ئانىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

ئانىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ھەققىدە ئىككى كەلىمە


مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن

دۇنيادا ئانا توغرىسىدا شېئىر يازمىغان شائىر، ئانا توغرىسىدا ئەسەر يازمىغان ئەدىب، ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈپەتلىمىگەن پەيلاسوپ، ئانىنىڭ مېھرىدىن سۆيۈنمىگەن ئىنسان بولمىسا كېرەك. ئانا مەڭگۈلۈك تېما. دۇنيادىكى بارلىق ئۇلۇغلۇق ئانىنىڭ نامى بىلەن باغلىنىپ كېلىدۇ. ئانىنى قانچىلىك كۈيلىسەكمۇ تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئانا ئائىلىدە ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. قىز ياتلىق بولۇپ تېخى بالىلىق بولمىغاندا ئائىلىگە نازاكەت، مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئائىلىگە گۈزەللىك، پاراۋانلىق، ئىناقلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئائىلىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەملىنىدۇ، ئائىلە بەختكە چۆمىدۇ، ئايالسىز ئۆيدە بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. دەرۋەقە ئايال ئائىلىدە چېۋەر، ئىشچان، ئەقىللىق، پەزىلەتلىك، مەرىپەتلىك بولسا پەرزەنتلەر كۆيۈمچان، مېھىر – مۇھەببەتلىك چوڭ بولىدۇ. ئەر ئۆزى ئىشتىياق باغلىغان ئىشتىن نەتىجىگە ئېرىشمەي قالمايدۇ.

جەمئىيەت تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى ئىستېمال، مودا كىيىم، قىممەت باھالىق زىبۇ – زىننەت، يۇقىرى نام – ئابرۇي قوغلىشىپ ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋاتقان ئاياللار، ئائىلە، ئانىلىق مەسئۇلىيەتتىن قىلچە خەۋىرى يوق قىزلار، ئائىلىگە، ئاياللارغا، قىزلارغا مەسئۇل بولمايدىغان ئوغۇللار كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، مۇرەككەپ ئائىلە، نىكاھ، تۇرمۇش زىددىيەتلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، بۇرۇن ئاياللار ئائىلە ئىشلىرى بىلەنلا ئائىلىگە بەنت ئىدى، كېيىن ئاياللارمۇ يېرىم دۇنيالىق سالاھىيىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئارىلاشتى. تەربىيەلىنىش، سايلاش، سايلىنىش، جەمئىيەت ئىشلىرىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا ئۆتتى، ھازىر بەزى ئاياللار كىيىنىش، ئىستېمال، ئىجتىمائىي ئالاقە، ئۆي، ماشىنا، ئويۇن – تاماشا جەھەتتە ئەرلەردىن ئېشىپ چۈشتى، ئانىلىق مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت، بۇرچ تۇيغۇسى، بالىلار تەربىيەسى، ئىرادە، جاسارەت، ۋاپادارلىق، مېھىر – مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق، بىلىم، غايە بارغانسېرى سۇسلىشىۋاتىدۇ. مىللەتنىڭ ئانىسى، مىللىي كىملىكنىڭ بەرپاچىسى ھېسابلانغان ئانىلار ساپا جەھەتتە ئەرلەردىن تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا ھەرگىز بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىلىم – پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، تىل – يېزىق، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت، كەسىپ جىددىي خىرىسقا دۇچ كەلگەن شارائىتتا، ئانىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولسا ھەرگىز بولمايدۇ. ئانىلار ھەرگىز جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىغا ئۆتۈپ قالماسلىقى كېرەك. ئانىنىڭ ھوقۇق – مەرتىۋىسى، بايلىقى، نام – شۆھرىتى ھەر قانچە ئۈستۈن بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئانىلىق مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت ئاتىغا يۈكلىنىپ قالمايدۇ، ئۇلارنى يەنە ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىنى، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى، ئائىلە ئىناقلىقىنى، ئائىلىنىڭ بەخت – سائادىتىنى يەنىلا ئانىلار تەڭشەپ تۇرمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئاياللار قانداق شارائىت، قانداق مۇھىت، قانداق كەسىپتە تۇرۇۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئانىلىق مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشى، بولۇپمۇ رەڭدارلىققا تولغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ئۆزىنى ئاددىي – ساددىلىق، كەڭ قورساقلىق، كەمتەرلىك جەھەتلەردىن داۋاملىق تەربىيەلىشى، بالىلىرىمىزغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئانىلىق سالاھىيەتكە، ئانىلىق نامغا مۇناسىپ ئىش قىلغان بولىدۇ.


تەھرىر:ئابدۇراخمان سادىق ۋاقتى:2016-12-15 ماقالىنىڭ كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى