا بىز ،

بەك قىززىق بىر چۆچەكنى ئېيتتى بوۋىمىز .

بەلكى بۇ چۆچەكنى سىزمۇ ئاڭلىغان ،

ياكى بىر مەلۇم كىتاپتىن ئوقىغان .

كونىراپ قالماس لېكىن ھەق گەپ پەقەت ،

گەرچە تەكرار بولسىمۇ بىر نەچچە رەت ،

چۈنكى كۆپ سۈرتكەنسېرى ئەينەكنى بىز

شۇنچە روشەن بولغۇسى ئۆز ئەكسىمىز .

يەنە ھەر گۈلنىڭ پۇراقى ئۆزگىدۇر ،

گۈل خۇمارلار دىماغى ھەم ئۆزگىدۇر .

شۇڭا ، ئۇ چۆچەك مېنىڭدە كەتمىگەي ،

ئاڭلىغاننى باشقىلارمۇ ئاڭلىغاي _

دەپ بۈگۈن تۈزدۈم بايانىغا قوشاق ،

بولسىمۇ نۇقسانى گەرچە بىر قۇچاق .

1

بار ئىكەن تەكلىماكاندا بىر شەھەر ،

بۇ شەھەرنى دەر ئىكەن شەھرى قەمەر.

تا قەدىم <<يىپەك يولى >> دا كۈن ۋە تۈن

شەرق بىلەن مەغرىپ ئارا بولغاچ تۈگۈن .

پۇر كېتىپ داڭقى جاھانغا دەممۇ دەم ،

بولۇپتۇ ئەلنىڭ نەزىرىدە مۆھتىرەم .

ھەيۋىتى ھەم قەسرىدەك كاشانىسى

شۇ زامان بازارىنىڭ يىگانىسى .

كوچىلارغا سايىۋەن چىنارلىرى ،

بويلىشىپ بۇلۇت بىلەن مۇنارلىرى ،

چېلىنار كۈن ئالدىدا بوم قوڭغىراق ،

تارقىلار ئارچا ئىسىدىن خۇشپۇراق .

چۆرىسى خۇددى ئۇنىڭ باغى ئەرەم ،

باغ ئارا رەيھان پۇرايدۇ سۈبھى دەم .

تاغلىرىدا قاشتېشى ھەم كەھرىۋا ،

سۈپسۈزۈك مەرمەر بىلەن ياقۇت تولا .

سۈلىرى ئاندىن شىپالىق ، جىلۋىگەر ،

زەر چاچار ھەر مەۋجۇدە شامۇ سەھەر .

ئوتلىشار بۇغا – مارال پادا – پادا ،

قۇشلىرى پەرۋاز قىلار كەڭ دالادا .

خەلقى كۆپ مەشھۇر ئىكەن ھۈنەر بىلەن ،

قىز جۇۋانلار بەسلىشەر ئەرلەر بىلەن .

شايى – ئەتلەس ، زىلچىسىدىن دەممۇ دەم

رەشك بىلەن ھەيران ئىكەن ھىندۇ ،ئەجەم

شاھىمۇ ئۆز تەختىدە مەسرۇر ئىكەن ،

ئامىتى ، ئىقبالىدىن مەغرۇر ئىكەن .

ئۆزىمۇ تاۋغاچقا تەۋە شاھ ئىكەن ،

بولسا تاۋغاچ بىر دەرەخ ، ئۇ شاخ ئىكەن.

ھەممىدىن تاۋغاچ خانىغا كۈيئوغۇل –

بولغىنى ئۈچۈن ، سۇ ئىچىپ ئاندىن كۆڭۈل ،

ئۆتكۈزەركەن ئۆمرىنى بىدەرت بىغەم

لىك تولا قىينايدىكەن بىرلا ئەلەم .

چۈنكى بىر ئوغۇل يۈزىنى كۆرمەي ھۇنۇر ،

باشلىنىپ قاپتۇ ئۆمۈر باغىدا كۈز .

ئاھ چېكىپ ، ھەسرەت چېكىپ ، ئەپغان بىلەن ،

ئۇزۇتۇپ يىللارنى شۇ ئارمان بىلەن ،

ئاخىرى يالغۇز قىزىنى پادىشاھ –

تەختىنىڭ ۋارىسى دەپ قىپتۇ جاكار .

شاھ قىزى ھۆسنى جامالدا ھۆر ئىكەن ،

بەلكى كۆپ ئەللەر ئارا مەشھۇر ئىكەن .

بىر كۆرۈپ قالغان كىشى بوپتۇ ئادا ،

ئىككى كۆرسە قىلغۇسى جاننى پىدا .

كۈن بىلەن ئاي تەڭلا چىققاندەك شۇدەم،

ھۆسنىگە ئەمدى قوشۇلغاچ تاجى ھەم .

بىر بىرىدىن قىزغىنىپ بەگزادىلەر ،

ئەڭ يىراق ئەللەردىكى شەھزادىلەر –

ئەلچىسى بىرلە تولۇپ كەتكەچ شەھەر ،

پادىشاھقا ھەم يېتىپتۇ بۇ خەۋەر .

قارىسا بىر – بىرىدىن ئالىي مۇقام،

ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق گەپنى تامام ؟

ئاخىرى قىزىغا بېرىپ ئەركىنى شاھ ،

قىپتۇ خىلۋەتخانىنى باشقا پاناھ .

رازىلىق بىلدۈرمىگەچكە قىز بىراق ،

تارقىلىپتۇ بەزى بەگلەر ھەر قاياق .

بەزىلەر ئاڭلاپ بۇ قىز جاۋابىنى

باشلىشىپتۇ ئۆچ – ئاداۋەت بابىنى .

بەزىلەر ئۈزمەي ئۈمۈد قىپتۇ داۋام ،

شاھ قىزىغا ھەر كۈنى يوللاپ سالام .

شۇ يوسۇن بىر نەچچە ۋاق ئۆتكەن ئىمىش ،

ئاقىۋەتتە يۈز بېرىپتۇ غەيرىي ئىش .

2

شۇ شەھەرنىڭ چېتىدە بىر تۇل ئايال –

كۈن كۆرەركەن ئوغلى بىرلە قەدرى – ھال .

ئوغلى بىر پالۋان يىگىت بوپتۇ ئۆسۈپ،

ئەل ئىچىدە ئاتىسىغا ئىز بېسىپ .

گاھىدا يەر باغرىنى تىلغايدىكەن ،

گاھىدا چۆلدە كىيىك ئوۋلايدىكەن .

بىر كۈنى قاچقان كىيىككە دۇچ كېلىپ ،

يىقىتىپ تۇرغان ئىكەن ئوقيا ئېتىپ ،

دەل شۇ چاغدا چۆل تەرەپتىن بىر پەرى ،

بىر پەرىكىم ، بارچە گۈللەر دىلبىرى ،

قولدا ئوقيا ، بەلدە خەنجەر پارقىراق ،

ئاستىدا چىلان تورۇق شوخ ئارغىماق ،

قوغلىشىپ كەپتۇ كىيىكنى بىتۇيۇق ،

بۇ يىگىتنىڭ ئاتقىنىدىن خەۋىرى يوق ،

ئۇ پەرى بىلگەچ كېلىپ ئىشنىڭ سىرىن ،

ئاتقۇچىغا دەپتۇ دەرھال ئاپىرىن .

ئۇ يىگىت ، ئاتلىق پەرىگە بىر قاراپ ،

تېڭىرقاپ قاپتۇ گوياكى كۆز قاماپ ،

”نىمە بۇ ، ئادەممۇ ياكى ئۆزگە سىر ؟

ياكى كۈندۈز ئۇچرىغان شىۋىقەدىر ؟

ئادىمى بولسا ئەگەرچە ، ئېھتىمال ،

شاھ قىزىدۇر ”دەپ يىگىت قىپتۇ خىيال .

شۇ مەھەلدە ئارقىسىدىن ئات قويۇپ ،

بىپايان چۆللەر ئارا چاڭ توزدۇرۇپ ،

يېتىشىپ كەپتۇ يەنە بىر توپ پەرى ،

خۇددى باغنىڭ گۈللىرى ئىكەن ھەر بىرى .

ھەممىسى ئاتتىن چۈشۈپ نىزان بىلەن ،

شاھ قىزىغا باش ئېگىپ ئېكرام بىلەن ،

قوشتۇرۇپ قول تۇرغۇدەك قاتار – قاتار ،

بويلىرى گويا يېڭى ئۆسكەن چىنار .

دەل شۇ چاغ ئۆلگەن كىيىكنىڭ جۆرىسى –

كۆرۈنۈپ قاپتۇ يىراقتىن قارىسى .

شاھ قىزى ھەم كېنىزەكلەر شادىمان ،

ئات قويۇپتۇ تۇشمۇتۇشتىن شۇ تامان .

ئەلقىسسە ، شۇ بايىقى مەرگەن يىگىت ،

ئەمدىلەتتىن ھۇشىغا كەلگەن يىگىت

باشقىچە ھالغا چۈشۈپ ناگىھان ،

خۇددى ئەمدى قالمىغاندەك تەندە جان .

بىر تۇرۇپ ئاھ دەيدىكەن مىڭ تولغۇنۇپ ،

بىر تۇرۇپ پاھ دەيدىكەن باغرى كۆيۈپ ،

ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن نىمە بولغىنىن ،

نىمە دەرت ، نىمە بالاغا قالغىنىن .

بىرلا دەرت قىينايدىكەن بارغانسېرى ،

شاھ قىزىنىڭ سۈرىتى كەتمەي نېرى .

ئۆرۈلۈپمۇ شۇ خىيال ، شۇ ۋەسۋەسە ،

چۆرۈلۈپمۇ شۇ خىيال ، شۇ تەلۋەسە .

شۇ ئىكەن جاننى قىسىپ ئىسكەنجىدەك

ھەم غىدىقلاپ قىينىغان تىلسىز تىلەك .

قىسقىسى مەرگەن يىگىت شۇندىن بۇيان –

مۇپتىلالىق ئوقىغا بوپتۇ نىشان ،

نە شىكار ، ئېتىز ئىشى ، نە كالىسى

يادىغا كەلمەيدىكەن نە ئانىسى .

كۈنبويى ئاھ دەپ يۈرۈپ ، ۋاھ دەپ يۈرۈپ ،

تۈن بويى پەريات بىلەن پاھ دەپ يۈرۈپ ،

سارغىيىپ چىرايىمۇ بوپتۇ سامان .

راست ئەمەسمۇ“ ھەممىدىن كۆيۈك يامان ”،

3

نە تىۋىپ ، نە پرىخون ، نە بىر دۇئا –

بولمىغاچ بۇ غەلىتە دەردكە داۋا،

ئانسىسى مىڭ يالۋۇرۇپ ، مىڭبىر سوراپ ،

ئاڭلىماققا بوپتۇ ئوغۇلدىن بىر جاۋاپ ،

ئاخىرى يىغلاپ ئوغۇلمۇ زارۇزار،

قىپتۇ سىرنى ئانىسىغا ئاشىكار.

ئانسى كۆز ياش تۆكۈپ تارام – تارام ،

دەپتۇ :“ جان باغرىم ، جىگەر پارەم بالام ،

شۇنچە دەركە قالغىنىڭغا مەن سەۋەپ ،

چۈنكى سەندىن سورىمىدىم ھالىڭ نە دەپ .

نە قىلايكى ، تۇل خوتۇن بىچارىمەن،

كاج پەلەك رەپتارىدىن ئاۋارىمەن .

ھەر يىلى بەك قىسقا كەلدى قولىمىز ،

ھىچ ئېچىلماي ياخشى ئىشقا يولىمىز .

گەر ھايات بولسا داداڭ ئۇ رەھىمىتى

( چوڭ ئىدى ھەر ئىشتا ھىممەت غەيرىتى ).

ھالىمىز بولماس ئىدى مۇنچە يامان .

ھەم سېنى ئۆيلەر ئىدۇق ئاللىقاچان .

ھېلىمۇ بولساق ئامان ، بۇ كۈز چۇقۇم ،

سادىغاڭ بولسۇن بالام بارۇ يوقۇم .

شەھىرىمىزدە قىز تولا گۈل غۇنچىدەك ،

تېگى – تەكتى پاكىزە ھەم ئۈنچىدەك .

ئەتىلا ئۈمىد بىلەن ئۆيدىن چىقاي ،

تەلىيىڭنى بىر سىناپ كۆرۈپ باقاي .

شاھ قىزىنى ئويلىما ئوغلۇم لىكىن ،

ئاينى ئالماقتىنمۇ بۇ بىزگە قىيىن .

ھەر كىشىنىڭ ئۆز خىلى ، ئۆز جورى بار ،

كونا تۈگمەن چېغىدا ئۆز نورى بار .

شاھ قىزى بولماس ساڭا ھەرگىز قاياش .

تاڭسىمۇ تۇرماس ياغاچقا چۈنكى تاش .“

شۇ يۇسۇن قىلسا نەسىھەرلەر ئانا ،

ھىچ پىسەنىت بولماپتۇمىش لىكىن ئاڭا .

ئەكسىچە ، ئەزۋەلىشىپ بارغانسىرى ،

يەر قۇچاقلاپ ، باش كۆتۈرمەي ، ئاخىرى –

دەپتۇكى :“ گەر شاھ قىزى بولماس نىسىپ ،

ئۇشبۇ دەردتە ئۆلسەم ئەمدى نە ئەجىپ ،

ياخشىسى مەندىن رىزا بولغىن ئانا ،

قىسمىتىم شۇ بولسا ئەمدى ، ئەلۋىدا !“

ئاقىۋەت بىچارە مەزلۇم باغرى خۇن ،

شۇ نادان ، تەرسا ئوغۇلنىڭ كۆڭلىچۈن ،

تا ئۆلۈمگە ھەم تەۋەككۈل ئەيلىبان ،

ئوردىغا دادىل قەدەم بوپتۇ راۋان .

4

ئەلقىسسە ، ئۈچ كۈن ئۇدا ئوردا ئالدىنى –

سۈپۈرۈپ قىلغاندا ئىزھار دادىنى .

شاھقا يەتكەچ بۇ خەۋەر ، قىپتۇ قۇبۇل ،

بولسىمۇ بۇ ئەلچىدىن كۆڭلى مەلۇل .

مەيلىى دەپ ئۇ شاھمۇ بۇزماي ۋەدىسىن ،

چىللىتىپتۇ ئالدىغا مەلىكىسىن .

شاھ قىزى ھەيران بولۇپ قىپتۇ سۇئال :

“ كىم تەرەپتىن كەلدىڭىز ، بۇ نىمە ھال ؟“

شۇندا ئۇ بىچارە مەزلۇم ناتىۋان ،

شاھ قىزىغا ھەممىنى قىپتۇ بايان .

شاھ قىزى مەرگەن يىگىتىنى ئەسلىگەچ ،

قەھقەھە بىرلە كۈلۈپ مەسخىرلىگەچ .

دەپتۇ كىم : شۇ ئوغلىڭىز كەلسۇن كۆرەي ،

ھەم جاۋابىنى ئۆزىگە روشەن بېرەي .

ئوردىدىن قايتقاچ ئانا مىڭ غەم بىلەن ،

نەملىشىپ كىرپىكلىرى شەبنەم بىلەن .

شاھ قىزىنىڭ گەپلىرىن قىپتۇ بايان،

ھەم ھاقارەت قىلغىنىن تۇتماي نىھان .

شۇندىمۇ گەپكە پىسەنىت قىلماي يىگىت ،

ئانىنىڭ كۆز يېشىغا باقماي ، ئىسىت ،

خۇددى مەسىت پىلدەك چىقىپ ئۆيدىن گاراڭ ،

ئوردىغا ئۈمىد بىلەن بوپتۇ راۋان .

شاھ قىزى كۆرگەچ يىگىتنىڭ ھالىنى ،

ھىچ تاپالماي قايتۇرۇش ئامالىنى ،

ئويلىنىپ بىردەم ، ئاڭا دەپتۇ كېيىن :

“ تويلۇقۇمغا كۈچىڭىز يەتمەسمىكىن ؟“

“ قېنى ، – دەپتۇ ئۇ يىگىت ، – ئاڭلاپ كۆرەي ،

گەر كېرەك بولسا بۇ جاننى ھەم بىرەي .“

“ ياخشىسى ،- دەپتۇ ئۇ قىز ، – سىز سورىماڭ،

مەنمۇ ئېيتماي ، جېنىڭىزنى قىينىماڭ .

سىز ئەمەس ، مەنمەن دىگەن بەگ چېغىدا ،

ئاڭلىسا ، قالغاي پۇشايمان دېغىدا .“

“ مەيلى ، – دەپتۇ ئۇ يەنە ، – ئاڭلاپ كۆرەي ،

نىمە بولسا ھەم ئۆزۈمنىڭ شورى دەي .“

شاھ قىزى دەپتۇ ئاخىر :“ ئۆز مەيلىڭىز ،

خۇن تۆلەشكە بولسا شۇنچە رەيىڭىز .

ئانىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ھازىرغىنا ،

يۈرىكىنى ئەپكىلىڭ ئىسسققىنا .

