ئىسلام دىنىدىن قىسقىچە ساۋات

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

دىن دېگەن نېمە؟ ئىسلام دىنى دېگەن نېمە؟

دىن ،ئەقىل ئىگىسى بولغان ئىنسانلارنى ئۆز ئارزۇلىرى بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشلىق ،خۇشاللىق ۋە بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن پەيغەمبەر ۋاستىسى بىلەن ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن ھەقىقەت ۋە ئاساسلار توپلىمدۇر.ئىسلام دىننى بولسا ،پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي يولى بىلەن ئەۋەتىلگەن ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ،ئىنسانلارغا توغرا رەۋشتە يەتكۈزگەن نىزام ۋە قائىدىلەر مەجمۇئىسدۇر.

ئاللاھنى قانداق تونۇيمىز؟ ئاللاھ ئىنسانىيەتكە قايسى كىتابلارنى چۈشۈرگەن؟

بىز ئاللاھنى ئۇ ئۆزنى ئۆز كىتابىدا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىدىن قانداق تونىغان بولساق شۇنداق تونۇيمىز.ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغ تەڭداشسىز بۇلۇپ، ئۇنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش يۇقتۇر.ئۇ بىردۇر، ھېچبىر ئوخشىشى يۇقتۇر.ئۇ ھىچ نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر.ھەممە نەرسە ئۇ زاتقا مۇھتاجدۇر.پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى ئاللاھدۇر.ئۇ غەيىبنى ئاشكارا بىلگىچىدۇر،ئۇنىڭ بىلىشى ،كۆرۈشى ،ئاڭلىشى چەكسىزدۇر. ئاللاھ زەبۇر،تەۋرات، ئىنجىل قۇرئان قاتارلىق كىتابلارنى چۈشۈرگەن.

قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب؟بۇ كىتاپ نەدە قاچان نازىل بولۇشقا باشلانغان؟

قۇرئان كەرىم ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ئەسناسىدا ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي بىلەن چۈشۈرۈلگەن. 114 سۈرە ،30 پاردىن ئىبارەت ئىلاھىي بىر كىتابتۇر.قۇرئان كەرىم مىلادى 610-يىلى مەككە ئەتراپىدىكى ھىرا غارىىدا (نۇر تېغىدا) رامزان ئېيىنىڭ 21- كېچىسى ؛ئۇقۇ؛ ئەمىرى بىلەن نازىل بولۇشقا باشلاپ 23 يىلدا تامام بولدى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسالام كىم؟ ئۇ قاچان نەدە دۇنياغا كېلىپ قاچان نەدە ۋاپات بۇلغان؟

مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھ تەرەپتىن ئەلچى قىلىپ بىكىتىلىپ پۈتۈن ئىنسانلارغا ئىسلام دىننى تارقىتىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر. ئۇ 570 –يىلى مەككىدە تۇغۇلۇپ 632-يىلى مەدىنىدە ۋاپات بۇلغان.

ئىسلامدىكى ئاساسى بەش پەرىز قايسىلار؟ پەرىز دېگەن نېمە؟

ئىمان ئېيتماق، ناماز ئۇقماق، روزا تۇتماق، زاكات بەرمەك، ھەج قىلماق،قاتارلىقلار بۇلۇپ يۇقىرىدىكى بەش پەرىز مۇسۇلمانلارنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان ۋەزپىسدۇر. پەرىز دىنىمىزدا قىلىنىشى كەسكىن بۇيرۇق قىلىنغان قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەر بولۇپ پەرىزنى ئادا قىلمىغان كىشى پاسىق،ئىنكار قىلغان كىشى كافىر بولىدۇ،

ئىمان ئېيتىش دېگەن نېمە؟

ئاللاھقا ۋە ئاللانىڭ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتابلارغا، ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلەرگە،قىيامەت كۈنىگە دوزاخ ۋە جەننەتنىڭ بارلىقىغا چىن دىلى بىلەن ئىشىنىشتۇر.

ناماز دېگەن نېمە؟ ناماز كىملەرگە قاچان ،قەيەردە پەرىز قىلىنغان؟

نامازبۇلسا تەكبىر بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلاشقان ئىبادەت بۇلۇپ ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە رەھمەت ئېيتىش ئپادسىدۇر.ناماز مۇسۇلمان بولغانلارغا، بالاغەت يېشى تولغانلارغا،ئەقلى ھوشى جايىدا بولغانلارغا پەرىز قىلىنغان. پەيغەمبىرىمىز مىراجىدىن چۈشكەندە ناماز بىلەن چۈشكەن. بەزى ئالىملار نامازنى مىلادى 622-يىلى پەرىز قىلىنغان. دەپ قارايدۇ.ئەمما بۇ توغرىلىق ئالىملارنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرى بار.

بەش ۋاقىت ناماز قايسىلار؟

بەش ۋاقىت ناماز : بامدات نامىزى ،پىشىن نامىزى، ئەسىر نامىزى، شام نامىزى، خۇپتەن نامىزى.

تاھارەت دېگەن نېمە؟

پاكىزلىق، تازلىق دېمەكلىك بۇلۇپ ناماز ئۇقۇشتىن بۇرۇن بىجا كەلتۈرىدىغان مۇھىم پەرىزدۇر.

