ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)


ئىلاۋە:

مەن بۇ ماقالەمنى مەرھۇم قەدىرلىك ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەبەدىيلىك خاتىرىسى ئۈچۈن بېغىشلايمەن.

مەن ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ مېھرىبان ئانام، ماڭا ئىنسانلىقنى،ئىنسانىيەتنى جۈملىدىن ئۆز قوۋىنى سۆيۈشنى ئۆگىتىپ، ئەقىل-ئىدرىكىمنى ئاچقان بىرىنچى ئۇستازىم 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەزكۇر ماقالەمنى يېزىۋاتقان، كېچە-كېچىلەپ،ماتېرىياللار دۆۋىسىدىن مەنبەلەر ۋە ئۇچۇرلار ئىزدەۋاتقان كۈنلىرىمدە بىز بىلەن ۋىدالاشتى. مەن بۇ خەۋەرنى يىراق ئوكيان قىرغىقىدىن ئاڭلىغىنىمدا زور ئىلھاملار بىلەن خەت بېسىۋاتقان بارماقلىرىم بىردىنلا ئىشتىن توختىدى ، كۆزلىرىم خىرەلەشتى، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى، ئانامنىڭ مېھرىبان سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، ھەر بىر ئىلھامبەخش سۆزلىرى قۇلۇقىم تۈۋىدە قايتىدىن جاراڭلىدى، مەن ئۆز-ئۆزۈمگە سوئاللار قويدۇم ھەم جاۋاب تاپتىم، ئاخىرى كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ، يېزىۋاتقان مەزكۇر ماقالەمنى تاماملاپ، تېزراق ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چاڭقىغان قەلبلىرىنى ئازراق بولسىمۇ سۇغۇراي دېگەن قارارغا كەلدىم.

مېھرىبان ئانامغا ! جۈملىدىن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا ئەڭ ئالىي ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن!


      • *** ***


چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە جايلاشقان . بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندا ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى قولايلىق شارائىت تۈپەيلىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ جۇمھۇرىيەتكە ئەڭ كۆپ تارقالغان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە، تۈركمەنىستان ، تاجىكىستان، ئۇكرائىنىيە ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ ئاز ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.


ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلانسىمۇ، بىراق سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي-مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزلىرى ياشىغان جۇمھۇرىيەتلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.


ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېقىنقى ئىككى ئەسىرلىك تارىخى قوقەنت خانلىقى، چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەردىن ئىبارە مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي داۋالغۇشلىرى ۋە تەرەققىيات جەريانلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتى مانا شۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى.


ھازىرقى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياشىغان دۆلەتلىرى ۋە تۈزۈملىرى ئايرىم بولسىمۇ، بىراق ئورتاق ئۇيغۇر مەدەنىيەت گەۋدىسىگە مەنسۇپتۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن باشلىغان ئۆز ئالدىغا مىللىي كىملىك تىكلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىك ۋە مىللىي روھىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، مۇرەككەپ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. مەزكۇر ماقالىدە ئۇلارنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت-مائارىپ تەرەققىيات مۇساپىلىرى، شۇنىڭدەك قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئومۇمىي بايان بېرىش ئاساسىي نۇقتا قىلىنىدۇ.




1. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى


ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە ئالغاندا، بۈگۈنكى كۈنلەردە قازاقىستان ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتۇر. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىلىدىكى ئىستاتېستىكىسى بويىچە ،بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار 237532 نەپەر[1].


ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 2012-يىلىدىكى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك ئىستاتېستىكىسى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار 50 مىڭ نەپەر[2] .


ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2000-يىلىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدا 19526 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن، بىراق ھازىرغىچە يېڭى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بۇ جۇمھۇرىيەتتە 60 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان[3] . ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرلاردىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك غەيرى-رەسمىي پەرەزلەر مەۋجۇت.


تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق. 1890-يىلى، 270 ئائىلە، يەنى 1307 نەپەر ئۇيغۇر يەتتەسۇدىن تۈركمەنىستاندىكى مۇرغاب دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇلارنىڭ سانى 1990-يىلى 1392 نەپەر، 2010-يىلى، 2000 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان. 1928-1929-يىللىرى ، تۈركمەنىستاننىڭ بايرام -ئالى رايونىدا ئىككى ئۇيغۇر كولخوزى قۇرۇلغان ئىدى[4] . ئەمما ، تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بۇ جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجىكىستاننىڭ 1926-يىلىدىن تاكى 2009-يىلىغىچە بولغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسى تەركىبىگە ئۇيغۇرلار كىرگۈزۈلمىگەن.


رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئورۇنلاشقان جايلىرى يوق. مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار تارقاق ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى موسكۋا ۋە سانكتپېتېربۇرگ شەھەرلىرىگە مەركەزلەشكەن. رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2010-يىلىدىكى نوپۇسى 3690 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن[5] .


لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مەيلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنچ قىلماسلىق ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان مەلۇماتلىرى مەۋجۇت.


ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار جۇغراپىيىلىك ۋە تىل-دىئالېكت ئالاھىدىلىك بويىچە ئىككى ئاساسىي گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى پەرغانە گۇرۇپپىسى، يەنە بىرى يەتتەسۇ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت[6].


ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ پەرغانە گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلار رايونىدىن كۆچۈپ چىقىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ شەھەر ھەم دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئورۇنلاشقانلار بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن “قەشقەرلىكلەر” دەپ ئاتالغان ئىدى.


پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇ رايونى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى پائالىيەت قىلغان رايونلاردۇر. بۇ رايونلار بىلەن تارىم ۋە ئىلى ۋادىسىنىڭ زىچ تارىخىي باغلىنىشى مەۋجۇت. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندا بۇ ۋادىلارغا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلىرى 1759-يىلىدىن كېيىن باشلانغان مانجۇر-چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى ۋە قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. 19-ئەسىردىكى ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ ساندىكى قەشقەرىيە ئاھالىسى تۈركۈملەپ، پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەن ئىدى. قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا پەرغانە ۋادىسىغا 300 مىڭدىن ئارتۇق قەشقەرلىكلەر ماكانلاشقان[7]. شۇ دەۋرلەردىكى پەرغانە ۋادىسىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە نوپۇسى ھەققىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن گ.ئىسھاقوف، ئا.م. رېشېتوۋ ، ئا. ن. سېدلوۋسكايا، س. س گۇبايېۋا ، ئى.ۋ. زاخاروۋا، غ.سادۋاقاسوف ۋە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.


س. س. گۇبايېۋا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان[8].


سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئالىمى، ئاكادېمىك غوجاخمەت سادۋاقاسوف، پەرغانە ۋادىسىدا چوقان ۋەلىخانوف قەيت قىلغان 9 مىڭ نوپۇس دولانلىقلارنى قوشۇپ، 324 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى[9].

ئى. ۋ. زاخوروۋانىڭ قارىشىچە، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قوقەنت خانلىقى تەۋەسىدە 200-250 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان[10] .

پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئەسلىدىن بىر-بىرى بىلەن ئېتنىك پەرقى بولماسلىقى، تىل، دىن، سەنئەت ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلەردىكى ئوخشاشلىقلار قەشقەرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ خەلققە سىڭىشىپ، ھازىرقى زامان ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبگە ئايلاندى.


يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ۋادىسىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان ۋە 1881-يىلى رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسى « ئىلى شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ چېگرا ئايرىغاندىن كېيىن قورغاس دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئىلى تەۋەسىدىن رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن 45مىڭ تارانچى[11] ، يەنى ئىلى ئۇيغۇرلىرى شۇنىڭدەك 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ۋە باشقا شىمالىي رايونلاردىن كۆچكەنلەردۇر.


بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تىل جەھەتتىن ئالغاندا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتىغا مەنسۇپ بولۇپ ، پەقەت ئايرىم شىۋىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە خالاس. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ، يەنى بۇرۇنقى قەشقەرلىكلەر قەشقەر شىۋىسىنى ئاساس قىلغان. يەتتە سۇ رايونىدىكىلەر بولسا ئىلى شىۋىسىنى ئاساس قىلغان ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا «قەشقەرلىق» ۋە «تارانچى» دېگەن ئىككى خىل نام بىلەن بىر-بىرىنى پەرقلەندۈرگەن ھەم يەرلىك ئاھالىلار ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شۇنداق ئاتالغان ئىدى. 1921-يىلىدىكى تاشكەنت قۇرۇلتىيى نەتىجىسىدە « ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» بۇ خىل ئاتاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر نامى قەدەممۇ-قەدەم پەرغانە ۋە يەتتەسۇ گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى بولدى. قەشقەرلىق ۋە تارانچى ئاتالغۇسى پەقەت بىر مىللەتنىڭ ئىككى جۇغراپىيىلىك رايونغا جايلاشقان قىسىملىرىنىڭ ئايرىم ناملىرى بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئېتنىك نام ئەمەس ئىدى.


سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەۋجۇت. ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف 1923-يىلى، پۈتۈن turk ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 600 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتنى turk كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىغا مەلۇم قىلغان[12]. ئەنە شۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بۇرھان قاسىموف پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى يازغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پەرغانە ۋادىسىغا تارقالغان ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف كېيىنرەك پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى 500-700 مىڭ ئەتراپىدا دەپ يازغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىدى. بىراق، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، 1924-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پەرغانە ۋادىسىدىكى زور ساندىكى قەشقەرلىق ئۇيغۇرلار ئۆزبېك سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان. رۇسىيە ئالىمى سېرگېي ئاباشىننىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ زور ساندىكى «قەشقەرلىقلەر» سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1924-يىلى باشلىغان ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۆزبېك ئېتنىك تەركىبىگە قوشىۋېتىلىپ، يېڭى ئۆزبېك مىللىتىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىدى. بىراق، 1926-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇس تەكشۈرىشىدە، ئۇيغۇر مىللىتى « قەشقەرلىق»، «تارانچى» ۋە « ئۇيغۇر» دېگەن ئۈچ خىل نام بىلەن تىزىمغا ئېلىنغان. ئەمما، 1937-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە پەقەت ئۇيغۇر نامىلا ئىشلىتىلگەن[13]. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئىزچىل ئاز كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ تۈرلۈك سەۋەب-ئامىللىرى بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدە مىللىي سىياسەت ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى ئېتنىك پەرقنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1932-1933-يىللىرىدىكى ئاچارچىلىق، 1937-يىللىرىدىكى تازىلاش ۋە 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردۇر. مەسىلەن، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سانى 1947-يىلى، قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى جۈماباي شاياخمەتوف قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇش ھەققىدە موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتىدا 27 مىڭ دەپ مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، 1937-يىلىدىكىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئەلۋەتتە ،قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب،1932-1933-يىللىرىدىكى ئاچارچىلىق مەزگىلىدە زور ساندىكى ئۇيغۇرلار يەتتەسۇدىن ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، ۋەتىنىگە قايتمىغان ئىدى. ئەنە شۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1950-يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى ئاران 100 مىڭ ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان.

سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن تېز كۆپىيىشى 1954-1962-يىلىدىكى كۆچۈش نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتە سۇ گۇرۇپپىسى تەركىبىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، ئاتۇش ۋە باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلدى. تاشكەنت ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار تەركىبىگە ئىلى تەۋەسىدىن كەلگەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىمۇ قوشۇلدى.




2. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تەرەققىياتى


1954-1962-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىراقلا ئاشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، سەنئىتى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكلىرى كۈچەيدى ھەم راۋاجلاندى.


1954-1962-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى كۆپلىگەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش، جالال ئاباد، فرۇنزې، قاراقول ، توقماق قاتارلىق جايلىرىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى بۇ چاغدا مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىپ، ئۆزبېكلىشىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سانى ناھايىتى ئاز قالغان ئىدى. ئۆز ئېتنىك كىملىكىنى ساقلىغان ئۇيغۇرلار يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىردىنلا كۆپەيدى . ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ چاغلاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزبېكلىشىپ، ئۆز مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يۈتتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئېتنىك كىملىكىنى يوقاتمىغانلار يېڭى كۆچۈپ كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى رەسمىي شەكىلدە قايتىدىن پەيدا بولدى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.


قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار كولخوزلار، يېزا-قىشلاقلار ۋە شەھەرلەرگە توپلىشىپ، زىچ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز مىللىي كىملىكى، مائارىپى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلىشى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشى ئىدى. 1950-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىلا سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى.


سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى »، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى « سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئۇلاردىن چىققان ئالىملار « سوۋېت ئۇيغۇر ئالىمى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈلگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئورتاق «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان بىر گەۋدە يوقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرگە پارچىلىنىپ ئايرىم تەرەققىيات يولىغا مېڭىشقا باشلىدى.


گەرچە، يەتتەسۇ ۋە پەرغانە رايونىدىكى مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت جۇمھۇرىيەتكە تارقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم دىئاسپورىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلغان پەرغانە گۇرۇپپىسى بۈگۈنكى كۈنلەردە پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ تۈگىدى ھەمدە بۇ رايوندىكى قالدۇق ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى داۋاملىق تۈردە سىڭىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. گەرچە ئەنجان قاتارلىق رايونلاردا ھازىرمۇ مەلۇم ساندا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بار بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنۇتقان ، تىل ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىك جەھەتلەردىن ئۆزبېكلەردىن پەرقسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەمما، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پەقەت 1955-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن تەركىب ۋە قازاقىستاندىن بۇ جۇمھۇرىيەتكە خىزمەت يۈزىسىدىن بېرىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تاشكەنت شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەۋلادلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى قەدەممۇ-قەدەم ئاجىزلاش شۇنىڭدەك داۋاملىق ئۆزبېكلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە .


ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى بولسا ئۆز مىللى كىملىكى، مىللىي مەدەنىي-مائارىپى ، ئەدەبىيات-سەنئىتى، مۇزىكىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە ياخشى ساقلاپ قالدى شۇنىڭدەك بۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىر پارچىسىلىق رولىنى ئوينىماقتا. بۇ گۇرۇپپىنىڭ يەرلىك قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىشى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلمىدى. بىراق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم. ئەلۋەتتە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1954-1962-يىللىرى ئارىسىدا كۆچۈپ كەلگەنلىرى تەركىبىدە يەنە كۆپ ساندا ئەسلى قەشقەر ۋە ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ چىققانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەشۇ جايلاردىن ئالدىن بىلەن ئىلى ۋادىسىغا، كېيىن ئىلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتكەنلەر ئىدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۆزلىرىنى تارانچىلار، ۋە ياكى يەتتەسۇلۇقلاردىن پەرقلەندۈرۈش خاھىشىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ئەمما، ھازىر مۇنداق خاھىشلار ئاساسەن دېگۈدەك تۈگىگەن.




3. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى


ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى دۆلەت تۈزۈلمىسى بويىچە چار رۇسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەردىن ئىبارەت ئۈچ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بويىچە ئۈچ دەۋرگە ئايرىش مۇمكىن. بۇ ئۇچ دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ، خۇسۇسىيەتلىرى ، تەرەققىيات يۆنىلىش ۋە مۇساپىسى مەۋجۇت.


بىرىنچى دەۋر: چار رۇسىيە دەۋرى: (1878-1917-يىللىرى(


1878-يىلى، چار رۇسىيە پۈتۈن turk رايونىنى تولۇق ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان turk گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە ئىدارە قىلدى. تاكى 1917-يىلى،پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ھاكىمىيەتلەر بولشېۋىكلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈچىگە بولغان ئارىلىقتا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۇركىستاننى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا كىچىك كۆلەمدىكى يېنىك سانائەت بازىلىرىنى قۇردى ھەمدە تۆمۈر يول ياساپ، ئىچكىرى رۇسىيە بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا كىرىشتى. رۇسىيە سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ turk خام ئەشياسىغا بولغان ئېھتىياجى ئۇلارنى تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرگە زامانىۋى ياۋروپا مەدەنىيىتى، سانائەت ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە، ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى مەكتەپلەرنى ئېچىپ، يەرلىك خەلق پەرزەنتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە تەربىيىلەشكە مەجبۇر قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يەرلىك سودا گۇرۇھى ۋە يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ پېتىربۇرگ، موسكۋا، ئورىنبۇرگ ۋە باشقا شەھەرلىرىگە بېرىپ سودا قىلىش ھەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە نىسبەتەن چوڭ مىللەتچىلىك ۋە كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزسىمۇ بىراق، يەرلىك خەلقلەر مەلۇم رەۋىشتە ئىلغارلىقلار ۋە تەرەققىياتلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. لېكىن، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە قارىتا ھېچقانداق ئومۇميۈزلۈك مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتلەردىن گۈللەندۈرۈش، خەلقنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، بۇ ساھە ئۈچۈن مەبلەغ سالمىدى. يەرلىك خەلقلەر پەقەت ئۆزلىرىدىن چىققان خەلقپەرۋەر، يېڭىلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولدى.

رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئايرىمىچىلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدە ساۋاتسىزلىق ناھايىتى ئېغىر بولدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، مەيلى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئارقىدا قالغان ئىدى.ئۇيغۇرلاردىمۇ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئوخشاشلا يۇقىرى بولدى. زامانىۋى مەكتەپ ئېچىش، مەدەنىي ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. 1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئويغىنىش، مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ئەۋجى ئالدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز جەمئىيەتلىرى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى. بۇ جەھەتتە « تارانچى كومىتېتى» ئۆز ئالدىغا بىر قاتار پروگراممىلارنى قويغان ئىدى. سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتىن گۈللىنىشىنى چاقىرىق قىلىپ، بىر قاتار چارە-تەدبىرلەرنى قوبۇل قىلدى. يەرلىك خەلقلەرنىڭ چار رۇسىيىگە قارشى تۇرۇشى ۋە ئاخىرىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇشىدىكى ئامىللارنىڭ بىر ئالدىنقىسىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشى، كېيىنكىسىنىڭ مىللىي كەمسىتىشنى بىكار قىلىپ، مىللىي ،مەدەنىي-مائارىپ جەھەتلەردىن گۈللىنىش ۋەدىلىرىنى بېرىشىگە باغلىق ئىدى.

يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى 1883-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە پۇقرالىرىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما تاكى 1918-يىلىغىچە بولغان 40 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇلاردا مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كۆرۈنەرلىك گۈللىنىش مەنزىرىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى رۇس تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ھەمدە زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە بولدى. يەنە بىر قىسىمى بولسا، قازان، ئۇفا، ئورىنبۇرگ قاتارلىق جايلاردىكى تاتارلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق يېڭىچە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنى تەرەققى قىلدۇردى.

چار رۇسىيە دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق گۈللىنىش ئېلىپ كەلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىي-مائارىپىنىڭ رەسمىي شەكىللىنىش ۋە گۈللىنىشى سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا ئىشقا ئاشتى. يەتتەسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ، ئومۇمەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقى، ساۋاتسىزلىقنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف، بۇرھان قاسىموف قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرىدە كۆپ تەكىتلەنگەن ئىدى. بۇرھان قاسىموف يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ، «خەلقىمىزنىڭ 100دىن بىرى بولمىسا، قالغانلىرى يېزىشنى بىلمەيدۇ. ساۋاتسىزلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش چارىلىرى بىزدە تېخى كۆرۈلمىدى. كامچىللىك كۆپ،مىڭدىن بىرىنىمۇ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئىنقىلابتا پۈتۈن رۇسىيىدىكى ئايماقلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئېزىلگىنى بىز.ئاۋال ھەم، ھازىرقى كۈندە ئەڭ تۆۋەن،نادان سانالغىنى بىز، ئېغىرلىقنى، خورلۇقنى ئەڭ كۆپ تارتقان بىز ئۇيغۇر خەلقى»[14] دەپ يازغان.


ئىككىنچى دەۋر: سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى: ( 1918-1991-يىللىرى)


ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ستالىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن باسقۇچ ۋە ستالىندىن كېيىنكى باسقۇچ ھەم سوۋېت- جۇڭگو رەقىبلىك باسقۇچىدىن ئىبارەت ئىبارەت ئۈچ مەزگىلگە ئايرىش مۇمكىن. ستالىن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەنە 1937-1938-يىللىرىدىكى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ۋە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىنى چېگرا قىلىپ، ئىككى باسقۇچقا ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى باسقۇچ 1918-1941-يىللىرى بولۇپ، بۇ 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيەت-مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا ھەر ساھەلەر بويىچە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر زامانىۋى مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى يوقلۇقتىن بار بولۇپ، شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى.

بىرىنچى باسقۇچتا يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەنزىرىسى 1937-1938-يىللىرى ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتى بىلەن بىتچىت قىلىنغان بولسا، 1941-يىلى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى بىلەن كېلىپ چىققان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بىلەن تامامەن تۈگەشتى.

20-ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 1945-يىلىدىن تاكى ستالىن ئۆلۈپ خرۇشېۋ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەنگىچە بولغان باسقۇچتۇر. مەزكۇر باسقۇچتا ئۇيغۇر خەلقى بارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى ساقايتىش، دۆلەتنىن ئىقتىسادى ۋە ئىگىلىكىنى قايتىدىن قۇرۇش ھەم كۈچەيتىشكە ئاتلاندى. ستالىن ھۆكۈمىتى 1943-يىلىدىن كېيىن شەكىللەنگەن تىنچ ئوكيان-ئاسىيا رايونى ۋەزىيىتى، دۇنيا ۋەزىيىتى جۈملىدىن جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە كۆرە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىمۇ يېڭى ئىستراتېگىيە بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ دەل ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ھەم ياردەم بېرىشتە ئىپادىلەندى. 1949-يىلىدىن كېيىن بولسا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قوللاش ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى سوتسىيالىزم لاگېرىنى كۈچەيتتى. ئەنە شۇ بىر قاتار سەۋەب-ئامىللار تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1938-يىللىرى تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئېچىلىشقا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت -مائارىپ، سەنئەت ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرى ئەسلىگە كېلىش ھەم يېڭىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەرەققى قىلغان، گۈللەنگەن « سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» نى مودېل قىلىپ كۆرسىتىش ۋە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ئىدى.

ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، نىكىتا خرۇشېۋنىڭ شەخسكە سېغىنىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە ستالىننىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ستالىن دەۋرىدىكى گۇلاگلارنى بىكار قىلىپ، گۇلاگ تۇتقۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپىدا يېڭى تەرەققىيات يولى باشلاندى.

سوۋېت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى سوۋېت-جۇڭگو رەقىبلىك باسقۇچى بولۇپ، بۇ 1961-يىللىرىدىن 1989-يىللىرىغىچە بولغان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەرياندا نىكىتا خرۇشېۋ، لېئونىد برېژنېۋ ۋە مىخايىل گورباچېۋتىن ئىبارە ئۈچ شەخس مۇقىم ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈردى. برېژنېۋ بىلەن گورباچېۋ دەۋرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.


ئۈچىنچى دەۋر: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرى (1991-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە)


1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە 15 مۇستەقىل دۆلەت مەيدانغا كەلدى شۇنىڭدەك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى غەرب دۇنياسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشى دۇنيانى ئۆزگەرتتى، جۈملىدىن مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقىئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇناسىۋەتلەردە زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر بۇ 20 يىل ئىچىدە قەدەممۇ-قەدەم ئۆز مىللىي ۋە دۆلەت كىملىكىنى تىكلەش يولىنى تۇتۇپ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئاساسلىق مىللەتلەر‏- قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تۈركمەنلەرنىڭ دۆلەتچىلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيولوگىيىسىنى كۈچەيتىلدى. بۇ 20 نەچچە يىل ئىچىدە سابىق چار رۇسىيە، كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ياشىغان مەزكۇر خەلقلەر مۇستەقىل دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىش،ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇش ۋە مىللىي ئىپتىخارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تۈرلۇك پروگراممىلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز دۆلەتلىرىدە كۆپ مىللەت ياشىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي كىملىك ئىدىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۇتۈنلۇكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا « قىرغىزىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز» ، « قازاقىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز» دېگەندىن ئىبارەت « ئورتاق ۋەتەن» ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ھەم قېرىنداشلىقىنى تەكىتلىدى. گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى ئەسلىدىن ئورتاق مەدەنىيەت ۋە تارىخ كىملىكىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرك قېرىنداشلىقى ۋە تۈرك بىرلىكى شوئارىنى ئاشكارا ۋە رەسمىي رەۋىشتە يولغا قويۇلمىدى. ئەكسىچە يەنىلا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە مىللىي سىياسەت قوللاندى.

مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى قازاقىستاننى مەركەز قىلىپ، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمانىيىتىگە ئىگە بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئىگە بولۇشىدەك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى چەتكە قاقمىدى. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجرىتىش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۇزۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغى ۋە باشقۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تەشۋىقات ، تەتقىقات، مائارىپ ئورۇنلىرىغا قارىتا مەبلەغنى قىسقارتىش ئارقىلىق، بۇ ئورۇنلارنىڭ گورباچېۋ دەۋرىدىكىدەك ئالاھىدە سالاھىيىتىگە چەك قويدى، بەزىلىرىنى توختاتتى، بەزىلىرىنى بولسا قىسقارتتى. بازار ئىگىلىكى، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما، قازاقىستان ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدەداۋاملىق چىڭ تۇردى. قىرغىزىستاندا بولسا، ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا ھۆكۇمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق قازاقىستانغا ئوخشاش سىستمېىلىق مىللىي مائارىپىقا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بۇ جايدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى پەقەت ئاممىۋى تۇس ئالدى. ئۆزبېكىستان بولسا، تامامەن باشقىچە بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئۆزبېكلىشىشى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۇن مىللىي مائارىپتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوخشاشلا ئاممىۋى تۈس ئالغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئوخشاشا جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدىكى تىياتىرلارغا ، مەدەنىيەت -مائارىپ ئورۇنلىرىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن بولمىدى.

مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك بېسىمى، سىياسىي ئىدىيىۋى بېسىمىدىن قۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىدىيە جەھەتتىن ئەركىن تەرەققى قىلىش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش ھەم تەرغىپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى سىياسىي رامكىدىن قۇتۇلۇش بىىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ئانا ۋەتىنىدىكى ئومۇمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىش ۋە يۇغۇرۇلۇش ئىستىقبالىنى كۆردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» دېگەن سىياسىي ئېتنىك چۈشەنچىسى يوقىلىپ، ئۆزلىرىنى روھى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش ھېسابلاش خاھىشى كۈچەيدى. سوۋېت دەۋرىدە ئەسلىدىن بۇ زېمىندا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى« يەرلىك» ياكى « سوۋېتلىك» دەپ ، 1954-1962-يىللىرى كۆچۇپ كەلگەنلەرنى « كۆچمەنلەر» ، « خىتايلىقلار» دەپ ئايرىشتەك قىسمەن مەھەللىۋازلىق ئىللەتلىرى زاۋاللىققا دۇچ كەلدى. « يەرلىك ئۇيغۇرلار» دىكى ئۆزلىرىنى « ئۇلۇغ سوۋېت خەلقى» دەپ ئۈستۈن كۆرىدىغان خاھىشلىرىگە خاتىمە بېرىلدى. ئومۇمەن، مۇستەقىللىق دەۋرىدە «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» ئايرىم جۇمھۇرىيەتلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئورتاق « سوۋەتلىك» ئىدىيىسى ئەمەس، بەلكى ئانا ۋەتىنىدىكى يادرولۇق توپلۇق، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى بىلەن ئۆزىنى باغلاش، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيىسى ئالمىشىپ، تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.

مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى پىكىردىكى ئەركىنلىك، ئۇسۇلدىكى ئەركىنلىك بولۇپ، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ دېموكراتىك تۇزۇملىرىدىن نەپ ئېلىپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى قانۇنىي تۈزۈملەرگە بويسۇنۇش ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇش يولىغا كىردى. ئەلۋەتتە، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى مۇھىم بىر تېما. ئۇلارنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟ ھازىر قانداق يېڭى مەسىلىلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى؟ دېگەن سوئاللار قويۇلۇشى تەبىئىي. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشىدىكى ئاساسلىق نۇقتا مەزكۇر رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كەلگۈسىدە ئەشۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاساسلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت گەۋدىسى ئىچىگە سىڭىپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ سىڭىش ئورتاق تۈرك قېرىنداشلىقى نەزەرىيىسى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ ياكى باشقىچە يولدىمۇ؟ ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى بۇنداق رېئاللىقنىڭ مودېلىنى ئاللىقاچقان كۆرسەتكەن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەقدىرى قانداق شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن؟مانا بۇ ، مۇرەككەپ سواللاردۇر. ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كەگۇسى مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ يادرولۇق قىسىمى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تارماقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئەمما، نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا نىسبەتەن « قوش تللىق» سىياسەت يۈرگۈزمىگەن بولۇپ، نازاربايېفنىڭ ئۇيغۇر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مىللىي مائارىپىنى تولۇق رەۋىشتە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ ۋە قوغدىلىپ قېلىنىش ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن ھەسسە قوشۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمى ۋە شەرەپلىك ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشى ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچىنچى دەۋرى بولغان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى دەۋرگە قارىغاندا ئەركىن تەرەققى قىلىش يولىغا كىرگەن، ئانا ۋەتىنى بىلەن تەقدىرداشلىقى ئاشقان ،ئەمما كۈچلۈك ۋە مۇرەككەپ ئىستىقبال مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن دەۋردۇر.




4. 1920-1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى


مەزكۇر تېما ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ 1918‏-1941‏-يىللىرىدىكى باسقۇچغا مەنسۇپتۇر.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قازاقىستاندا ئەڭ دەسلەپ 1918-يىلى، « سادايى تارانچى» گېزىتى نەشىر قىلىنىپ، بىر مەزگىل تارقىتىلدى. گېزىتنىڭ ئىگىلىرى ھۈسەيىنبەگ يۈنۈسوف قاتارلىقلار « تارانچى كومىتېتى»غا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىي ئاقارتىش ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن بۇ گېزىت تارقىتىۋېتىلدى[15]. 1919-يىلى، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار « ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پروگراممىسى يەنىلا مەدەنىي ئاقارتىش بولغان ئىدى.

1919-يىلى ئالمۇتىدا تۇنجى قېتىم 4 سنىپلىق ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى ئېچىلدى. بۇ مەكتەپ 1925‏-يىلىدىن كېيىن 9 يىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئايلىنىپ سوپى زارۋات نامى بېرىىلىدۇ شۇنىڭدەك تۇنجى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ قالىدۇ.

«ئۇيغۇر جەمئىيىتى» يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەكتەپ ئېچىش، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن تاشقىرى يەنە «كۆك كۆينەكلەر» دەپ ئاتالغان سەنئەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، تۇنجى ئۇيغۇر دراممىلىرىنى ئوينىدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئا. روزىباقىيېفنىڭ « مەنسەپپەرەسلەر» درامىسى بار ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر تىياتىر گۇرۇپپىسى يەنە نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ « نۇزۇگۇم» دراممىسىنى ۋە كېيىن « ئانارخان » دراممىلىرىنى ئوينىدى. يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا دراما تىياتىرى تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلىش بىلەن دەسلەپكى ئۇيغۇر دراما رېجىسسورلىرى ۋە كەسپىي ئارتىستلىرى قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى.

1923-يىلىغا كەلگەندە ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ باشچىلىقىدا « ئۇيغۇر بىلىك ھەيئىتى» قۇرۇلۇپ، بۇنىڭ تەركىبىگە نەزەرغوجا ئابۇسەمەتوف، بۇرھان قاسىموف، ئىسمايىل تاھىروف قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كىردى[16]. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پروگراممىسى ئۇيغۇر تىل، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىدى. ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە 1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يەتتەسۇنىڭ ئۇيغۇرلار جايلاشقان بارلىق يېزىلىرىدا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇملىشىپ بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

بۇرھان قاسىموف ۋە ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئىزچىل تەكىتلىگەن بولۇپ، گەرچە 1921-1925-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار رايونىدا خېلى كۆپ ساندا مەكتەپلەر ئەچىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا بۇنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنىڭ داۋاملىق يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۆزىنىڭ 1925-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مەكتەپ ۋە مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، گەرچە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي-مائارىپىدا كورۇنەرلىك ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ بىراق، ئۇيغۇرلار ئۈچۇن ئەچىلغان مەكتەپلەرنىڭ يەنىلا ئازلىقىنى شىكايەت قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:

« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرلۈك جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان 500-700 مىڭ ئۇيغۇر مېھنەتكەشلىرى ئۇچۇن يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنىڭ سانى ئاران20-25تىن ئاشمايدۇ.بۇنىڭ تولىسى يەتتەسۇدا.مەكتەپلەرنىڭ تەمىناتى ناچار»[17].

ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئىزچىل تۈردە سوۋېت ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارمىڭ مەدەنىي-مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى، ياشلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيىلەشنى، مەكتەپلەرنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە 1925-يىلى، يەتتەسۇ ئوبلاستى بويىچە ئۇيغۇر مۇئەللىملىرى كېڭىشى قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، رەسمىي كېڭەش تەسىس قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى يەتتەسۇدىكى 17 ئۇيغۇر مەكتىپى ھۆكۈمەتنىڭ ھېسابىغا ئۆتۇپ، بارلىق تەمىناتنى ھۆكۈمەت زېممىسىگە ئالغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپى بۇرۇن باشلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىلا كۆپ ساندىكى ياشلار، موسكۋا، لېنىنگراد، تاشكەنت، باكۇ، قازان، ئالمۇتا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىلا ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا ياشلار ئالىي مەلۇماتلىق بولغان. ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە 1921-يىلى قازاق ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە تەلىم ئالغان 30-40 يېقىن ئۇيغۇر ياش تاشكەنت ۋە موسكۋادىكى تۈرلۈك مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن بولسا ، 1922-يىلى ، يەنە 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش موسكۋا ۋە تاشكەنتتىكى ئوقۇش ئورۇنلىرىغا يولغا سېلىنغان»[18].

1923-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش موسكۋا، لېنىنگراد، تاشكەنت، باكۇ ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە»[19] ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى موسكۋادىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.

ئۇيغۇر مەكتەپلىرى 1924-1925-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئايرىم جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن تېز كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 1925-1926-يىللىرىغا كەلگەندە پۈتۈن ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سانى 32 گە يېتىپ، ئۇنىڭدا 3490 ئوقۇغۇچى ئوقۇغان. 1928-1929-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سانى 42گە يېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاشقان[20].

بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاممىۋى يوسۇندا ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش، مەدەنىيەت ئاقارتىش پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، تۇرلۇك ئىشتىن سىرتقى ئاممىۋى سەنئەت، مەدەنىيەت گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى. ئالمۇتىدا سوپى زارۋات نامىدىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 1920-يىللاردىكى تۇنجى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى سۈپىتىدە كۆپلىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلىدى.


ئەمما، ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت باشقىچە بولۇپ، 1920-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆزبېك مەكتەپلىرىگە بارغان ئىدى. بىراق، 1930-يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان، تاشكەنت ۋە باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر، تېخنىكوملار، سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرى ھەم گېزىتلەر ئىش ئېلىپ باردى . 1933-يىلى قۇرۇلغان ئەنجاندىكى ئۇيغۇر دراما ۋە ناخشا- ئۇسۇل ئانسامبىلى ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا 1934-يىلى، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە « جانانخان» ناملىق كىنو فىلىمى ئىشلەنگەن ئىدى. ئەنجاندىكى ئۇيغۇر دراما ۋە ناخشا -ئۇسۇل تىياتىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە خېلى داڭ چىقىرىپ ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك تىياتىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەيسار ئىبرايىموف ( 1910-1986) غەنىجان تاشمەتوف ( 1913-) ، جالال ئاسىموف (1907-1968) قاتارلىقلار دەسلەپكى داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئىدى. غەنىجان تاشمەتوف ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى نامىغا سازاۋەر بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئۆزبەكىستانننىڭ « مۇقىمى» تىياتىرى، ئەنجاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە 1966-يىلىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلىنى باشقۇردى[21].


ئەيسار ئىبرايىموف بولسا، ئۇزۇن مەزگىل ئۆزبەكىستاننىڭ يولداش ئاخۇنبابايەف تىياتىرىدا خىزمەت قىلىپ، 1930-يىللاردىن ئېتىبارەن « لەيلە-مەجنۇن» دراممىسىدا مەجنۇننىڭ رولىنى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ رولنى 1100 قېتىم ئويناش بىلەن ئۆزبېكىستان دراما تارىخىغا يېزىلغان[22].


قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، غولام جەلىلوف ( 1901-1995)، ئەخمەت شەمىيېف ( 1908-1983)، ئەسقەرجان ئەكبەروف ( 1910-1981)، مىرخەلىل زەيناۋىدىنوف( 1911-1978)، ئەخمەتجان سوپىيېف( 1916-2000)، مەخپىر باقىيېف ، ئاياللاردىن خەلىچەم ئېلىيېۋا ( 1911-1997)، رۇشەنگۇل ئېلاخۇنوۋا ( 1920- 2000)، سەلىمە ساتتاروۋا ( 1920-1985) ۋە باشقىلار دەسلەپكى ئۇيغۇر كەسپىي دراما ئارتىستلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەم دراما ئارتىسلىق ھەم ناخشىچىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە تالانتى بىلەن قازاقىستان خەلق ئارتىستلىرى نامىغا بۇرۇنلا ئېرىشكەن ئىدى.


تاشكەنت 1920-1938-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ شەھەرگە مەركەزلەشكەن ئىدى. تاشكەنتتە، 1921-يىلى، « كەمبەغەللەر ئاۋازى»، « ياش ئۇيغۇر » ژۇرنىلى چىققان. «كەمبەغەللەر ئاۋازى » كېيىن ئالمۇتىغا يۆتكەلگەن.

1927‏-يىلىدىن ئېتىبارەن پىشپەكتە «قۇتۇلۇش» گېزىتى چىقىرىلىپ 1928‏-يىلى دېكابىردا سەمەرقەنتكە يۆتكەلگەن، 1930‏-يىلىدىن كېيىن تاشكەنتكە يۆتكىلىپ، « كۇن چىقىش ھەقىقىتى» گە ئۆزگەرتىلىپ ئۆزبېكىستان كومپارتىيسىنڭ ئورگان

گېزىت سۇپىتىدە 1936‏-يىلى « شەرق ھەقىقىتى»گە ئۆزگەرتىلىپ، كۆپ تىراژ بىلەن چىقىرىلغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا پەقەت بىر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىلا 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر كولخوزى ئىش ئېلىپ بارغان . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پەرغانە ۋادىسىغا جايلاشقان ئىدى[23].


تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 1927-يىلىدىن تارتىپ ، «ئىنقىلابچى شەرق» ناملىق ئەدەبىي، ئىجتمائىي-سىياسىي ژۇرنال چىقاردى. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، بۇرھان قاسىموف ۋە باشقىلار قىلدى. مەزكۇر ژۇرنال تاكى 1933-يىلىغىچە نەشىر قىلىندى. بۇ ۋاقىتتا يەنە قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى سۈپىتىدە « قىزىل تاڭ» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ، تاكى 1933-يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئالمۇتىدا « قىزىل تۇغ» گېزىتى نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.

بىراق، ئۆزبەكىستاندىكى « قۇتۇلۇش»،يەنى كېيىنكى« شەرق ھەقىقىتى» گېزىتى بىلەن «ئىنقىلابچى شەرق» ژۇرنىلى ۋە « قىزىل تۇغ» گېزىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەتبۇئات بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «قۇتۇلۇش»، كېيىنكى « شەرق ھەقىقىتى» گېزىتى بىلەن « كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەزكۇر گېزىت ۋە ژۇرناللار ئۇيغۇر خەلقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىجتمائىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتى ھەم سىياسەت-تۈزۈلمىلىرى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى چەتئەللەردىكى ئەھۋاللار، خەلقىئارا ھەم ئىچكى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىدى شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدنەئىيىتى، ئىجتىمائىي-سىياسىي،ئىقتىسادىي، تىل-ئىملا ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ ھەر خىل مەلۇماتلار، ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ تۇردى. بۇ گېزىت-جۇرناللار يەنە ئۇيغۇر ياش ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۇچۈنمۇ زېمىن ھازىرلىغان ئىدى.


تاشكەنتتىكى ئاز مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ۋە باشقا ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا 1920-يىللىرىدىلا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى بىلەن ئىشچىلار فاكۇلتېتىغا كىرىپ تەييارلىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەرگە رەسمىي ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. دەسلەپكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالدى بىلەن تاشكەنتتە ئالغان ئىدى.


سابىق چار رۇسىيە turk ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان تاشكەنت 1918-1924-يىللىرى turk سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، 1930-يىلىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان . سوۋېت رۇسىيىسى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ شەرق ۋە ئاسىيا ئەللىرىگە قاراتقان سىياسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تاشكەنتنى مۇھىم بازا قىلىپ بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن تاشكەنتنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا ساھەلىرىنى تېز سۈرەتتە راۋاجلاندۇرغان ئىدى. شۇڭا 1930-يىللىرىغا كەلگەندە تاشكەنت مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان شەھەرگە ئايلانغان . شۇڭا تاشكەنتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مەدەنىيەت مەركىزىي ئايلىنىشى تەبىئىي ئىدى.


پۈتۈن turk ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ( 1918-1924) تەۋەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاممىۋى -سىياسى تەشكىلاتى « ئالتىشەھەر-جۇڭغار مېھنەتكەشلىرىنىڭ ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» 1921-يىلى، 3-9-ئىيۇن كۈنلىرى تاشكەنتتە قۇرۇلتاي چاقىرغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق پروگراممىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەركىزى تاشكەنت شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن turk تەۋەسىدە ئۇنىڭ تارماقلىرى بار ئىدى.


تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، 1934-1938-يىللىرى ئارىسىدا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۈچ تۈركۈمگە بۆلىنىپ كەلگەن 150 گە يېقىن ئۇيغۇر ياش ئالى مەلۇماتلىق بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ھەم باشقا ئالىي مەكتەپلەردىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئىدى. تۇنجى ئۇيغۇر پروفېسسورلىرى بۇرھان قاسىموف (1901-1937) ، ئۆمەر قاسىمى ( -1938)، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى(1901-1937) ۋە باشقىلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ھەم باشقا ئالىي مەكتەپلەردە دەرس بەرگەن ئىدى.


ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مول ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى ياراتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان « دولقۇنلار ئارىسىدا » مۆمىن ھەمرايېف تەرىپىدىن يېزىلىپ، 1930-يىللاردا تاشكەنتتە نەشىر قىلىندى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پروزىچىلىقىدىكى تۇنجى پوۋېست « نۇزۇگۇم» نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف (1998-1951) تەرىپىدىن يېزىلىپ 1921-يىلى ئالمۇتىدا نەشىر قىلىندى.نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف 1920-يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تارىشۇناسلىقىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئۇ بۇ يىللاردا ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مىللىي كىملىكى ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدە كىتاب ۋە ماقالىلارنى دائىم ئېلان قىلىپ، بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى.

1930-يىللاردا مۆمىن ھەمرايېف ( 1907-1956( ،نۇر ئىسرائىلوف، (1910-1937)تۇردى ھەسەن)،(1909-1937 ئۆمەر مۇھەممىدى(1906-1931)، ھېزىم ئىسكەندوروف (1906-1970) ۋە باشقىلار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە تونۇلۇپ، تاشكەنت شەھىرىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.1930-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا گۈللىنىش مەنزىرىسى پەيدا بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بىر قانچە پوۋېستلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. مەسىلەن، مۆمۈن ھەمرايېفنىڭ « ئېغىر كۈنلەردە» ( 1931-يىلى)، نۇر ئىسرائىلوفنىڭ « كۈنلەر» (1934-يىلى)،« قىزىل تۇغ نىشانى» (1935-يىلى)، تۇردى ھەسەننىڭ « زۇلۇم ئوچىغى» (1934-يىلى)ناملىق پوۋېستلىرى ۋەكىل خاراكتېرلىقتۇر. 1920-يىللارنىڭ ئاخىرى 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنە شۇ ئىسمى ئاتالغان ئەدىبلەردىن باشقا يەنە ئۆمەر مۇھەممەدى،ئابدۇلھەي مۇھەممەدى،ئا.خۇدايقۇلوف،م.ئادىلوف ( ئىلدىرىم) باشقىلار كۆپلىگەن ھىكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلدى. 1930-يىللار پروزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي زۇلۇم ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى يورىتىش بولغان ئىدى. پروزادىن باشقا يەنە يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئەدىبلە ۋە ھېزىم ئىسكەندوروف، ھېبىب زاكىرىي ۋە بائاشقىلار مەخسۇس شېرىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ داستانلىرى ۋە ئايرىم شەئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىندى[24].


پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكلىرى ئەنە شۇ تاشكەنتتىكى «ئوقۇتقۇچى» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن تەييارلاندى. 1930-1938-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر سىياسىتى مۇھىم ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولۇپ، موسكۋا شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى بېسىقتۇرۇپ، خوجا نىياز ھاجى قاتارلىقلارنى شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتوروللۇقى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. شېڭ شىسەي سوۋېتپەرەس سىياسەت يۈرگۈزدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى تەسىرى كۈچەيدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى تىكلەش، ئۇيغۇر خەلقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل روھ بىلەن تەربىيىلەش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ 1920-1930-يىللىرى ئارىسىدا تەربىيىلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىي-مائارىپىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايىش قىلغان ئىدى.

1920-30-يىللاردا يەنە ئالمۇتىدا « كەمبەغەللەر ئاۋازى» ، « قىزىل تۇغ»ۋە « قىزىل تاڭ» قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللار نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىپ 1938-يىل پۇتۇنلەي يوق قىلىندى.

سوۋېت ئىتتىپاقى پېداگوگىكا پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى، يەنى ئاكادېمىك نامزاتى ، پروفېسسور مەرھۇم مۇرات ھەمرايېفنىڭ تەكشۈرۈشىچە، سابىق سوۋېت ئۇيغۇرلىرى 1930-يىللاردا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولغان، ساۋاتسىزلىق پۈتۈنلەي دېگۈدەك تۈگىتىلگەن ئىدى. 1930-يىللاردا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ گۈللىنىش پەللىسى يارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما 1937-يىلىدىكى ستالىننىڭ «خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش» ھەرىكىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە مائارىپى زەربىگە ئۇچرىدى. ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە بۇ ئەدىبلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىگە تاشلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى. ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلق دۈشمەنلىرى ئاتالدى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ئىدى. ھەتتا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىمۇ تاقىۋېتىلگەن ئىدى[25]. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتتە ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت چىقىرىلمىدى. ئەمما، 1943-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيوروسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش قارارىنى قوبۇل قىلىشى نەتىجىسىدە، 1943-1949-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە «شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ ژۇرنال سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنى مۇددىئا قىلغان ئىدى. ئالمۇتىدا بولسا، « قازاق ئېلى» ژۇرنىلى چىقىرىلدى. 1949-يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يەنە شۇ جۇڭگو سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بىر مەزگىل« شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلى قارمىقىدا «شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى»نى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، ئۇيغۇر تىلىدا بىر قانچە يۈز پارچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رومان -پوۋېستلىرى ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى شۇنىڭدەك دەرسلىك، قوللانما ۋە باشقا ئىلمىي ساھەگە مەنسۇپ كىتابلارنى نەشىر قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ خىزمەتلەرگە 1937-يىلىدىكى تازىلاشتىن ۋە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن ئامان قالغان تۇرسۇن رەھىموف، ئەرشىدىن ھىدايەتوف، ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف، ئايشەم شەمىيېۋا، قادىر ھەسەنوف قاتارلىق بىر قىسىم ئاتاقلىق سوۋېت ئۇيغۇر ئالىملىرى رەھبەرلىك قىلدى.




5. ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىي-مائارىپى


1937-يىلىدىن كېيىن، بولۇپمۇ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تاشكەنتتىن ئالمۇتىغا يۆتكىلىپ، بۇ شەھەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىشقا يۈزلەندۈرۈلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1950-يىللاردىن كېيىن، 1938-يىللىرىدا پۈتۈنلەي خاراب قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى قايتىدىن تەرەققى قىلىش يولىغا كىردى.


سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن كېيىن، قازاقىستان ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1950-90-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا «كوممۇنىزم تۇغى» گېزىتى نەشىر قىلىنىپ، قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن « ئۇيغۇر ئاۋازى»غا ئۆزگەرتىلدى. 1990-يىللاردا يەنە « يېڭى ھايات» ، « يېڭى زامان» ، «پەرۋاز»، « ئارزۇ» قاتارلىق گېزىتلەر ۋە بىر قىسىم ژۇرناللار نەشىر قىلىندى.


قازاقىستاندىكى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆز ئانا تىلىدا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى ھەتتا ئالى مەكتەپ مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى نەشرىيات ئورۇنلىرى، مەسىلەن « قازاقىستان»، « يازغۇچى» « نائۇكا»، « مەكتەپ» ۋە باشقىلار ئۇزۇن مەزگىل ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، نۆۋەتتە، بۇ جۇمھۇرىيەتىكى ئۇيغۇر مائارىپى، نەشرىياتچىلىقى، سەنئىتى ۋە باشقىلار ئۆز پائالىيىتىنى سىستېمىلىق تۈردە داۋاملاشتۇرماقتا. بولۇپمۇ، خۇسۇسىيلار ئاچقان « ناش مىر» نەشرىياتى ئۇيغۇر نەشىرىياتىچىلىقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلماقتا. قازاقىستاندىكى بۇنداق ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ئىمكانىيىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن بىر قانچە ئەۋلاد ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ئاساس بولغان ئىدى.


قازاقىستاندا 1950-2000-يىللىرى ئارىسىدا جامال بوساقوف( 1918-1987)، خىزمەت ئابدۇللىن(1925-1986)، قادىر ھەسەنوف( 1912-1976)، زىيا سەمەدى ( 1914-2000) ، ئىليا بەختىيا( 1932-1987) ، دولقۇن ياسىن (1938-2005)، مەسىمجان زۇلپىقاروف( 1925-2012) ، ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف (1940-؟)، تۇرغان توختاموف ( 1940-؟) پاتىگۈل سابىتوۋا (1936-؟)، يۈسۈپبېك مۇخلىسوف (1920-2004)، خەلىل ھەمرايېف ( 1928-1993)، شايىم شاۋايېف (1938-؟)، رەھىمجان روزىيېف (1938-2013) ،ئابدۇكېرىم غەنىيېف ، ئابدۇمېجىت دۆلەتوف ، ئەخمەتجان ھاشىروف، پاتىگۈل مەقسەتوۋا ۋە باشقا يۈزلىگەن ئەدىبلەر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى بىر قىسىمى ھەم يېڭى ئەۋلاد ئەدىبلەر ھازىرمۇ داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا. زىيا سەمەدى ۋە خىزمەت ئابدۇللىن قاتارلىقلارنىڭ نامى ھازىرقى زامان ئومۇمىي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى.


قىرغىزىستاندا بولسا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئېچىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر سىنىپلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ بۆلۈمى خېلى ئۇزۇنغىچە ئىش ئېلىپ بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ جۇمھۇرىيەتتە سىستېمىلىق ئۇيغۇر مائارىپى مەۋجۇت ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما ئاممىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى« ئىتتىپاق» نامىدا گېزىت چىقارماقتا. بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرى قىرغىزىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنى تەسىس قىلغان. ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئىسرائىل ئىبرايىموف ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىردىن-بىر رۇس تىلىدا رومانلارنى يېزىپ نەشىر قىلىپ، رۇس يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ئاتاقلىق يازغۇچىدۇر. ئۇ، قىرغىزىستان تەۋەسىدە چىڭگىز ئايتماتوفقا ئوخشاش رۇس تىلىدا رومانلارنى يازغان رۇس تىللىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىك روھ سىڭدۈرۈلگەن ئىدى.


1990-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئاساسلىقى تاشكەنتكە توپلانغان بولۇپ، ئاتاقلىق ئەدىبلەردىن ئوسمان مەمەتاخۇنوف ( 1925- 1981-؟ )، روزى قادىرى (1925-2001،(ئىمىن ئوسمان، سېيىتجان سېتىشىپ ۋە باشقىلار كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىمىن ئوسمان بىلەن روزى قادىرنىڭ نامى ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. پېشقەدەم ئەدىب روزى قادىرى 1940-1950-يىللىرىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى.


سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە دۆلەتنىڭ رۇس تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە زور ساندىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى رۇس تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان بولۇپ، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنىڭ رۇس تىلىنى قوللىنىش نىسبىتى داۋاملىق يۇقىرى بولغان ئىدى. بۇلار ئاساسلىقى شەھەرلەرگە جايلاشقان. ئەمما يەتتەسۇ ۋادىسىدىكى يېزا قىشلاقلاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن، يەركەتتىن تارتىپ، ئالمۇتىغىچە بولغان جايلاردىكى 60 ئەتراپىدىكى تولۇق ۋە ئارىلاش ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيە كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولماقتا. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى قازاقىستان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئەڭ چوڭ مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلىشى پەقەت ئاممىۋى خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشى بۇ جەھەتتە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. يەرلىك خەلققە سىڭىش ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئىزچىل كۆپىيەلمىگەن. ئەمما، ئۇلارنىڭ 1920-يىللاردىكى ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، ئاز نوپۇسلۇق تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي شەخسلەر، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەللەردە تۇرىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ۋە ئالىملار يېتىشىپ چىققان ئىدى. مەسىلەن، دىپلومات ۋە مىنىستىرلىق ۋەزىپىلىرنى ئاتقۇرغان مەرۇپ مەمەتوف ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورۇلۇق ئىلمىي دەرىجىسىنى ئالغان بولسا ئۇنىڭ ئۈچ نەپەر قىزى ئوخشاشلا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاندا تونۇلغان ئالىملاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان. ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بىرى ساۋۇت موللاۋۇتوف ئەنە شۇ تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ، ئۇ ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى.

1930-يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرى مەلۇماتلىق بولۇش ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، ئەلۋەتتە ئالىي مەلۇماتلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن بىۋاسىتە كەلگەنلەرمۇ بولغان ئىدى. مەسىلەن، 1920-يىللاردا موسكۋادىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغانلاردىن 1932-1934-يىلىدىكى كۇچار ۋە قەشقەردىكى قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلغان ھەمدە تۆمۇر ئېلىگە مەسلىھەتچى بولغان نىزامىدىن ئەپەندى[26]، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بار ئىدى. سۋېردلوۋ ئالىي كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ئارىسىدا 1935-1937-يىللىرى قەشقەر قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان قادىر ھاجى ۋە قازاقىستان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى. تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن تۇرپانلىق ياش تىلشۇناس قادىر ھوشۇروپنىڭ نامى ئەينى ۋاقىتتا ياخشى تونۇلغان بولۇپ، ئۇ 1937-يىلى ئالمۇتىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا مەسىلىلىرى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ۋە ئەدەبىي تىل مەسىلىسى ھەققىدە لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىلشۇناسلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.




6. ئاز مىللەتتىن چىققان مەشھۇر سىياسىي شەخسلەر


سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاز نوپۇسلۇق ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا داڭلىق بولغان كۆپلىگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلەرمۇ بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. قەشقەرلىق ئۇيغۇر باي ئائلىدە مەرغىلاندا تۇغۇلغان يولداش ئاخۇنبابايېف ( 1885-1943) ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى رەھبىرى سۈپىتىدە 1925-1938-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، 1938-1943-يىللىرى ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئالى كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىدى[27]، . ئەلۋەتتە يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ مىللىتىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار بار. ئۆزبېكلەر ئۇنىڭ ئۆزبېك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ . لېكىن ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىمۇ كونا تېمىدۇر. رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق جۇرنالىستى فېدور راززاكوف ئۆزىنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئاساسىدا يازغان ئەسىرىدە يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ قەشقەرلىق ئۇيغۇر كۆچمەن ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم ئۇچۇر مەنبەلىرىدىمۇ ئاخۇنبابايېفنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئەسلى ئىسىمى يولداش ئاخۇن بابا ئىدى.

يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە رەسمىي يوسۇندا مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، خۇددى ۋلادىمىر ئىلىچ لېنىن ۋە باشقا كۆپلىگەن سوۋېت رەھبەرلىرىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكى مەخپىي تۇتۇلغاندەك، سوۋېت ھۆكۈمىتى يولداش ئاخۇنبابايېفنى « ئۆزبېك خەلقىنىڭ شەرەپلىك ئوغلى» دەپ تەشۋىق قىلغان. ئەسلى كېلىپ چىقىش جەھەتتىن پەرغانىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ھېسابلانمىغان قەشقەرىيىلىك ئۇيغۇر پەرزەندىنىڭ 1925-يىلى، ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى موسكۋانىڭ سىياسىي ئويۇنىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ، موسكۋانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى غەيرى رەسمىي مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە خارەزىم خەلق جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك موسكۋانىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىدىكى turk سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ، تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى ۋە تاجىكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ھەم قاراقىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنى تەسىس قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بارلىق قەشقەرلىقلەر، قىپچاقلار، سارتلار دەپ ئاتالغان خەلقلەرنى ئۆزبېك ئېتنىك كىملىكى ئاستىغا مەركەزلەشتۈرۇش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان.

يولداش ئاخۇنباي ئوغلى ئاخۇنبابايېف 1916-يىلى، مەرغىلاندىكى چار رۇسىيىگە قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشقان. 1921-يىلى، بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان ھەمدە قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى مۇستەقىل ھەرىكەتلىرىنى باشتۇرۇش جەڭلىرىدە ئاكتىپلىق كۆرسىتىپ، مەرغىلاندىكى « قوشچىلار ئىتتىپاقى» نىڭ رەئىسى بولغان.

ئۇ 1925-يىلى، ئۆزبېكىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 1-قېتىملىق قۇرۇلۇش يىغىنىغا مەرغىلانى ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتناشقاندا، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي بىيورو ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ھەم ئۆزبېكىستاننىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكىگە بېكىتىلگەن. شۇ يىلىدىن ئېتىبارەن 1938-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت ۋە پارتىيە رەھبەرلىك ئورنى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىقىغا رۇس مىللىتىدىن ۋلادىمىر ئىۋانوۋىچ ئىۋانوف بېكىتىلگەن. ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرىلار كېڭىشىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە سابىق بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى، ئۆزبېكلەردىن كېلىپ چىققان فەيزۇللا خوجايېف بېكىتىلگەن. مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىك ھوقۇقى يەنى كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئەمەلىي ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە يولداش ئاخۇن بابا بەكىتىلگەن شۇنىڭدەك يولداش ئاخۇن بابايېفنىڭ سىنىپى كېلىپ چىقىشى « يوقسۇل» دەپ بېكىتىلىپ، يوقسۇللارنىڭ ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلىش سالاھىتى بارلىقى ئۈچۈن سىمۋول قىلىنغان. سوۋېت ھاكىمىيىتىىنىڭ ئاز نوپۇسلۇق كۆچمەن ئۇيغۇر ئاھالىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆزىگە سادىق بىر كىشىنى ئۇنىڭ مىللەت تەركىبىنى يوشۇرۇپ ۋە ياكى ئۆزگەرتىپ كۆپ سانلىق مىللەتنىڭ جۇمھۇرىيىتنىنڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلىشى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسلى تاتارلاردىن كېلىپ چىققان بۇرھان شەھىدىنىڭ 1949‏-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۇمەتنىڭ رەئىسى بولۇشى ئۇچۇن تەجرىبە بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ تەجرىبىنىمۇ ستالىن ئىستراتېگىيىچىلىرى جۇنگگو ئستراتېگىيىچىلىرىگې ئۆگەتكەن ئىدى.

سابىق بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان فەيزۇللا خوجايېف بولسا، تۈركچىلىك ئىدىيىسىگە ئىگە، ئەسلى ياش بۇخارالىقلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، كومپارتىيىگە ئەزا بولمىغان ئەرباب ئىدى. ئۇنىڭ بۇخارا ۋە پۈتۈن ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىدە يۇقىرى ئابرويى بار بولۇپ، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭدىن يېڭى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشتا فەيزۇللا خوجايېفنى چەتكە قېقىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. موسكۋا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنى تەسىس قىلىشتا ئەڭ يۇقىرى پارتىيە ۋە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى كوممۇنىست رۇس ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان ئۇيغۇرغا تۇتقۇزۇش ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدە مۇستەھكەم تۇرۇشىنى، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ۋە مىللەتچىلىك ئېقىمىغا مەنسۇپ كۈچلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.

يولداش ئاخۇنبابايېف نامداھوقۇقى بار، ئەمەلىيىتى يوق شەخس بولۇپ، باشتىن ئاخىرى سىمۋوللۇق سۈپىتىدە تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلانغان. بارلىق ئەمەلىي ھوقۇق كومپارتىيىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى ئىۋانوۋنىڭ قولىدا ئىدى. يولداش ئاخۇن بابانىڭ ھاكىمىيەتتىكى ۋاقتى دەل 1931-1937-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەۋجى ئالغان ، سوۋېت ھوكۇمىتى شېڭ شىسەينى يۆلەپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنڭ كونتروللۇقىدىكى « 17‏- ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت » ھالىغا كەلتۇرگەن ۋاقىتلار ئىدى. ستالىن ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاننى قوشنا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ھىمايە قىلىشىنى قولغا كەلتۈرىشىدە ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتكەن. كۆپلگەن مەسلىھەتچىلەرغ مەسىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى باش كونسۇلى گارىگىن ئاپرېسسېۋ ۋە ئۇيغۇر سوۋېت ياردەمچى خادىملىرى ، مەسىلەن مەشۇر روزىيېف )مەنسۇر ئەپندى ( قادىر ھاجى ۋە باشقىلار بىۋاسىتە ئوزبېكىستاندىن ئېۋەتىلگەن ئىدى. ئاخۇنبابايېف رەھبەرلىكىدىكى ئۆزبېكىستان 1934-1937-يىللىرى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن بىخەۋەر بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاخۇنبابايېف 1937-1938‏-يىللىرىدىكى ستالىننىڭ تازىلىشىدىن ساق قېلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئوزبېكىستان مىللىي رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك ، مەسىلەن فەيزۇللا خوجايېف، ئەكمەل ئىكراموف ۋە باشقىلار ئۆلتۇرۇلۇپ، ئاخۇنبابايېۋ 1943‏-يىىلىغىچە ياشاپ ئۆز ئەجىلىدە ئۆلدى. يېقىنقى يىللاردا ئۆزبېكىستاندىكى ئاخۇنبابايېف نامى بېرىلگەن بەزى ئورۇنلارنىڭ ناملىرى بىكار قىلىنىپ، يېڭى ئىسىم قوللىنىش، ئۇنىڭغا تەنقىدىي باھا بېرىش ئەھۋاللىرى كۆرۇلدى.


قازاقىستانلىق ئىسمايىل يۈسۈپوف ( 1914-2005) ، 1962-1964-يىللىرى ئارىسىدا قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى سۈپىتىدە ئىككى يىل بۇ جۇمھۇرىيەتكە رەھبەرلىك قىلدى[26]. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا يولداش ئاخۇنبابايېفتىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم ئەڭ چوڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي رەھبىرىلىك ، يەنى كومپارتىيىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان بىردىن-بىر ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇنىڭ قازاقىستانغا رەھبەرلىك قىلىشى 1964-يىلى، خرۇشېۋنىڭ يىقىلىشى بىلەن تەڭ ئاخىرلاشتى[28]. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى خرۇشېۋنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن لېئونېد برېژنېۋ تەرىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، تاتار ئارىلاش قازاق پەرزەنتى دىن مۇھەممەد قۇنايېفقا بېرىلگەن ئىدى.


ئىسمايىل يۈسۈپوفنىڭ جۇڭگو بىلەن، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قوشنا قازاقىستان ئىتتىپاقداشلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى نىكىتا خرۇشېۋ بىلەن ماۋ زېدوڭ ئارىسىدىكى 1959-يىلى، ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ جېدەل بىلەن ئاخىرلىشىپ، خرۇشېۋ ماۋغا ئاتوم بومبىسى تېخنىكىسىنى بېرىشنى رەت قىلىشى ۋە سوۋېت-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «شېرىن ئاي»دەۋرى ئاخىرلىشىپ، رەقىبلىك دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1962-يىلى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي بۇزۇلۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت پۇقرالىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە قېچىپ ئۆتۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ مەزگىلدە يەنە 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان ۋە 1950-1959-يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا يۇقىرى رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتتى. نىكىتا خرۇشېۋ مانا مۇشۇنداق پەيتتە ئۇيغۇرلاردىن ئىسمائىل يۈسۈپوفقا قازاقىستانغا رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە ئىشىنىدىغانلىقى ھەتتا مانا مۇشۇنداق كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلىرىنىڭمۇ ئاز سانلىق مىللەتكە بېرىلىدىغانلىقىنى كۆز-كۆز قىلغان ئىدى. ھەقىقەتەن، بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كومپارتىيىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارىلىق ۋەزىپىسى تېخى ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولمىغان ئىدى. ئەمما، ئىسمائىل يۈسۈپوفنىڭ ئىككى يىل قازاقىستانغا رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى قازاقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ قازاقىستان زېمىنلىرىنى ئۆزبېكىستانغا بېرىۋەتكەنلىكى ئەيىبلەندى. ئىسمائىل يۈسۈپوف 90 ياشقا كىرگەندە بۇ ئەيىبلەشنى ئىنكار قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن سىياسەت ۋە قارارنىڭ موسكۋادىن چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، « مېنىڭ قازاقىستان خەلقى ئارىسىدىكى ۋىجدانىم پاكىز» دەپ جاكارلىغان ئىدى[29]. ئىسمائىل يۈسۈپوف ھوقۇقتىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ۋەزىپىلىرىنى تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋە 1966-يىلىدىن كېيىن تاكى پېنسىيىگە چىققىچە قازاقىستان ئۈزۈمزارلىق ئىگىلىكلىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاتاقلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئابدۇكېرىم غەنىيېف ئىسمايىل يۈسۈپوف ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك پوۋېست يېزىپ نەشىر قىلدۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، مەزكۇر ئەرباب ئۇزۇن يىللار خىلۋەت ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، يەنە 13 يىل ياشىغان ئىسمائىل يۈسۈپوفنىڭ ئالىي ھوقۇقنى ئىگىلىگەن مەزگىللەردە ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇ ۋاپات بولغاندا يەنىلا شۇ ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار قازاقىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.


ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىن كېلىپ چىققان ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم يۇقىرى رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئۆتىگەن شەخس بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل turk ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە كېيىنكى قازاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتارىدا يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. ئۇ ھەتتا موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئاتقۇردى. ئابدۇللا روزىباقىيېف 1937-يىلى، ستالىن ن ك ۋ د سى تەرىپىدىن « مىللەتچىلىك»، « خەلق دۈشمىنى» دېگەندەك ئەيىبلەشلەر قولغا ئېلىنىپ ، 1938-يىلى ئېتىپ تاشلاندى. ئەلۋەتتە، ئابدۇللا روزىباقىيېف سوۋېت كوممۇنىست ئۇيغۇر رەھبىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۆمۈر بويى ئۇيغۇر مىللىتى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازادلىق غايىلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ ئىش ئۈچۈن كۈرەشكەن ئىدى.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئوسمان ئەلىيېف 1936-1937–يىللىرى قازاقىستان ئالىي سوۋېتىنىڭ مىللەتلەر بۆلۇىمىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان ، ئۇ 1937-يىلى، ستالىننىڭ تازىلىشىغا دۇچ كېلىپ ئېتىپ تاشلاندى.


ياقۇپ روزىن (1905-1978) 1927-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي پارتىيە مەكتىپى كروپىسكايا نامىدىكى كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا ئەۋەتىلىپ، 1929-1931-يىللىرى ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئىشلىدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى بولدى. 1931-1937-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارمىقىدا رەھبەرلىك خىزمىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەدىبلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي ژۇرنىلى ھېسابلىنىدىغان « سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەر ئەدەبىياتى» جۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. ئۇ 1938-1953-يىللىرى سىبىرىيىدىكى گۇلاگدا 15 يىل يۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن موسكۋا شەھىرى يېنىدىكى بىر كولخوزنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىدى[30].

قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا نىيازوف ( 1908-1971) 1935-يىلى لېنىنگراد ھەربىي پارتىيە مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا ئەۋەتىلىپ، ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىدا رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى ۋە 1943-يىلى، ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، 1950-يىلى،ئۆزبېكىستان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولدى.

تۈركمەنىستانلىق ئۇيغۇر مەرۈپ مەمەتوف (1901-؟) 1940-1951-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، 1937-1940-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكى ۋە 1951-1955-يىللىرى ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى.


قازاقىستاندا يەنە ئابدۇللا ئىزباقىيېفنىڭ نامىمۇ مەشھۇر بولۇپ، ئۇ 1955-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇزۇن مەزگىل قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى.

خېلەم خۇدابەردىيېف (1918-2004) 1960-1980-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش ۋە لېنتىغا ئېلىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلغان ئىدى. خېلەم خۇدابەردىيېف 1947-يىلى، ئۆزبېكىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ئوسمان يۈسۈپوف تەرىپىدىن ئىلىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، « ئېلاخۇن» ئىسمىنى قوللىنىپ، ئەخمەتجان قاسىمى ئىشخانىسى ۋە گېنېرال ئىسھاقبەك مۇنونوف شىتابىدا مايور ئۇنۋانى بىلەن تاكى 1949-يىلىغىچە مەسلىھەتچى بولغان ئىدى. 1950-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىگە مەسلىھەتچىلىككە ئەۋەتىلىپ، نەشرىيات ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىدى.

قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى دەۋردە، تېخى يېقىنغىچە بولغان ئارىلىقتا كەرىم مەسىموف ئۇزۇن مەزگىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئۇ قازاقىستان پرېزىدېنت مەمۇرىيىتىنىڭ رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىگە يۆتكەلدى. بىراق، ئۇنىڭ مىللىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى قازاقىستان تارىخىدا ئەڭ كۆپ تالاش-تارتىش قوزغىغان مەسىلە بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنى رەسمىي شەكىلدە قازاق دەپ تونۇشتۇردى.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىدىن ئەخمەتجان شاردىنوف يېقىنقى يىللاردا قازاقىستان مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. ئاتاقلىق سەنئەتكار مۇرات ئەخمەدى قازاقىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلماقتا.

دەسلەپكى سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرىي شەخسلىرىنىڭ كۆپىنچىسى 1937-1938-يىللىرى ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ياكى تۈرمىلەرگە تاشلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف، ياقۇپ روزىن ، ئەلىيېف، ئىسىيېف ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. بەزى ئېنىقسىز ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1937-1938-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە 3800 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى « ئۇيغۇر مىللىي ئىتتىپاقى» نىڭ ئەزاسى دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە جازالانغان[31] .بىر ئالمۇتا ۋىلايىتى تەۋەسىدىلا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر ۋە زىيالىي تازىلاشا ئۇچرىغان. قازاقىستاندا 1997-يىلى نەشىر قىلىنغان 1937-1938-يىللىرىدا ئېتىپ تاشلانغان كىشىلەرگە ئائىت « ماتەم كىتابى»غا 1668 ئادەمنىڭ ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 97 ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى خاتىرىگە ئېلىنغان. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت ئېنىقلاپ چىقىلىپ ئىسىملىرى تۇرغۇزۇلغانلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تىزىملىكلەر داۋاملىق كۆپەيگەن. ئەلۋەتتە، بۇ ئاپەت پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا كەلگەن ئەمەس، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەممە مىللەت تازىلاش ۋە تەقىبلەش ئوبيېكتى بولغان ئىدى. شۇ قېتىملىق تازىلاشتا ھەتتا 1921-يىلى، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك رەقىبلىرىدىن بىرى، يەتتەسۇدىكى كوممۇنىستلارغا قارشى ئاقلار ھەركىتىنىڭ داھىيسى گېنېرال لېيتىنانت ئالېكساندىر دۇتوۋنى سۈيدۇڭدە مەخپىي ئۆلتۈرۈپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىپ، سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ بىخەتەرلىك كومىسسارى دېرژىنىسكىي تەرىپىدىن ئالتۇن سائەت بىلەن تەقدىرلەنگەن قىزىل ئارمىيە رازۋېتكا خادىمى ( ۋە ياكى جاسۇسى) ماخمۇت خوجامياروفمۇ 1938-يىلى، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالدىدا بولسا، ماخمۇت خوجامراروفنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ئاتامان دۇتوۋنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆز ئۆيىدە ئۆلتۇرۇپ، قىساس ئېلىشقا ئۇچرىغان ئىدى.

شۇ قېتىملىق تازىلاشتا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يەتتەسۇ رايونىدا مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان ئۇيغۇر كوممۇنىست رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلۇمگە ھۆكۈم قىلىندى. قىزىق يېرى شۇكى، سوۋېت ھۆكۇمىتى ئۆزى ئۈچۇن جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن مەزكۇر ئۇيغۇرلارغا « خەلق دۈشمىنى» جىنائىيىتىدىن باشقا يەنە «مىللەتچىلىك » جىنايىتىنىمۇ ئارتقان ئىدى .ئەلۋەتتە 1937-1938-يىللاردىكى تازىلاش ھەرىكىتىدە پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي شەخسلەر، قىزىل ئارمىيە گېنېراللىرى، ئالىملار، زىيالىيلار، ئارتىستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھەگە، ھەر مىللەتكە مەنسۇپ كىشىلەر جازالاش ئوبېكتى بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ تازىلاشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى قىسىمىدا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئالىي پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك جازالاندى. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاجىك ، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بىلىملىك ئەربابلىرى، مىللەتپەرۋەرلىرى يوق قىلىندى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزبېكلەرنىڭ فەيزۇللا خوجايېف، ئەكمەل ئىكراموف، ئابدۇللا قادىرى، قازاقلارنىڭ تۇرار رىسقۇلوف، ئالىخان بۇكېيخانوف، سەكەن سەيفۇللىن، قىرغىزلارنىڭ يۈسۈپ ئابدۇراخمانوف ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، بۇرھان قاسىموف، تۇڭگانلارنىڭ ماگازى ماسانچى ۋە باشقا يۈزلىگەن كىشىلەرنى ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىش مۈمكىن. قسىقىسى ستالىن پۈتۈن سوۋېت مەركىزىي ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئەڭ ئابرويلۇق ئەربابلارنى تازىلاش ئوبېكتى قىلغان ئىدى. بۇ قېتىملىق تازىلاشتا 1917-1924-يىللىرى ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىدىل-ئۇرال بويلىرىدا ئايرىم مىللىي دۆلەت قۇرۇش ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ بىرلەشمە ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش تەشەببۇسىدا بولغان ھەمدە مىللىي ھەرىكەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كېيىن سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، ئىتتىپاداش جۇمھۇرىيەت تۇزۈلمىلىرىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ داھىيلىرىمۇ بىراقلا جازالاندى. ئالاش ئوردا ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئالىخان بۇكېيخانوف، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى فەيزۇللا خوجايېف، turk ئاپتونون جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى تۇرار رىسقۇلوف، تاتارلاردىن مىرسەيىد سۇلتان غالىيېف ۋە باشقىلارنى مىسسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.

1937-1938-يىللىرى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا جۇمھۇرىيەت سالاھىيىتىگە ئىگە ئاساسىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىدىمۇ خاراپ بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئۇچرىغان زەربىسى باشقىلارغا نىسبەتەن ئېغىرراق بولدى.ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاراب بولۇش دەرىجىسى بەكلا كۆرۈنەرلىك بولدى، چۈنكى سوۋېت ھۆكۈمىتى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مىللىي مەكتەپلىرىنى توختىتىش، مىللىي نەشىرىيات ئورۇنلىرىنى تاقاش سىياسىتى قوللانمىغان ئىدى.




7. سەنئەت ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەربابلار


1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور ئاپەت بولدى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ 20 يىللار ئىچىدە ياراتقان نەتىجىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلاپ، 1950-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن يەنە پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان مۇزىكانتلار، دىرىژورلار، كىنو ئارتىستلىرى، ناخشا چولپانلىرى، تەنتەربىيە چېمپىيونلىرى ۋە ئالىملار يېتىشىپ چىقتى. ئاتاقلىق درىژور ۋە كومپوزىتورى ئەزىز دۇگاشېف ( 1917-؟) ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، 1959-يىللىرىدىلا موسكۋادىكى دۇنياغا داڭلىق چوڭ تىياتىر « بولشوي تىياتىر» نىڭ درىژورى بولۇپ، كۆپلىگەن كلاسسىك ۋە زامانىۋى ئوپېرالارغا ھەم سىمفونىيىلەرگە درىژورلۇق قىلدى. ئۇ، 30 دىن ئارتۇق ئوپېرانىڭ ئوركېستىرىغا درىژورلۇق قىلدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا موسكۋا كونسىرۋاتورىيىسىدە پروفېسسور بولۇپ ئىشلىدى.[32]

قۇددۇس غوجامياروف ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدىكى ياش مۇزىكانتلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ، سىمفونىيە يېزىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ، مىخايىل گورباچېۋنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى نامىغا سازاۋەر بولغان. قۇددۇس غوجامياروف قازاقىستاندىكى دۆلەت مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى قۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئۇزۇن مەزگىل ئۇنى ئۆزى باشقۇرۇپ، كۆپلىگەن ھەر مىللەت مۇزىكانتلىرىنى تەربىيىلىگەن بولۇپ، 1955-1959-يىللىرى قازاقىستان كومپوزىتورلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسىلىك ، 1957-1966-يىللىرى قازاقىستان دۆلەت كونسورۋاتورىيىسىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە « رىزۋانگۇل»(1950-يىلى)، « نۇزۇگۇم»( 1956-يىلى)، «سادىر پالۋان» (1958-يىلى)ۋە باشقا سىمفونىيە ۋە ئوپېرالار مەنسۇپتۇر[33].

بولۇپمۇ، ئاتا-ئانىسى 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئالمۇتىغا كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن 1969-يىلى ئالمۇتىدا دۇنياغا كەلگەن مۇرات ناسىروف مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ئەڭ داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ نامى كەڭ تونۇلدى. مۇرات ئىسمائىل ئوغلى ناسىروف ( 1969-2007) ئالمۇتىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1991-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە يالتادا ئۆتكۈزۈلگەن ياش تالانتلارنىڭ ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ كەڭ تونۇلۇش يولى ئېچىلغان. مۇرات ناسىروف موسكۋادىكى گېنېسىن مۇزىكا ئىنىستىئۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1997-2004-يىللىرى ئارىسىدا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ، 1997-2000-يىلى ئارىسى ئۇنىڭ ئەڭ دەۋر سۈرگەن پەيتىدۇر. ئۇ، رۇسىيىنىڭ مەشھۇر چولپانلىرى ئاللا پۇگاچېۋا، فىللىپ كىركوروۋ، ئالىيونا ئاپىنا، ئولېگ گازمانوف ۋە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا مەشھۇر ئارتىستلاردىن سانالغان . ئەلۋەتتە، ھازىرغىچە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى تەۋەسىدە مۇرات ناسىروف رۇس ئەمەس مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ تونۇلغان چولپان سۇپىتىدە مەيدانغا چىققان ئىدى. مۇرات ناسىروف 2007-يىلى ، نامەلۇم سەۋەب بىلەن موسكۋادىكى ئۆيى يېنىدا قازا قىلدى. ئۇ بەش ناخشا ئالبومى نەشىر قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى پلاستىنكىسى « قالدىم يالغۇز» پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ناخشىلار ئىدى. مۇرات ناسىروف بەلكى دۇنيادىكى ئۇيغۇر ناخشا چولپانلىرى ئارىسىدا بىر رايون ۋە بىر مىللەت دائىرىسىدىن ھالقىپ چىقىپ ئەڭ كەڭ تونۇلغان شەخس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ دادىسىنىڭ ئەسلى قەشقەردىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم. بىراق، ئۇ ئۆزىنى رەسمىي شەكىلدە « ئۆزبېك قىزى» دەپ ھېسابلايدۇ ھەم دادا تەرەپتىن ئۇيغۇر قېنى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

ئۇيغۇر كىنو ئارسىتلىرىدىن ئايتۇرغان تېمىروۋا، ئابدۇرېشىت ئابدۇللايېف، مەقسۇت مەنسۇروف ، ۋېنېرا نىغمەتۇللىنا ۋە باشقىلارنىڭ نامى كەڭ تونۇشلۇقتۇر. ناخشىچىلار دىلناز ئەخمەدىيېۋا، مۇرات ئەخمەدى ۋە باشقىلارنىڭ نامى شۇنىڭدەك «دەرۋىش » ئانسامبىلىنىڭ نامى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ياخشى تونۇشلۇق.

كىنو ئارتىستلىرىدىن مەقسۇت مەنسۇروف ئۆزبېكىستان كىنو سىتۇدىيىسىنىڭ داڭلىق ئارتىستلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن فىلىملاردا رول ئالغان ھەمدە كۆپلىگەن چەتئەل كىنو ستۇدىيىلىرى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان. ئايتۇرغان تېمىروۋا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئاياللار ئارىسىدا ئەڭ ياخشى تونۇلغان كىنو ئارتىسىتى بولۇپ، ئۇ چىڭگىز ئايتماتوف ئەسەرلىرىگە ئائىت فىلىملەردە باش رول ئالغاندىن سىرت يەنە قازاقىستان كىنو ستۇدىيىسى ئىشلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەھرىمانى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىدىكى قەھرىمان قازاق قىزى ئالىيا مولداگالىيېۋاغا ئائىت فىلىمدە باش رول ئوينىغان ئىدى.

40 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ خەلق ئارتىسى ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى ئۇنۋانلىرىغا سازاۋەر بولغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇددۇس غوجامياروف، ئابدۇرېھىم ئەخمەدى، مۇرات ئەخمەدى، گۇلۋىرە رازىيېۋا، خالىسقان قادىروۋا، رۇشەنگۇل ئېلاخۇنوۋا، ئەزىز دۇگاشېف ، غەنىجان تاشمەتوف ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن.

بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن قازاقىستان ئۇسسۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۇيغۇر يىگىتى، ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇسۇلچىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىدا چېمپىيون بولغان كامال بەردىيېف ئاتقۇرماقتا.

قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى 80 يىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر تىياتىر كۆپلىگەن دراممىلارنى ئوينىدى. يېقىندا يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىروفنىڭ « ئىدىقۇت» تارىخى رومانى ئاساسىدا «ئىدىقۇت»دراممىسىنى تەييارلاپ، سەھنىلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. قازاقىستان ھۆكۈمىتى قەدىمكى ۋە يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىگە ئائىت تارىخىي دراممىلارنى ئىشلەپ، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىغا كۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلغان.


رەسساملىق سەنئىتى جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلار كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر رەسساملىرىنىڭ « مىڭ ئۆي» ناملىق ئۇيۇشمىسى ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن ئۆزبېكىستاندا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان لېكىم ئىبرايىموف، سانكىتپېتېربۇرگدا ياشايدىغان ئازات مەمەدىنوف، قىرغىزىستاندا ياشايدىغان تەلەت مىر رەھىموف بىلەن سابىق باباجانوف، قازاقىستاندا ئىجاد قىلىۋاتقان ئەخمەت ئاخاتباقىيېف ۋە باشقىلارنىڭ نامى كەڭ تونۇشلۇقتۇر. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر بىناكارلىرى لايىھىلىگەن قۇرۇلۇش لايىھىلىرى دۆلەتلىك مۇھىم قۇرۇلۇش پىلانلىرى سۇپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغان.




8. ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى


ئىلىم-پەن ساھەسىدىمۇ ئۇيغۇر ئالىملىرى قوشۇنى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى تارىخ، بىئولوگىيە ، ماتېماتىكا، فىزىكا، تىل-ئەدەبىيات، ئارخېئولوگىيە ۋە باشقا ساھەلەردىكى دوكتورلىرى يېتىشىپ چىققان ئىدى. تۇنجى ئۇيغۇر دوتسېنتى بۇرھان قاسىموف ، تۇنجى تارىخ پەنلىرى دوكتورى ئەرشىدىن ھىدايەتوف (1906-1951)، تۇنجى بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف (1910-1998)، تۇنجى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئايشەم شەمىيېۋا(1910-1978)، تۇنجى ئارخېئولوگىيە ئىلمى دوكتورى ئەخمەت كىبىروف (-1951)، مالىك كەبىروف (1996-1995) ۋە باشقىلار تۇنجى ئۇيغۇر ئالىملىرى ئىدى. ئايشەم شەمىيېۋا ( 1912-1978) 1940-يىللاردا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، 20‏-ئەسىردىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئالىمەسى شۇنىڭدەك تۇنجى ئۇيغۇر ئايال تىلشۇناسى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ تۈزگەن ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. ئەخمەت كىبىروف سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق تارىخشۇناسى ۋە ئارخېئولوگى ئا. ن. بېرنشتامنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، بېرنىشتام بىلەن بىرگە تەڭرى تاغ رايونىدىكى، جۈملىدىن ئىسسىق كۆلى ئەتراپى ۋە باشقا جايلاردىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە قاتناشقان ئىدى.

تەخمىنەن پەرەزلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە تەخمىنەن 500 دىن ئارتۇق پەن دوكتورى ۋە دوكتور نامزاتلىرى، پروفېسسور ھەم دوتسېنتلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىملىرى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارغا ئايلانغان ئىدى. مەسىلەن،

سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خادىمى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى بويىچە باشلامچى مۇتەخخەسىسلىرىدىن بىرى، 1943-1949-يىللىرى ئارىسىدا ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللاش پروگراممىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتناشقان ھەمدە تاشكەنتتە « شەرق ھەقىقىتى» ژۇرنىلىنى نەشىر قىلىشقا مەسئۇل بولغان تۇرسۇن رەھىموفنىڭ ئوغلى پروفېسسور ئالېكساندىر ( ئىسكەندەر ) رەھىموف، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يادرو فىزىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ يېتەكچى مۇتەخخەسسىسى. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيىدىكى داڭلىق ئاتوم فىزىكىسى ئالىمىدۇر. ئالېكساندىر ( ئىسكەندەر ) رەھىموف ھازىر موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى يادرو فىزىكىسى ئىلمىي -تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ قارمىقىدىكى

پلازما فىزىكىسى ۋە مىكرو ئېلېكترونلارنىڭ فىزىكىلىق ئاساسلىرىنى تەتقىق قىلىش لاباراتورىيىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىمەكتە.ئۇ يەنە موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاتوم فىزىكىسى ، پلازما فىزىكىسى ۋە مىكرو ئېلېكترون كافېدراسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە 1 ئاكادېمىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 پروفېسسور، 5 دوتسېنت ۋە 15دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ھەم خىزمەتچى ئىشلىمەكتە. مەزكۇر كافېدرادا 15 ئەتراپىدا ئاتوم فىزىكىسى ساھەسىدىكى دوكتور ئاسپىرانتلىرى تەربىيىلىنىدۇ[34] .

پ.ئى.بارانوۋ نامىدىكى رۇسيە مەركىزىي ئاۋىئاتسىيە موتورلىرى قۇرۇلۇشى ئىنىستىتۇتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، تېخنىكا پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ( 1935-يىلى تۇغۇلغان)تېلمان كەرىمبايېف ئۇزۇن مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيىنىڭ ھاۋا ماتورلىرى ساھەسىنىڭ مەخسۇس ئالەم كېمىسى ۋە رېئاكتىپ ئايروپىلانلارنىڭ ماتورلىرىنى ياساش تەتقىقاتلىرىنى باشقۇرغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيىنىڭ ئالەم تېخنىكىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. تېخنىكا پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور تېلمان كەرىمبايېف ھازىرمۇ ئۆز ساھەسىدە ئىشلىمەكتە ۋە ئۆز ساھەسى بويىچە 30 دىن ئارتۇق دوكتور تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن[35]. ئۇ، رۇسىيىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ماتورلىرى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى يېتەكچى ئالىملاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىنىسىسى كامىلجان كەرىمبايېفمۇ تېخنىكا پەنلىرى دوكتورى بولۇپ، ئاكىسى بىلەن ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ۋە بۇ ساھەدىكى تونۇلغان ئالىملارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ كۆپ قېتىم ياۋروپا مەملىكەتلىرى ۋە جۇڭگوغا تەكلىپ قىلىنغان.

فىزىكا پەنلىرى دوكتورى ، پروفېسسور دەمىر ساتتاروف، ئۇزۇن مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقى ( كېيىنكى رۇسىيە ) پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوپتىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنى باشقۇرۇپ ، ئوپتىكا ساھەسىدە باشلامچى مۇتەخەسسىس سۇپىتىدە تونۇلغان. ئۇ، ئوپتىكا ساھەسىدىكى يېتەكچى ئالىملاردىن ھېسابلىناتتى.

ئاكادېمىك يارمۇھەممەد مۇبارەكوف ( 1944-1999)، پروفېسسور ئابلەخەت خوجايېف، پروفېسسور ئابدۇرېشىت ئېلىيېف ،پروفېسسور ئابدۇلەزىز ھاشىموف، پروفېسسور مۇرات ھەمرايېف (1936-1983) ۋە باشقىلار ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملىرى ئىدى .

ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف (1925-يىلى تۇغۇلغان ) ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ياخشى تونۇلغان پەلسەپەشۇناس بولۇپ، ئۇنىڭ پەلسەپە دەرسىنى سابىق قىرغىزىستان رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن رەھبىرى شەخسلەر ۋە ئالىملار ئاڭلىغان.


ماتېماتىكا پروفېسسورى ناتالىيا تۇرسۇن رەھىموف قىزى موسكۋادا مەخسۇس پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ياشلارنى تەربىيىلەش مەكتىپى ئاچقان بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىغان. ئۇ خەلقئارالىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى،2003-يىللىق خەلقئارا ئۇچۇر مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى، رۇسىيە ۋە موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپاتلىرىنىڭ ساھىبىدۇر. ناتالىيا تۇرسۇن قىزى موسكۋا 1501 -نومۇرلۇق پەن-تېنىكا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپتە مەخسۇس ياش پەن-تېخنىكا تالانتلىرى تەربىيىلىنىدۇ.

ئالمۇتىلىق ئۇيغۇر يىگىتى شۆھرەت مۇتەللىپوف 1994-يىلى، موسكۋادا گېنېتىكا ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، 1998-يىللىرىغا قەدەر موسكۋادىكى تىمىريازېف نامىدىكى يەزا-ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە باشقا گېنېتىكا تەتقىقات ئورۇنلىرىدا ئىلمىي تەتقىقات قىلغان بولۇپ، كېيىن ئامېرىكىغا كېلىپ، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئورىگىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلىمەكتە ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا ئورنىغا رەھبەرلىك قىلىپ، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ساھەسىدە دۇنياۋى يېڭى بۆسۈشلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ سىڭلىسى مايسەم مۇتەللىپوۋامۇ شۇ ساھەدە دوكتورلۇق ئالغان ۋە ئىككىسى موسكۋادا بىرگە ئىشلىگەن، مايسەم مۇتەللىپوۋا ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ماساچۇستىس تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولۇپ ئىشلىمەكتە.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرەخىم ئايتبايېۋ قازاقىستاندا ماتېماتكا ساھەسىدە كاندىدات دوكتورلۇق ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇپ، ھازىر يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىكى يېڭى مېكسىكا تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

پروفېسسور مۇرات ھەمرايېف فىلولوگىيە ساھەسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا تونۇلغان ياش ئالىمغا ئايلانغان ئىدى. قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى غوجاخمەت سادۋاقاسوف ( 1929-1991)، مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ساھىپجامال قارىبايېۋا، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى ، پوفېسسور ئاۋۇتوف ۋە باشقىلار قازاقىستانغا كەڭ تونۇلغان ئالىملاردۇر. قىسقىسى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ۋە ھازىرمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئالىملارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىش ھاجەتسىز.




9. داڭلىق ھەربىي شەخسلەر


ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملار ۋە دۆلەت دەرىجىلىك قەھرىمانلارمۇ يېتىشىپ چىققان بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن مەسۈم ياقۇپوف ( 1914-1974)،داداش باباجانوف (1922-1985)، سۇلھى لۇتفۇللىن (1923-1986) قاتارلىق ئۈچ كىشىگە سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى، مۆردىن تېيىپوفقا (1918-1999) قازاقىستان خەلق قەھرىمانى نامى بېرىلگەن. ئۇزۇن مەزگىل پولشا پارتىزانلىرى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىپ تۆھپە ياراتقان ئۇيغۇر جەڭچىسى قاھار شەرىپوفقا پولشانىڭ ئەڭ ئالىي قەھرىمانلىق « ئالتۇن كرېست» ئوردېنى بېرىلىپ، پولشا قەھرىمانى قاتارىدا سانالغان.

ئۇيغۇرلاردىن سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئاقلارغا قارشى ئىچكى ئۇرۇشىدا گراجدانلار ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى قاتارىدا سانالغان ماخمۇت خوجامياروفنىڭ نامى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيىنىڭ ھەربىي-سىياسى تارىخىغا يەزىلغان. ماخمۇت خوجامياروف بولشېۋىكلارنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىشى جەريانىدا بولشېۋىكلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، سۈيدۈڭ شەھىرىنى بازا قىلغان گېنېرال لېيتىنانت ئالېكساندر دۇتوۋنى ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغانلىقى ئۈچۈن ئالىي مۇكاپاتقا سازاۋەر بولغان. ھازىرقى زامان رۇسىيە تارىخچىلىرى ماخمۇت خوجامياروفنى رۇسىيىنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئەڭ پاجىئەلىك مەخپىي ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى ئورۇندىغۇچى شەخس سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ شۇنىڭدەك ئاتامان دۇتوۋنى كوممۇنىستلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قەھرىمان رەھبەرلىرىدىن بىرى قاتارىدا باھا بېرىپ، ئۇنى ئۆلتۈرگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قارىلايدۇ.

2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش ئۇرۇش پاجىئەسىگە يولۇققان بولۇپ، 17 ياشتىن يۇقىرى 50 ياشتىن تۆۋەن ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالدىنقى سەپلەرگە ئەۋەتىلگەن ۋە ئارقا سەپلەردىكى ئىشلارغا سېلىنغان. ھەتتا زور ساندىكى ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ سوۋېت ئارمىيىسى تەركىبىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاكى بېرلىننى ئىشغال قىلىشقىچە بولغان 4 يىللىق ئۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان.

ئۇرۇش دەۋرىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر جەڭچىلىرى برېست، موسكۋا، لېنىنگراد،ستالىنگراد ، كىيېۋ ۋە باشقا جەڭ مەيدانلىرىدا ئۇرۇشقا قاتناشقاندىن سىرت يەنە ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانلىرى ھەتتا مانجۇرىيىدىكى ياپونىيە ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بولغان.

ھازىرغىچە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ 2-جاھان ئۇرۇشىغا قاتناشانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى ئارىسىدا، 200 مىڭ، 100 مىڭ، 30 مىڭ دېگەندەك تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەۋجۇت ، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى يەنىلا غەيرى رەسمىي مەلۇملاتلاردىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، ئۆزبەكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىن بارغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆزبېك كىملىكى بىلەن ئاتىلىپ قالغانلىقى، بۇلارنى قوشقاندا ھەقىقەتەن ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولۇشى تەبىئىي. سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشى دەۋرىدە ئۇيغۇرلاردىن ئوتتۇرا دەرىجلىك ئوفىتسېرلا يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى دىۋىزىيە سىياسىي كومىسسارى، پولك ۋە باتالىيون ، روتا كوماندىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1979-1981-يىللىرى ئارىسىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلاردىن « مۇسۇلمان باتالىيونى» قۇرغان بولۇپ، موسكۋا مەزكۇر باتالىيوننى ئالاھىدە قىسىم سۈپىتىدە مەشقتىن ئۆتكۈزۈپ قاتتىق چېنىقتۇرغاندىن كېيىن ، ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن ئىدى. بۇ باتالىيون سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور تۆھپە قوشقان بولۇپ، مۇتلەپ مەخپىيەتلىك ئىچىدە تەييارلانغان مەزكۇر « مۇسۇلمان باتاليونى»غا ئائىت سىرلار نۆۋەتتە بىر-بىرلاپ ئېلان قىلىنماقتا.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان گېنېرال مايور، پولكوۋنىك، پودپولكوۋنىك ۋە مايور دەرىجىلىك يۇقىرى سالاھىيەتلىك كوماندىرلارنىڭ سانىمۇ مەلۇم سالماقنى ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ھازىرمۇ رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئەڭ نازۇك ۋە مۇھىم ساھەلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىدى. قازاقىستاندا رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان « 20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار» ماۋزۇلۇق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى ئىشلار قىسىملىرىنىڭ 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پولكوۋنىكى بولغان. ئەلۋەتتە، بۇلار پەقەت مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەنلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ كىتابتىن ئورۇن ئالماي قېلىشى تەبىئىي.

مەسىلەن، بۇلارنىڭ ئارىسىدا رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ گېنېرالى، چىلەكتە تۇرغۇلغان راۋىل تۇرسونوفنىڭ(1936-2005) نامى مەشھۇر بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋە ئۇزۇن مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدە خىزمەت قىلىپ، گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان ئىدى.

كىتابقا كىرگۈزۈلمەي قالغانلاردىن غالجات يېزىسىدا تۇغۇلغان نۇرەخمەت راخمانخۇنوف، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرجىلىك ئوفىتسېرى بولۇپ، ئۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمان خەلقلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىم شىمالىي قۇتۇپنى كېسىپ ئۆتكەن ئۇچقۇچى ئىدى. ئۇ، شىمالىي مۇز ئوكياننى تۆت قېتىم كېسىپ ئۆتكەن ۋە 15 سائەت رازۋېتكا ئايروپلانىنى قوندۇرماي ھەيدەپ سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيىسى تارىخىدا رېكورت ياراتقان. ئۇ جەمىئىي 14750 سائەت شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا ئۇچۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى-رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى شۇنىڭدەك پەن-تېخنىكا ساھەسىنى كۆپ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. نۇرەخمەت راخماخۇنوف ياقۇتىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە لېنىنگرادتا( سانكىتپېتېربۇرگدا) خىزمەت قىلغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە كەتمەن يېزىسىدا تۇغۇلغان ئەخمەت دارايېف دەسەلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماگاداندىكى ھەربىي ئاۋىئاتسىيە ئورنىنىڭ ئايروپلانلارنىڭ ئۇچۇپ-چۈشىشى ۋە يول خەرىتىلىرىنى بەلگىلەش ئىشلىرى بويىچە باشلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قارا دېڭىز پىلوتىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىدا پولكوۋنىك ئۇنۋانىدا ھۇجۇمچى ئايروپلانلار ئەترىتىنىڭ كوماندىرى بولغان .نۇراخمەت راخمانخۇنوف ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالى ۋە دوستى ھاۋا ئارمىيە پولكوۋنىكى ئەخمەت دارايېفنىڭ ئەھۋالىنى مەن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن ھەم سۆھبەت خاتىرىسى قالدۇرىۋالغان ئىدىم.

ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن ۋىليام سادىقوف سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 3-دەرىجىلىك كاپىتانى سۈپىتىدە يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قوماندانلىق قىلىپ، پېنسىيىگە چىققان . ئۇ ھازىر موسكۋادا ياشايدۇ ۋە شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ كوماندىرى بولۇش يېگانە ئشتۇر.

ئاتاقلىق دىپلوماتىيە خادىمى روبېرت تۇردىيېف سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە كېيىنكى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەلچىلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان دىپلومات بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوسىگىن بىلەن ئوتتۇرا شەرق مەملىكەتلىرى رەھبەرلىرى ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلغان ۋە بۇ دۆلەتلەردە ۋەكىل بولۇپ تۇرغان ئىدى. ئۇ يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ئىشلىگەن شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى لېئونىد برېېژنېۋ بىلەن پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات ئارىسىدىكى ئالاقىلاردا ھەم سۆھبەتلەردە رول ئوينىغان ۋە تەرجىمانلىق قىلغان ئىدى[36].




10. تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر


تەنھەرىكەت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەدۇر. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن تەنھەرىكەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا ھەم دۇنيا چېمپىيونلىرى بولغانلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى دۆلەتلىك كوماندىلارنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى سۈپىتىدە ھەر خىل مۇساقبىلارغا قاتناشقان . مەسىلەن، ماخمۇت ئۆمەروف 1950-يىللاردا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە قارغا ئېتىش چېمپىيونى بولغان ھەمدە 1956-يىلى، مېلبورىندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ ئەڭ يۈكسەك ئورۇننى ئىگىلەپ رېكورد ياراتقان ، 1960-يىلى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان .

ماخمۇت ئۆمەروف 1956-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قارىغا ئېتىش بويىچە ئالتە قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى چېمپىيونى، ياۋروپا چېمپىيونى، دۇنيا چېمپىيونى بولغان. ئۇ، 1955-1961-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارىغا ئېتىش ساھەسى بويىچە چېمپىيونلۇق سالاھىيىتىنى ساقلىغان بولۇپ، پەقەت ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا چېمپىيونلۇق شەرىپى باشقىلارغا مەنسۇپ بولغان ئىدى. سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى، ماخمۇت ئۆمەروف سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولۇپ، قارىغا ئېتىش ماھىرلىقى بىلەن داڭ چىقارغان، ئۇ لېنىنگراد ھەربىي مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولۇپ، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىدى. ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ماخمۇت ئۆمەروف ئۇستا سازاندە بولۇپ، دۇتار چېلىپ، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشقىمۇ ماھىر بولغان ئىدى.[37].

ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى دۇنيا چېمپىيونى ۋە تۇنجى مېدىتسىنا دوكتورى ھەم پروفېسسورلىرىدىن بىرى ماخمۇت ئۆمەروف 1961-يىلى، 37 يېشىدا تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن لېنىنگراد ، يەنى ھازىرقى سانكىتپېتەربۇرگ شەھىرىدە ھاياتتىن خۇشلاشقان. ئۇنىڭ نامى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيىنىڭ ئولىمىك ۋە دۇنيا چېمپىيونلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغان كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىن ئورۇن ئالغان.

ئابدۇرېشىت ئابدۇللايېف 1970-يىللاردا كۆپ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ بوكس چېمپىيونى بولغان ھەمدە 1969-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئامېرىكىغا كېلىپ، «ئامېرىكا -سوۋېت ئىتتىپاقى» بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئۇ، داڭلىق بوكس ماھىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى كۆپلىگەن ئۇرۇش فىلىملىرىدە باش رول ئوينىغان داڭلىق ئارتىست سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى.

غۇلجىدا تۇغۇلغان تۇيغۇن ناسىروف 1990-يىلى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە چاڭغا بىلەن ئېگىزلىكتىن سەكرەش تۈرى بويىچە چېمپىيون بولغان. ئۇ قازاقىستاننىڭ مەزكۇر ساھەدىكى ئاتاقلىق ترىنېرى ھېسابلىنىدۇ.

غۇلجىدا تۇغۇلغان يەنە بىر نەپەر قازاقىستانلىق ئۇيغۇر خەمىت بارايېف سوۋېت ئىتتىپاقى تەنتەربىيە ماھىرى نامىغا سازاۋەر بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر قازاقىستاننىڭ خەلقىارا دەرىجىلىك بوكس مۇسابىقىسى رېپىرى سۈپىتىدە خەلقئارالىق مۇسابىقىلاردا رېپېرلىق قىلماقتا. ئۇ، ئىلگىرى -كېيىن قازاقىستانغا ۋەكىل بولۇپ، پولشا، جۇڭگو، ھىندىستان، تۇركىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسابىقىلەرگە رېپېرلىق قىلغان.

سابىرجان روزىيېف قىلىچۋازلىق بويىچە ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى چېمپىيونى، ئۈچ قېتىم دۇنيا چېمپىيونى، ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولغان. ئۇ 22-قېتىملىق دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، قىلىچۋازلىق بويىچە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. سابىرجان روزىيېف 1992-1995-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان تەنتەربىيە مىنسىتىرلىكىنىڭ مىنىستىرىلىق ۋە 1995-2003-يىللىرى ئۆزبېكىستان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. سابىرجان روزىيېفقا ئۆزبېكىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پولكوۋنىكىلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن.

قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن زاكىر توختىيېف كاراتە تۈرى بويىچە دۇنيا چېمپىيونى ، ھىمىد توختاخۇنوف ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چامباشچىلىق مۇسابىقىسىدا دۇنيا چېمپىيونى، ۋېتنامدا ئۆتكۈزۈلگەن چامباشچىلىق-ساندا مۇسابىقىسىدە ئاسىيا چېمپىيونى بولدى. ئەخمەت جەلىلوف تايلاندچە مۇشتلىشىش ۋە ساندا بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى ، كىكبوكىس بويىچە دۇنيا چېمپىيونى بولدى.

ئەركىن ئىمىنوف ئامېرىكىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش بويىچە دۇنيا چېمپىيونىلىق شەرىپىگە ئېرىشتى. بۇنىڭغا يەنە باشقا مىساللارنىمۇ كۆرسىتىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بىز بۇ يەردە يەنە باشقا ئونلىغان جۇمھۇرىيەت چېمپىيونلىرى ۋە باشقىلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ كۆرسەتمىدۇق.

ئۇيغۇر يىگىتى رۇسلان پالتىيېف رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق پۇتبولچىسى بولۇپ، ئۇ «موسكۋا» كاماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرى ئىدى.

ھازىرقى رۇسىيىنىڭ داڭلىق پۇتبولچىسى، رۇسىيە ياشلار « زېنىت» كوماندىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق مۇداپىئەچىسى جامالىدىن خوجانىيازوفنىڭ نامى پۈتۈن رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا ناھايىتى تونۇش. ئۇ رۇسىيىنىڭ ياشلار كومانىدىسىغا قاتنىشىپ، ياۋروپا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان. ئۇ رۇسىيىنىڭ « زېنىت » كوماندىسى بىلەن ئۈچ يىللىق توختام تۈزگەن. جامالىدىن رۇسىيىدىكى ئەڭ ياش فۇتبول ماھىرى سۈپىتىدە داڭ چىقارغان.

تۈركمەنىستاننىڭ كونا ئۇيغۇر يۇرتى بايرام ئالىدە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە 1996-يىلى دۇنياغا كەلگەن جامالىدىن خوجانىيازوف رۇسىيە جۇرنالىستى م.لاپىننىڭ « زېنىت» كوماندىسى ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، جامالىدىن خوجانىيازوف رۇسىيە مۇخبىرىغا « مېنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر، ئانامنىڭ يېرىمى رۇس» دەپ چۈشەنچە بەرگەن[38]. مەزكۇر ماقالىدە جامالىدىن خوجانىيازوفقا ئەڭ ئىستىقباللىق پۇتبولچى دەپ باھا بېرىلگەن.