تويلۇقۇم شۇلدۇر مىنىڭ ، بۇ سۆز تامام ،

پائىلاتۇن ، پائىلاتۇن ، ۋەسسالام !“

5

ئوردىدىن قايتقاچ ئوغۇل ھالى خاراپ ،

”نىمە گەپ ؟“ دەپتۇ ئانا ئەھۋال سوراپ .

ئوغلى دەپتۇ : جان ئانا كۆپ قىينىماڭ ،

تويلۇقى ئېغىر ئىكەن، گەپ سورىماڭ .

“ قېنى ئېيت، ئاڭلاپ باقاي ،- دەپتۇ ئانا

-مۈشكۈلۈڭنى ھەل قىلار قادىر خۇدا .“

شۇندا ئۇ تەرسا يىگىت كۆپ ئويلىماي ،

ھەممىنى ئېيتقان ئىمىش گەپ ئايىماي …

“ جان بالام غەم يىمىگىن ، – دەپتۇ ئانا ، –

سەن ئۈچۈن ھەممە نېمەم تەييار مانا .

گەر مۇرادىڭ مەن بىلەن ھەل بولسا ، تا –

بۇ مىنىڭ ئىسسىق جېنىم بولسۇن پىدا .

بىر ئەمەس ، مىڭ بىر يۈرەك بولسا بېرەي ،

ئال بالام ، تەسەددۇقۇڭ مەن بولاي!“

شۇندا بارچە يەر – جاھان ، بارچە ھايات ،

تاكى ئۇ چەكسىز سامادا كائىنات .

نېمى قىلاركىن بۇ يىگىت ئەمدى دىيان ،

كۈتكىنىدە ئاقىۋەتنى ، ناگىھان .

ئەقلىدىن ئازغان يىگىت قولدا پىچاق –

ئانىنىڭ ئالدىغا تىز كەپتۇ… بىراق ،

شۇ زامان بوران چىقىپ ، يەر سىلكىنىپ ،

كۆكتە گۈلدۈر ھەمدە چاقماق چېقىلىپ ،

ياغسىمۇ دەھشەتتە يامغۇر كەينىدىن ،

شۇندا ھەم يانماي ئۇ قاتىل پەيلىدىن ،

ئاخىرى قانلىق يۈرەكنى سۇغۇرۇپ ،

ئوردىغا ئوقتەك ئۇچۇپتۇ يۈگۈرۈپ …

دۈم چۈشۈپتۇ پۇتلىشىپ يولدا بىراق

ھەم يۈرەك ئىرغىپ چۈشۈپتۇ نېرىراق .

شۇندا چوغدەك قىزىرىپ ھەم نۇر چېچىپ ،

پارقىراپ تۇرغان يۈرەك ئېغىز ئېچىپ ،

دەپتۇ :“ جان باغرىم ، جېنىم ، ئالتۇن قوزام ،

بىر يېرىڭ ئاغرىدىمۇ جېنىم بالام ؟“

بۇ يۈرەكتىن ئۇرغۇغان ئۇشبۇ سادا –

دىن شۇئان تەسىرلىنىپ ھەتتا خۇدا ،

ئانىلىق مېھرى ئۈچۈن رەھمەت قىلىپ ،

شۇم ئەجەلنىڭ نۆۋەتىن ھەم رەت قىلىپ ،

ئورنىغا سالغاچ يۈرەكنى قايتىدىن ،

ئانا ھەم دەرھال تۇرۇپتۇ جايىدىن .

يوق ئىمىش ئوغلى قېشىدا قارىسا ،

ھېچ كىشى بىلمەس ئىمىش ھەم سورىسا .

شۇڭا كۆپ ئىزلەپ ئۇنى سەرسان بولۇپ ،

شۇ جۇدالىق دەردىدە ۋەيران بولۇپ ،

ئاخىرى ھالىدىن كىتىپ قالغان كېزى ،

قايتىدىن ئىش باشلاپتۇ ئاسمان گۈمبىزى .

6

بايىقى قاتىل چۆچۈپ ھەق قەھرىدىن ،

باشقا بىر ئەلگە كېتىپتۇ شەھرىدىن .

ئۇندىمۇ بىر پادىشاھلىق بار ئىكەن ،

ئەل ئۇنى تاغلار دىيارى دەيدىكەن .

ئۇ شۇ يۇرتتا بىر مۇساپىر ھالىدا ،

كۈن كۆرۈپتۇ نەچچە كۈنلەر خالىدا .

بىر كۈنى مىرشەپ تېپىپ ئۇندىن خەۋەر ،

تۇتقىلى نۆكەر بىلەن كەپتۇ سەھەر .

شۇندا ئۇ بىر نەچچىسىنى تاش بىلەن ،

بەزىسىنى مۇشىت ۋە پەشۋا ، باش بىلەن

يىقىتىپ ، قىلغاچ تامام زىرۇ زەۋەر ،

پادىشاھقا ھەم يېتىپتۇ بۇ خەۋەر .

بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھسى ھەم نۇقۇل ،

ھېلىقى مەلىكىگە باغلاپ كۆڭۈل ،

ھەر قېتىم يانغاچ جاۋاپسىز ئەلچىلەر ،

ئۇخلىماي ھەتتا ئۇ ئەمدى كېچىلەر ،

گاھى پۇل ، گاھى زۇلۇم قىلماق بىلەن

بەند ئىكەن بىر چوڭ قۇشۇن يىغماق بىلەن .

بايىقى تەرسا يىگىت پالۋانلىقى

خۇددى شۇ كۈنلەرگە دەل كەلگەن چېغى ؛

شۇ سەۋەپتىن پادىشاھمۇ شۇ كۈنى

“ بىر كۆرەي “ دەپ ، تۇتقۇزۇپ كەپتۇ ئۇنى ،

قارىسا ، بەستى يوغان بولغان بىلەن ،

گەپ – سۆزىدىن تولىمۇ نادان ئىكەن .

شۇندىقى لازىم ئىدى دەپ خۇش بولۇپ ،

كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدى قوش بولۇپ .

دەپتۇكىم :“ قىلساڭ ئەگەر خىزمەت ماڭا ،

كۈلگۈسى دۆلەت گۈلى جەزمەن ساڭا ،

چۈنكى ئۇ شەھرى قەمەر قىلدى نىزا ،

بەرمىكىم لازىم بولۇپ قالدى جازا .

شۇندا مەن دارغا ئېسىپ پاشاسىنى ،

يەتكۈزەي مەلىكىگە جەزمەن سېنى .

شەرت شۇكى ، پالۋانلىقىڭنى ئايىما ،

ئۆز دىيارىم دەپ ئاڭا يۈز قارىما !“

شۇندا ئۇ ئەقلى بۇزۇق ئازغىن نادان ،

نە نادانكىم ، لەنىتى تۇزكور قاۋان ،

باغلىبان دۈشمەنگە خىزمەت كەمىرىدىن ،

نەچچە ۋاغ تەلىم ئېلىپ جەڭ ھۈنىرىن ،

بىر كۈنى باشلاپتۇ ياۋ لەشكىرىنى ،

قانغا غەرق قىلماق ئۈچۈن ئۆز شەھىرىنى .

ياۋ تەرەپ پاشاسىمى دەل شۇ كۈنى

قىچقىرىپ خاس مەھرىمىدىن بىرسىنى ،

دەپتۇكى :“ بىزگە زەپەر كۈلگەن ھامان ،

قويما بۇ ئەبلەخنى ھەرگىز تىنىچ -ئامان .

ئارقىسىدىن ئوق ئېتىپ جايلا ئۇنى ،

تۇيمىسۇن ھەم چىقمىسۇن ھەرگىز ئۈنى .

چۈنكى ئۇ ئۆز ئىلىگە سالدى جاپا ،

ئەمدى قانداق كۈتكۈلۈك ئۇندىن ۋاپا !“

ئەلقىسسە ، ئۇ ياۋنى باشلاپ كىرگەن شۇ كۈن ،

قوزغىلىپ چۆللەر ئارا دەھشەت قۇيۇن ،

سىلكىنىپ يەرۇ زىمىن ، تىتىرەپتۇ تاغ ،

دومىلاپ تاشلار چۈشەرمىش ھەر قاياق .

ئۇرۇلۇپ قىرغاققا دەريا تاشقۇدەك ،

ۋادىدا جەرەن – كىيىكلەر قاچقۇدەك ،

ئۈركۈشۈپ بارچە ئۇچار قۇشلارمۇ تەڭ ،

تىنىچ ياتالماي قاپتۇ ھەتتا شەپىرەڭ .

شۇندا بىر بۆرە ئېگىز دۆڭدە تۇرۇپ ،

دەر ئىمىش ھۇۋلاپ ئاڭا لەنەت ئوقۇپ :

”ئەي رەزىل ئەبلەخ ، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي ،

ئادىمىدىن سەندىكى ھېچ چىقمىغاي .