روزا دېگەن نېمە؟ئۇ كىملەرگە قاچان ،قەيەردە پەرىز قىلىنغان؟

تاڭ سۈزۈلۈشتىن باشلاپ شام نامىزىغا قەدەر بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن يىمەك- ئىچمەك ۋە ئەر –ئايال ئوتتۇرسىدىكى جىنسىي مۇناسۋەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش دېگەنلىك بۇلۇپ رۇزا بالاغەت يىشغا تۇشقان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا پەرىزدۇر. روزا ھېيت ھىجرىيىنىڭ بىرىنچى يىلى(مىلادى 623-يىلى) مۇسۇلمانلارىغا پەرىز قىلىنغان.

زاكات دېگەن نېمە؟ كىملەرگە قاچان پەرىز قىلىنغان؟ كىملەرگە بېرىلىدۇ؟

زاكات دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى پاكلاش دېگەنلىك بولۇپ زاكات بېرىشكە قادىر كىشلەرگە پەرىز قىلىنغان. زاكات ھىجىرىيىنىڭ 2-يىلى (مىلادى 624-يىلى) مۇسۇلمانلارىغا پەرىز قىلىنغان بولۇپ مىسكىن مال مۈلكى يوقلار، قەرزدارلار ، پۇلى يۇق يولوچىلار،ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ۋەتىنى ،مىللىتى دىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلار ۋە زاكات يىغىشقا تەيىنلەنگەن كىشلەر گە بېرىلىدۇ.

ھەج دېگەن نېمە؟ھەج كىملەرگە قاچان پەرىز قىلىنغان؟

ھەج مەككە شەھىرىنىڭ كەبە ئەتراپىدىكى مۇقەددەس سانىلىدىغان ئالاھىدە يەرلەرنى ھە ج ۋاقتىدا كۆرسىتىلگەن كۆرسەتمىلەرگە ئۇيغۇن تاۋاپ قىلىش دېمەكتۇر. ھەج ئەقلى ھوشى جايىدا بالاغەت يىشغا تۇشقان، ھۆر، ھەجگە بېرىپ كېلىش خىراجىتى بۇلغان، يولىدا خېيىم خەتەرگە ئۇچراپ قىلىشتىن قۇرقىسى بولمىغان كىشلەرگە پەرىز. ھەج ئىبادىتى ھىجىرىيە 9-يىلى(مىلادى 631-يىلى) ئاخىرى پەرىز قىلىنغان.

ۋاجىپ دېگەن نېمە؟سۈننەت دېگەنچۇ؟

ۋاجىپ قىلىنىشى كەسكىن بۇلغان ۋە ئۇرۇندىلىشى بۇيرۇلغان ئىبادەتتۇر،ۋاجىپنى ئادا قىلمىغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ.ئىنكار قىلغان كىشى كافىر بولمايدۇ.سۈننەت رەسۇلىمىزنىڭ پەرز ۋە ۋاجىپتىن باشقا قىلغان ئىشلىرى بولۇپ قىلسا ساۋاب بېرىلىدىغان ئەمەلدۇر.

ھارام دېگەن نېمە؟

ھارام دىنىمىزدا قىلنىش قەتئىي چەكلەنگەن ئىشلاردۇر.دىنىمىزدا ھارام دەپ قارالغان بىر نەرسىنى قۇبۇل قىلىش ۋە ئۇنى قۇللاش ،ھەر قانداق ئادەمنى ئىماندىن چىقىرىدۇ.

جەننەت دېگەن نېمە؟ دوزاخ دېگەنچۇ؟

جەننەت باغچا دېگەنلىك بولۇپ ، تۆت ئەتراپى دەرەخلەر ۋە ئېىسل نېمەتلەر بىلەن بېزەلگەن مۆمىنلەرنىڭ مەڭگۈ قالىدىغان ماكانىدۇر. دوزاخ دېگەن ئاخىرەت كۈنى كافىرلار ئوت ئىچىدە داۋاملىق قالىدىغان ،گۇناھكار مۆمىنلەرنىڭ بولسا گۇناھلىرى تۈگىگەنگە قەدەر جازالىنىدىغان جازا مەيدانىدۇر.

سەدىقە پىتىر دېگەن نېمە؟

سەدىقە پىتىر پەقەت رامزان ئېيىدا ئۆز تۇرمۇشنى قامدىيالايدىغان ھەر جان ئىگىسى تەرىپىدىن نامرات-يوقسۇللارغا رۇزى ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بېرىلىدىغان بىر مەجبۇرىيەتتۇر.

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى قاچان قۇبۇل قىلغان؟

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىننى مىلادى 950-يىلى سۇتۇق بۇغراخان باشچىلىقىدا دۆلەت دىنى سۈپتىدە قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇرتا ئاسىيادا دۆلەت دىنى قىلىپ بىكتىلگەندى.

غەيۋەت دېگەن نېمە؟

غەيۋەت ئىنسانىيەت دۇنياسنىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنى بولۇپ ئسىلام دىنىدا ئەڭ چۇڭ گۇناھ ھىساپلىندىغان ئەڭ پەس قىلمىشلارنىڭ بىردۇر. غەيۋەت تۇغىرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام غەيۋەت قىلغان كىشنىڭ قاتتىق قەبرە ئازابىغا قالىدىغانلىقى تۇغىرسىدا خەۋەر بەرگەن ئىدى.

«مەرىپەت تور بېكتى»دىن ئېلىندى