خۇلاسە


ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى يېقىنقى بىر ئەسىر ئىچىدە چار رۇسىيىنىڭ مۇنارخىزىملىق ھاكىمىيەت سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل دۆلەت تۈزۈمىدە ياشاش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى. بۇ بىر ئەسىر جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ، مىللىي مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئېغىر قىسمەتلىرىگە دۇچ كېلىپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ھالاك بولدى. مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ستالىننىڭ 1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.


ئۇيغۇر زامانىۋى مىللىي مەدەنىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ پايدىسىغا ئېرىشىپ، گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە بولسىمۇ، بىراق ئوخشاشلا ستالىن تۈزۈمىنىڭ خاراپ قىلىشىغا دۇچ كەلدى. نىكىتا خرۇشېۋ ، لېئونىد برېېژنېۋ ۋە مىخايىل گورباچېۋ دەۋىرلىرىدىكى سوۋېت-جۇڭگو دۈشمەنلىك ۋە رىقابەت دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنى ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدىكى « قەرتە» سۈپىتىدە پايدىلىنىش مەقسىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولسىمۇ، بىراق موسكۋانىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى « گېئوستراتېگىيىلىك» مىللەتكە ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋە رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى. ستالىن ۋە كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرق ۋە جۇڭگو ئىستراتېگىيىسىدە تېگىشلىك رول ئوينىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن 1960-1980-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 1986-يىلى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، 70 گە يېقىن ئۇيغۇر ئالىملىرىنى يىغىپ ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى تەرەققى قىلدۇرغان ئىدى. قازاقىستان دۆلەتلىك رادىئو- تېلېۋىزىيىسى ئىدارىسى قارمىقىدا «ئالاتاۋ» پروگراممىسى تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنى 1 سائەت ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقىتىلدى. قازاقىستاندىكى ئاباي نامىدىكى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى قارمىقىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كافېدراسى، قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا جۇرنالىستىكا ساھەسى بويىچە ئۇيغۇر سىنىپلىرى، قازاقىستاندىكى ھەر قايسى نەشىرىياتلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇر بۆلۈمى ئىش ئېلىپ باردى. ھەتتا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىلمىي ئاخبارات جۇرنىلى رۇس، قازاق ۋە ئۇيغۇر ئۈچ تىلىدا چىقىرىلدى. يۇقىرىقىدەك بۇنداق سالاھىيەتلەر باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بېرىلمىگەن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1960-يىللاردا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تاشكەنتكە توپلاپ، ئۆزبېكىستان رادىئو-تېلېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قارمىقىدا ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلى تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش ۋە لېنتىغا ئېلىشقا كىرىشكەن بولۇپ، تاشكەنت رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى پروگراممىلىرى كۈچەيتىلدى. تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلى تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەنگە قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى. موسكۋا مانا بۇ بىر قاتار «غەمخورلۇقلىرى » ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى نامايىش قىلدى.

بىراق، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ « گېئوستراتېگىيىلىك » مىللەتلىك سالاھىيىتى ئەمەلدىن قېلىپ، ئادەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت ھالىتىگە قايتىپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بېرىلگەن بۇ ئىمتىيازلار قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلدىن قالدى. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى قوللىشى بىلەن ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىنى دۆلەت مەبلىغى ۋە پروگراممىسى بىلەن قوللىماقتا. ھەر يىلى دۆلەت نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى نەشىر قىلىپ، بىر قانچە ئون مىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشنى قوللىماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە نىسبەتتە ئۆز مىللىي تىلىدا دەرس ئۇتۇش، قازاقچە، رۇسچە تىللارنى مۇھىم دەرس سۈپىتىدە ئۆگىنىش سىياسىتى قوللانغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى پۈتۈن دەرسلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا ئۆگىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى زوردۇر. ئەلۋەتتە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئۇزۇن مەزگىل دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدا ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئىش ئېلىپ بېرىشىنى قوللىدى ۋە دۆلەت تېلېۋىزىيە ھەم رادىئو كومىتېتىدا ئۇيغۇرچە پروگراممىلارنىڭ بېرىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. بىراق، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي سانىنىڭ ئاز بولۇشى ۋە تارقاقلىقى تۈپەيلىدىن مىللىي مەكتەپ مائارىپىنى بەرپا قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى، ئەمما مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ ساقلىنىشى ھەم تەشەببۇس قىلىنىشى داۋاملىق قوللاشقا ئېرىشىپ كېلىندى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان يەنە 20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىنىڭ ۋەتىنى بولدى. 1944-1946-يىللىرى ئارىسىدا« شەرىقى turk جۇمھۇرىيىتى»نىڭ رەئىسى بولغان مەشھۇر تارىخىي شەخس ئەلىخان تۆرە ، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پولىنوۋ، مالىيە مىنىستىرى ئەنۋەر مۇسابايېف ، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مەمەتجان يۈسۈپوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكلىرىدىن غاپپارخان تۆرە، رەسۇلوف ۋە باشقىلار تاشكەنتتە ياشىدى. ش ت ج ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇم ئىبرايىمى، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋە كېيىنكى جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورى زۇنۇن تېيىپوف، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ۋە جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورى مەرغۇپ ئىسھاقوف ، خەلق قەھرىمانى غەنى باتۇر ۋە فاتىخ باتۇر ، مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى ۋە كېيىنكى ش ئۇ ئا ر مەدەنىيەت نازىرى زىيا سەمەدى ، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ماژاروۋ ، 5-كورپۇس قوماندانى فاتىي لېسكىن، موڭغۇل ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى ئېردە بۇلغۇنوف، ش ئۇ ئا ر ياشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان باتۇر ئەرشىدىنوف ۋە ھاشىر ۋاھىدى، شۇ ئۇ ئا ر مۇزېيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ چۆچەكتىكى كادىرلىرىدىن بىرى ، يازغۇچى يۈسۈپبېك مۇخلىسى ، مىللىي ئارمىيە پولك كومادىرى ئايتوغان يۇنۇچى ۋە مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ كوماندىرى ئەسەت تېيىپوف قاتارلىق يۈزلىگەن يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەربىي-سىياسىي ئەربابلار ئالمۇتىدا ياشىدى.

ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ 1946-يىلىدىن كېيىنكى باشلىقى ، 1949-يىلى، سەيفىدىن ئەزىز بېيجىڭغا ماڭغاندا پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەتنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنى باشقۇرغان پولكوۋنىك نەبىجان يۈسۈپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى ئالاھىدە مەخپىي ۋەكىلى ھاكىم جاپپار، غۇلجا گارنىزون كوماندىرى ۋە ئاقسۇغا چۈشكەن ئەترەتنىڭ شىتاب باشلىقى ھۈسەيىن غازىيېف ، مىللىي ئارمىيە پولك ۋە شىتابى كوماندىرلىرىدىن خەمىت ئابباسوف، قېيۇم سابىر ھاجى، زاكىروف، خەمىت كەنجىبايېف ۋە ئابدۇرېيىم كەنجىيېف قاتارلىق يۈزلىگەن يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەربىي-سىياسىي كادىرلار بىشكەك شەھىرىدە ياشىدى.

سودا-ئىقتىساد جەھەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەتتىكى ئىقتىدارى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ياخشى تونۇشلۇق، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا بىر قىسىم مەشھۇر سودا-سانائەتچىلەر يېتىشىپ چىققان بولۇپ، فوربېس جۇرنىلىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگەن مىلياردېر باي ئەلىبېك ئىبرايىموف بىلەن سودا-سانائەتچى ئالىمجان توختاخۇنوفنىڭ نامى رۇسىيە ۋە پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان. ئۇلار بىر قىسىم مەبلەغلىرىنى سەنئەت، پەن-تېخنىكا، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ ئىشلىتىپ، مەزكۇر ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك ئۈلۈش قوشقان ئىدى.

خۇلاسە شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدا يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مۇۋەپپەقىيەتلەر مەيدانغا چىقتى، ئاز نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ئەنە شۇنداق قابىلىيەتلىك ئەربابلار مەيدانغا كەلدى. گەرچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىس بىۋاسىتە سوۋېت دۆلىتى ۋە كېيىنكى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى، ئىلىم-پەنى ، سەنئىتى ۋە باشقىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىدى ھەم ھەر ۋاقىت ئەسكەرتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز خىمزەت ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۇلۇش ھەسسە قوشۇشقا تىرىشتى. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-ئىدرىكى، قابىلىيىتى، تالانتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىدە ھەممە ئىقتىدارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتتى. بۇلار مىللەتنىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋە قابىلىيىتى ھەم تالانتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشتا ئىلھام بۇلاقلىرىنىڭ بىر تامچىسى بولۇپ قالغۇسى!. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى ئۈچۈن پىداكار بولغان ھەر قانداق ئوغلانىنى قەدىرلەيدۇ، ئەسلەيدۇ ۋە سۆيىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە يازغىنىم مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىغىلا مەنسۇپتۇر ئەلۋەتتە !.

مېنىڭ بۇ يەردە بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارنى يېزىشىم پەقەت تارىخچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، تارىخىي شەخسلەر ۋە قەھرىمانلارغا خەلق ئۆزى باھا بېرىدۇ!

ئەلۋەتتە، يۇقىرىدىكىلەر قىسقىچە ئومۇمىي باياندىن ئىبارەت بولۇپ، بىر پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت تارىخى چوڭ ۋە مۇھىم ئىلمىي ئەمگەكتۇر.




ئىزاھاتلار

—————————————————–

[1] . Агентство Республики Казахстан по статистике. Численность населения Республики Казахстан по отдельным этносам на 1 января 2012 года.


[2].Национальный статистический комитет Кыргызской Республики. Национальный состав населения (оценка 1 января 2012 года)


[3] . Этнический атлас Узбекистана. . Институт “Открытое Общество” – Фонд содействия – Узбекистан، 2002. Стр.217


[4] . К 100 летию переселения уйгуров в Туркменистан.http://hamrajan.narod.ru/index.html


[5] . رۇسىيە فېدەراتسىيىسىنىڭ 2010-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش خۇلاسىسى.


[6] . Избранные труды / Садвакасов،Гожахмет . Алматы:2005.


[7] . Валиханов Ч.Ч. Избранные произведения. Наука،

1986. Алматы.


[8] . Губаева С.С. Уйгуры и дунгане Ферганской долины // Современное развитие этнических групп Средней Азии и Казахстана. Ч. 2. М.، 1992. س.121


[9] . Избранные труды / Садвакасов،Гожахмет. ،

2000. س.55


[10] . Захарова И.В. Указ. Соч. С. 223-224.


[11] . Румянцев П.П. Уезды Жетысу.Алматы،

2000.


[12] . ئا.روزىباقىيېۋ م.روزىباقىيېۋا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى. ئالمۇتا، قازاقىستان.1987-يىلى، 48-بەت


[13] . نەبىجان تۇرسۇن. پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار .تۈركىيە ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتەتىنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى. 2013.-يىلى، ئەنقەرە.

[14]. بۇرھان قاسىموف . ئۇيغۇر خەلقلىرىدە مائارىپ ئىشلىرى. « كەمبەغەللەر ئاۋازى» ، 1922-يىلى.17-ئاۋغۇست.


[15] . مۇنىر ئەرزىن. يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى گېزىتى. « ئەسىرلەر سىرى» . «مىر» ئالماتي، 2012-يىلى، 244-245-بەتلەر.


[16] . ئا.روزىباقىيېۋ م.روزىباقىيېۋا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەندى. ئالمۇتا، قازاقىستان.1987-يىلى51-بەت

17] .ئابدۇللا روزىباقىيېف. گېزەك مۇئەللىملەرنىڭ. « كەمبەغەللەر ئاۋازى» ، 1925-يىلى، 18-ئىيۇل سانى. ئابدۇللا روزىباقىيېف ماقالىلىرى توپلىمى. <<خەلقىم ئۈچۈن كۆيىدۇ يۈرەك>> . 1997-يىلى، ئالمۇتا. جازۇشى نەشىرىياتى 78-بەت

»[18]. بۇرھان قاسىموف . ئۇيغۇر خەلقلىرىدە مائارىپ ئىشلىرى. « كەمبەغەللەر ئاۋازى» ، 1922-يىلى.17-ئاۋغۇست


19]. ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف. تەڭرىقۇل قۇتلۇق. « پەرۋاز» ، ئالمۇتا، 1991-يىلى، 7-بەت.


[20].مەشۇر روزىيېف. قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى. « قازاقىستان» نەشىرىىياتى. 1976-يىلى. ئالمۇتا. رۇسچە نەشىرى .189-190-بەتلەر


[21] . 20-ئەسىردىكى داڭلىق ئۇيغۇرلار. ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان. ئالماتي، 2005-يىلى،192-197-بەتلەر ( رۇسچە)


[22] . شۇ ئەسەر، 195-بەت


[23] . نەبىجان تۇرسۇن. پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار .تۈركىيە ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتەتىنىڭ ئىلمىي ماقالىلار توپلىمى. 2013.-يىلى، ئەنقەرە.


[24] . سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى. ئالمۇتا ،ناۇكا . 1986-يىلى،35-51-بەتلەر


[25] . خېلەم خۇدابەردىيېف. زامان ئىزغىرىنلىرىدا شۇڭغۇپ ( خاتىرىلەر). تاشكەنت.2003-يىلى، 99-106-بەتلەر


[26] . Бармин В.А. Советский Союз и Синьцзян 1918-1941 . 1998. بارنائۇل.


Коррупция в Политбюро: Дело «красного узбека». Федор Раззаков.».[27

سىياسىي بىيورودىكى چىرىكلىك: قىزىل ئۆزبېك دېلوسى) . 2009-يىلى، ئىنتېرنېت نۇسخىسى)


[28] . http://www.biografia.kz/partiynyie-deyateli/yusupov-ismail.html.


[29] . 20-ئەسىر نامايەندىلىرى . يولداش ئەزەمەتوف نەشىرگە تەييارلىدى. روند . ئالماتا 2005.


[30] . Галия ШИМЫРБАЕВА، Исмаил Юсупов: Моя совесть перед народом Казахстана чиста “Казахстанская правда”، 21 апреля


[31] . 20-ئەسىردىكى داڭلىق ئۇيغۇرلار. ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان. ئالماتي، 2005-يىلى،2-17-بەتلەر ( رۇسچە)

[32].«يېڭى ھايات»گېزىتى، 1997-يىلى،15-فېۋرال .ئالمۇتا.


33] . 20-ئەسىر نامايەندىلىرى . يولداش ئەزەمەتوف نەشىرگە تەييارلىدى. روند . ئالماتا 2005.


[34]. ئاتوم فىزىكىسى ، پلازما فىزىكىسى ۋە مىكروئېلېكترون كافېدراسىنىڭ پروفېسسورلار تەركىبى. .http://www.affp.mics.msu.su/sost/ ( رۇسچە)


[35] . 20-ئەسىر نامايەندىلىرى . يولداش ئەزەمەتوف نەشىرگە تەييارلىدى. روند . ئالماتا 2005.


[36] .20-ئەسىر نامايەندىلىرى . يولداش ئەزەمەتوف نەشىرگە تەييارلىدى. روند . ئالماتا 2005.


[37] .20-ئەسىردىكى داڭلىق ئۇيغۇرلار. ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان. ئالماتي، 2005-يىلى،( رۇسچە)