مەن چېغىمدا ئۆڭكۈرۈم – ئىنىم سايان

باشلىمايمەن دۈشمىنىمنى ھېچقاچان .

گەرچە قان ئىچمەي تاپالماسمەن ئارام ،

ئۆز قېرىنداشىم قېنى مۇتلەق ھارام .

شۇمىدى سەندە ئادەملىك خىسلىتى ؟

ياغسۇن ئەمدى مەڭگۈلۈك ھەقنىڭ لەنىتى !“

7

شۇ يۇسۇندا تا يەتكۈچە ياۋدىن خەتەر ،

ئۇيقۇ ئىچرە غەرق ئىكەن شەھرى قەمەر .

سەلتەنەت تەختىدە شەھ غەپلەت بىلەن ،

مەست ئىكەن ھەر كۈنلۈكى ئىشرەت بىلەن .

بولسىمۇ مەلۇم قۇشۇن – لەشكەرلىرى ،

بولمىغانكەن ئېھتىيات تەدبىرلىرى .

چۈنكى نە ھاجەت ئۇرۇش دەپ ئويلىغان ،

باشقىلارنى ھەم ئۆزىدەك چاغلىغان .

دەل شۇ چاغدا ياندۇرۇپ دەھشەت ئالاۋ

باستۇرۇپ كىرگەچكە ئەلگە ۋەھشىي ياۋ ،

ئاندا يانغىن ، مۇندا قىرغىن – قەتلىئام

ھەم تالان – تاراج بىلەن خامان تامام .

ياۋ كېزەر پىتىراپ گويا چېكەتكىدەك ،

يەر – جاھاننى توزىتىپ يەپ كەتكۈدەك ،

قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ يۇرت ئەرلىرى ،

كۆپ ئىكەن ھەم زور ئىكەن ياۋ لەشكىرى .

ئاخىرى شەھرى قەمەر بوپتۇ قامال ،

ھەم قامالدىن يوق ئىكەن ئۆزگە ئامال .

گەرچە خانغا كەتسىمۇ دەرھال چاپار ،

يول يىراق ، تاغلار ئېگىز ، قاچان بارار ؟

بەختىگە قورغان تېمى بەكمۇ ئېگىز ،

تاش بىلەن پۇختا سېلىنغان دەخلىسىز ،

ياۋ كىرەلمەي قاپتۇ سىرتتا خېلى كۈن ،

تۇمشۇقى تاغقا تېگىپ ، ھالى زابۇن ،

قىلسىمۇ ياۋ كۆپ ھۇجۇم دەھشەت بىلەن ،

قايتۇرار قورغان ئۇنى شىددەت بىلەن .

چۈنكى ئەمدى ئويغىنىپ شەھرى قەمەر ،

ياش – قېرى ، ئەرۇ ئايال باغلاپ كەمەر ،

قوغدىماققا يۇرتىنى يادلاپ قەسەم ،

ھەممىسى قويغان ئىدى دادىل قەدەم .

قىلسىمۇ شۇنچە جاسارەتلەر ، بىراق ،

تەس ئىدى ياۋنى بوسۇغتىن قوغلىماق .

چۈنكى ياۋنىڭ سېپىدە بىر پەھلىۋان –

بار ئىدى ، خۇددى بىر غالجىر قاۋان .

ھىچ كىشى بەرداش بىرەلمەي زەربىگە ،

“ خەپ سىنى “ دەپ ئاستا قايتار كەينىگە .

قانچىلارنى شۇ قاۋان قىلغاچ ھالاك ،

ئەھلى قورغان ياقىسى كۆپ بولدى چاك .

ئۇ ئىدى شۇ بايىقى ئازغىن نادان ،

ئۇ نادان كىم ، بايىقى خائىن يۇھان

خەلق ئۇنى دەرھال تونالماي نەچچە كۈن ،

شۇ يۇسۇن ئۇ ئەلگە ساپتۇ قارا كۈن .

ئاخىرىدا بەزىلەر يەتكەچ تونۇپ ،

قارغىشىپتۇ تۇشمۇ تۇش لەنەت ئوقۇپ .

بەزىلەر “ ئەمەستۇ دەپ “ تالاشقۇدەك ،

بەزىلەر ئانىغا يات قاراشقۇدەك .

8

بىر كۈنى قورغان بېشىدا بەند ئانا ،

جەڭ ئىشىغا جان بىلەن پەيۋەنت ئانا .

بىر قاراپ مەيدان ئارا ھاڭ – تاڭ بولۇپ ،

ھېچ ئىشەنمەي كۆزىگە ھەيران بولۇپ ،

توۋا دەپ تۇتۇپ ياقا غەزەپ بىلەن

ئاھ ئۇرۇپتۇ مىسلى يوق بىر دەرد بىلەن :

“ ۋاي ئىسىت ، نېىمىدەپ سېنى تۇغقاندىمەن !؟

نېمىدەپ ئاق سۈت بېرىپ باققاندىمەن !؟

شۇمىدى سەندىن يېتەر ئەلگە ۋاپا ؟

بالىمەس ، بولدۇڭغۇ يۇرتقا بىر بالا !“

دەپتۇ – دە ، ئوتتەك يېنىپ غەمكىن كۆزى ،

تاشقىرى چىققان ئىمىش تەنھا ئۆزى .

قولدا تىغ ، ئات ئوينىتىپ تۇرغان قاۋان

تونۇغاچ ھەم ئانىنى كۆرگەن ھامان ،

ئېتىدىن دەرھال چۈشۈپ، رەڭگى ئۆچۈپ ،

يۈگۈرۈپتۇ ئالدىغا ئوقتەك ئۇچۇپ .

كەپتۇ – دە ، قۇچاق ئېچىپتۇ ئانىغا ،

تاش كەبى قاتقان ئىكەن لېكىن ئانا .

ئانىنىڭ ئۆتكۈر نىگاھى نەيزىدەك –

سانجىلىپ تۇرغاچقا كۆزگە يەكمۇ يەك ،

تىزلىنىپتۇ ئاخىرى ئۇ شۇم قاۋان

تىترە – تىترە بار ۋۇجۇدى ، باش تۆۋەن .

شۇ مىنۇت جىم بوپتۇ بارچە يەر – جاھان ،

نە جاھان ، جىم بوپتۇ ھەتتا ئاسمان .

مۇندا قورغان ئەھلى جىم ھەيرەت بىلەن ،

ئاندا دۈشمەن تىترىشەر دەھشەت بىلەن .

شۇ سۈكۈنات ئىچىرە ئۇ قەيسەر ئانا

بۇرچىنى نومۇس بىلەن ئەيلەپ ئادا ،

تىغ ئۇرۇپتۇ ياۋغا قايناپ نەپرىتى ،

دۈم چۈشۈپتۇ شۇ زامان ئۇ لەنىتى .

كۆز يۇمۇپ ئاچقۇنچە ئىش بوپتۇ تامام ،

ياش تۆكۈپتۇ ئانا ھەم تارام – تارام .

نە ئۈچۈن ياش تۆككىنىن بىلمەس ئىكەن ،

كۆز يېشىنى ئۆزىمۇ سەزمەس ئىكەن .

بىر چىگىش تۇيغۇ بىلەن بىھۇش كەبى

يادىغا ھېچ نەرسىمۇ كەلمەس ئىكەن .

دەل شۇ چاغ ۋولقان كەبى پارتىلاپ شەھەر

ئېتىلىپتۇ ياۋغا قارشى سەرمۇ سەر .

ئانىمۇ شەمشەر بىلەن جەڭگە كىرىپ ،

ئەل بىلەن ئالغا مېڭىپتۇ سەپ يېرىپ .

پىترىشىپ ياۋ ھەر قاياققا ئۇرۇنار ،

خۇددى بىر باشسىز يىلاندەك تولغىنار .

باستۇرۇپ قوغلار ئۇنى تاشقىن قىيان ،

ياۋ قاچار پىتىراپ پەرىشان ھەر تامان .

خاتىمە

سۆز تامام بولدى مانا ، چۆچەك تامام ،

ئەمدى نە ھاجەت ئىزاھات ، ۋەسسالام .

ھەر كىشى قىلسا تەپەككۈرنى ھەۋەس ،

بۇ جاھاندا ھېچنىمەرسە سىر ئەمەس .

جان نېمە ، جانان نېمە ، ۋەتەن نېمە ؟

ھەر كىشىنى ئادىمى ئەتكەن نېمە ؟

يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ ،

گۆش – تېرە ، سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە ؟

شول ئىرۇر بۇ چۆچىكىمنىڭ خاتىمى ،

مەنىسىگە يەتسە گەر ھەر ئادىمى .