ئاماننىساخان

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا


خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئىستىداتى ۋە ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تۇنۇشلۇق بولغان مەشھۇر مۇقامشۇناس ، شائىرە مەلىكە ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1523-يىلى دۇلان تىزناپ دەرياسى بويىدىكى غازكۆل يېزا قومۇشلۇق مەھەللىسى كەمبەغەل بىر ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئاماننىسا توغرۇلۇق تەپسىلىي ھەم ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىزگە موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) ناملىق قىممەتلىك ئەسىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئاماننىساخان توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ : _


ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىساخان خېنىم ئىدى ، بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى ، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ ، «دىۋان نەفىسى» ناملىق شېرىن بىر كىتاپ يازغانىدى ، خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى ،مۇزىكا ئىلىمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى ،سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى .سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخىت يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ ،تارىم دەرياسىنى بويلاپ ،تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە بىرنەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى .سۇلتاننىڭ كىچىلىرى پۇقراچە ياسىنىپ ،قۇنۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىسىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەگە زۇلۇم-سەتەم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى .بىر كۈنى شۇ يۇسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن خارابى بىر ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى ،بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى ،بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇد نىڭ قىزى ئىدى ،سۇلتان ئۆينىڭ بولۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ ،مەھمۇدتىن تەمبۇر چېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى ،مەھمۇد :«مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن ،مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى ،سۇلتان :«ئەمسە قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن » دىدى .مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى ،قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شىنداق چالدىكى ،سۇلتان ھەيران قالدى ،بۇلۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا ،سۇلتان قىزنىڭ مۇھاببىتىدە كۈيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى ،شىئىرنىڭ باشلانمى بېيىتى مۇنداق ئىدى :


سەڭا يۈز شۈكۈر يارەپ بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ ،


فەقىر-مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ .


بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغانىدى


نەفىسى كىچە –كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىگە ،


كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ .


غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ :«نەفىسى دېگەن شائىر كىم ؟سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن ؟» دەپ سورىغانىدى .


<<خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن ؟ مەن ناۋائىي ،فۇزۇلىي ، زەلىلىنىڭ شىئېرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن ،بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ ، نەفىسى دېگەن مېنىڭ تەخەللۇسۇم >> دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىغانىدى ، ئاتىسى << 13 ياشقا كىردى >> دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قۇپۇپ ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئېرلارنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى ، خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى ، پادىشاھ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدەنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنمەي :<< قېنى ئەمسە ،مەن قاراپ تۇراي ،بىر شىئىر يېزىپ بېقىڭ >> دېگەنىدى ،قىز دۈۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى :


يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەپ سۇئىزەن مەڭا ،


گۇيا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا .



سۇلتان كۈلدى ، ئىشەندىم ،ماڭا ھەجۋى قىلمىسىلا دېدى ۋە مەھمۇد بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ << بىز ھېلى كېلىمىز >> دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى ، بېشىغا تاج كىيىپ ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى ، دەرھال ئون قوي ۋە ئەتلەسلەر تەييارلاندى ، تۈن يېرىمدا قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەدنى بايان قىلدى ، پادىشاھ ئۈزىنى ئاشكارە قىلىپ ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى . خۇدايىتائاللاھ بۇ قىزغا شۇندق ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى بۇنى تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، «دىۋان نەفىسى» نى يازدى ، خۇتۇن –قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى <<ئەخلاقى جەمىلە >> (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتاپ يازدى . <<شورۇھۇلقۇلۇب>> (قەلىبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى ، شائىرلىق ۋە نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنداق مەنىلىك كىتابلار ئاز ،<<ئىشرەت ئەنگىز>> (شادلىق قوزغىغۇچى) ناملىق مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى ، كۈچلۈك رەشىك تۈپەيلىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ھەم شۇ بۇيىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگىتىلگەن ، بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ ، مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇدەك ھالغا يېتىپ ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى ، سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى دېيىلىدۇ .

ئاماننىسا ھەققىدە يەنە موللا سالىھ كاشغەرىنىڭ <<چىڭگىزنامە>> دېگەن ئەسىرىدە <<...خان ئاخىرى بىر رەئىف لۇلىنى ئالدىلەر ،چۈچۈك خانىم سەرزەنىش (تاپا-تەنە) قىلدى << : سەن لۇلىنى ئالدىڭ دەپ ،خان بۇ روبائىينى توساتتىن ئېيتتىلەر :


<< مەھبۇب ئەگەر كۆڭۈل قەبۇلى بولسە ،


شىرىن ھەرەكەت ،خۇش ئۇسۇلى بولسە .


جان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بولسە ،


نى ئەيىب ئانىڭ ئەسلىسى لۇلى بولسە ،


خانىم ھەم گۈزەشىت (كەچۈرۈش) قىلدىلەر. >>


دەپ يېزىلىپ ئاماننىساخاندىن بىشارەت بېرىلگەن .

بۇ يەردىكى << لۇلى >> سۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىم ۋادىسىدىكى دولان دىيارىدا ياشاپ كەلگەن سەنئەتخۇمار مەكىت خەلقىگە قارىتىلغان بولۇپ ، ئۇلار فىئۇدال مۇتەئەسسىپ ئىشانلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ <<لۇلى>> دەپ ئاتالغانىدى . بۇ ئاماننىساخاننىڭ ناخشا –ئۇسسۇلغا ماھىر ، ئاددى سەنئەتكار خەلقنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

يۇقىرىقى تارىخى ماتېرياللاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى ، مەلىكە ئەماننىساخان بىر ئاددى ، كەمبەغەل ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئۆزىنىڭ گۈزەل لاتاپىتى ۋە بىلىمى بىلەن سۇلتاننىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان .


مەلىكە ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ، ئەل ئارىسىغا بېرىپ مۇقامنى قېزىش ، توپلاش ، رەتلەش ،يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشتا ئۇنىڭ قوللىشىغا ھەم ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، ئوردىدىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ ۋەزىر –ۋۇزۇرالار ۋە دىنىي ھوقۇقنى قولغا ئېلىۋالغان خوجا-ئىشانلار بىرلىشىپ ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپقان . ئۇلار<< ئوردىنى مۇقامچىلار ئىگىلەپ كەتتى ، قوللىرىغا ساز تۇتۇشىۋالغان زىدى پەس تىجىمەللەر خالىغانچە كىرىپ ئوردىنى قەلەندەرخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى ، خانلىقنىڭ غەزىنىسىدىن نۇرغۇن ئاقچىلار بىھۇدە خەجلىنىپ كەتتى ، خانىش ئاماننسا خېنىم ئاشۇ تىجىمەل مۇقامچىلارغا مۇبارەك جامالىنى ئۇچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بىللە ساز چېلىشىپ ، مۇقەددەس دىنىي ئىسلامىمىزغا مۇخالىپ كېلىدىغان گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ >> دېگەندەك بەدناملارنى چاپلاپ مۇقامدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك مەنىۋىي روھ غەزىنىسىنى يوقىتىۋەتمەكچى بولۇشقان .

مەلىكە ئاماننىسا خېنىم ئەنە شۇنداق چەتكە قېقىش ، يۇشۇرۇن ئاھانەت قىلىشلارغا چىداپ ، مۇقام رەتلەش ، شىئىر يېزىش ئىشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان ، قىدىرخان يەركەندىدەك مەشھۇر مۇقام ئۇستازلىرى ئۇنىڭغا ھەرجەھەتتىن ياردەمدە بولغان ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانمۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئۇنى قوللىغان . ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ مۇھەببىتىدىن ۋە ئادالەتلىكىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق بىر پارچە شىئېر يازغان ، بۇ شىئېر ھەم ھازىرغىچە مۇقام تېكىستلىرى بىلەن بىللە زامانىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن :


كىشى كەلدى جاھانغا كۆردى تەڭسىزلىك بالاسىنى ،


خۇداۋەندە قۇبۇل قىلغىن فەقىرلەر ئىلتىجاسىنى .


ئادالەت بىرلە دۇنياغا ھۆكۈم سۈرسە ئۇلۇغ خىسلەت ،


شۇڭا ئەل باشپاناھ دەرلەر دىيارىم پادىشاھىنى .


چىمەندە گۈل ئېچىلغاندا قىلۇر بۇلبۇل نىچۈك تاقەت ،


شۇ چاغ بۇلبۇل تۇرالامدۇ جاراڭلاتماي ناۋاسىنى .


ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلۇغ سەردارىنى يادلاپ ،


نەفىسە چالدى شۇكرانە قىلىپ بۇ پەنجىگاھىنى .



بىراق زامان چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، ئاياللارئارىسىدىن چىققان بۇ لاتاپەتلىك ،بىلىملىك ،قەيسەر مۇقام خانىشى تەخمىنەن مىلادىيە 1557-يىلى ئوردىدا تۇغۇت ئۈستىدە ۋاپات بولغان . ئۇ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دىگەن :«مەن بۇ ئالەمدىن كېتىمەن ،ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشتىم ،بۇنىڭدىن باشقا سەرمايەم ،ياخشى خىسلەت ،پەزىلىتىممۇ يوق . ئۆز ھاياتىمدا يېزىپ چىققان مەنىۋى ئۈمۈدۈم –غەزىنەمنى باقىي ئالەمگە ئېلىپ كېتەي .قۇمۇش قەلەملىرىمنىڭ قېرىندىسى بىلەن سۇ ئىسسىتىپ مېنى يۇيۇڭلار ،مەلىكە رازىيەنىڭ ياقۇت يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەسھەپ شىرىپنى تېخى كۈچۈرۈپ بولالمىغانىدىم ،قىزلارنىڭ بىرى ئاخىرنى يېزىپ ئەلگە تەقدىم قىلسۇن ،پاتىمە بىننى ئەھمەدنىڭ خۇش خەتنى بىلەن قەبرەمگە خاتىرە يېزىڭلار......

( ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ،شۇنداق بولسىمۇ تەۋارىخى مۇسقىيۇندا ئېيتىلغان ،مەلىكىنىڭ 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ،سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ مەلىكىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن سەۋدايىلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلقكى توغرىسىدىكى بايانلارغا ئاساسەن مەلىكە ئاماننىساخاننى ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ باشلىرى يەنى مىلادىيە 1520-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى دۇنياغا كېلىپ ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى يەنى مىلادىيە 1550-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن دەپ قاراش مۈمكىن ).

شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا گۈھىرى بولغان ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش ، يۈرۈشلەشتۈرۈش ، ئەل ئارىسىغا تارقىتىش ئىشلىرىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان ،خەلقنىڭ مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك سۇقۇشتىن بىمەھەل توختىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ شۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنىڭ شەرىپىتىگە خەلقىمىز ئۇنى تاكى ھازىرغىچە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ ، نامىنى يادلاپ، ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئابىدىلەرنى قاتۇرۇپ ، روھىنى تاۋاپ قىلىپ كەلمەكتە ھەم كەلگۈسىدىمۇ ئۇنىڭ مۇبارەك مۇقام خانىشلىق نامى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ئورنىغۇسى .






مەنبە: پارتىيە ئۇچۇر تورى تەھرىر: گۈلنۇر

يوللانغان ۋاقىت: 2010-02-24