ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ دۆلەت ئەنئەنىسىدىكى ئۇيغۇر ئىزلىرى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

ئا.مەلەك. ئۆزيەتگىن


(ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جوغراپىيە فاكۇلتېتى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئۆمەرجان نۇرى


1 . باشلىما

ھازىرغىچە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى مەدەنىيىتى ھەققىدە تولۇق تەتقىقات مەيدانغا كەلمىدى . ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا پايدىلىنىدىغان ماتېرياللار ناھىيىتى ئاز بولۇپ ، تەتقىق قىلىشقا يارايدىغان بىرنەچچە پارچە يارلىق بار . بۇ يارلىقلارنى تارىخى نوقتىسىدىنلا ئەمەس ، تىل-ئەدەبىيات نوقىسىدىنمۇ تەتقىق قىلىش كىرەك . بۇ يارلىقلارنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا بەزى ئاتالغۇلارنى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا نىمە مەنىدە قوللانغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگىلى بولمايدۇ . بۇ مەسىلىنى بىتەرەپ قىلىش ئۈچۈن ، ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى قۇرۇپ بەرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە يالۋۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ . ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا قوللانغان بۇ ئاتالغۇلار پەقەت تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۇقراۋىي ھۆججەتلىرىدە ئۇچىرايدۇ .بۇ ھۆججەتلەر قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ، قانۇنى ، ئىقتىسادى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىپلا قالماي ، ئىجتىمائى ۋە تىل تارىخى نوقتىسىدىن مول ماتىرياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان .

بۈيۈك مەدەنىيەت ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدىن باشلاپ موڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ ئەنئەنىسىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان . ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى بولسا چىڭگىزخان دەۋرىدىكى ئەنئەنەلەرنىڭ داۋامى قاتارىدا قوبۇل قىلىنغان . قەدىمكى ئۇيغۇرلار يايلاق خەلقلىرى ئارىسىدا مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلىق رولىنى ئويناپ ،موڭغۇل قەبىلىلىرىگە نېستۇرىئان ۋە بۇددا دىنىنى تارقاتقان . ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادا ، چىڭگىزخانغا تەۋە زىمىنلاردا ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرغان ۋە بۇ تەسىر ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان .

1209.يىلى بارچۇق ئارتتېكىن چىڭگىزخانغا تەۋە بولغاندىن كىيىن ، موڭغۇللارغا ھەربىي ، ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بەرگەن . ئەينى چاغدا تەرەققى قىلغان ۋە مەدەنى جامائەت ھىسابلىنىدىغان ئۇيغۈرلار موڭغۇللارغا تۇنجى بولۇپ تەۋە بولغاندىن كىيىن چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۈرلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە مەدەنىي باشقۇرۇش قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلىپ جىق پايدا تاپقان .تاتاتۇڭانىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇللارغا ئۆگۈتىشى(1) ئۇيغۈرلارنىڭ مەدەنىيەت نۇپۇزىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان . ئۇيغۈرلار ئىلگىرى خىتايلارغا دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۆگەتكەندە بۇ يېزىقىنىمۇ ئۆگىتىپ قويغانكەن(2).يېزىقنىڭ مۇھىملىقى بىلەن ئۇيغۈرلار موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمىران سىنىپىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىرگە تەشكىلاتچى ، باشقۇرغۇچىلىق سالاھىيىتى ۋە تەربىيە كۆرگەن ، قابىلىيىتى بىلەن موڭغۇللارنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا مۇھىم رول ئوينىغان(3). چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم دەۋر نوقتىسى بولغان 1205-1210 . يىللاردا ، ھاكىمىيەت مەرگىزى قۇرۇلۇپ ، ئەسكىرى ۋە ئىجتىمائى تەشكىلاتلار يېڭىدىن مەرگەزگە مەرگەزلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلىدۇ . چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىدىكى بۇ تۇنجى ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۈرلارنىڭ سايىسىدە ، ئەسكىرى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ بەرگەنلىكى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ .(4)

13.ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا قاراقۇرۇمدىكى موڭغۇل ئوردىسىىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىرى ناھىيىتى كۈچلۈك ئېدى . ئوگداي خان قەدىمكى تۈركلەردىكى ‹قاغان› ئۇنۋانى بىلەن

تەختكە چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىسىتىمىسىنى قوللانغان .شۇڭا ئوردىغا ئۇيغۇرلاردىن تاللانغان ئۇستاز ، ئەمەلدار ۋە مەسلىھەتچىلەرنى ئېلىشقا باشلىغان . بۇنىڭ بىلەن بىللە 1235-1250.يىللار ئارىسىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئورتاق› دەپ ئاتىلىدىغان شىركەتلىرى شىمالى جوڭگودىن غەربى ياۋرۇپاغا قەدەركى موڭغۇللار تەۋەلىگىدە تىجارەت قىلىشقا باشلىغان . ‹ئورتاق› دەپ ئاتىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ خادىملىرى دۆلەنىڭ ئەلچىسىدەك ئەمەل بىلەن ، ھەتتا ‹دارۇغاچ›لىق ئۇنۋانى بىلەن باج يىغىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغانىدى. موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلىگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئېدى . پەقەت ئۇيغۇر مەسلەھەتچىلەردىنلا 158 كىشىنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن(6)

موڭغۇل خانلىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەشكىلى جەھەتتە كەڭ كۆلەمدە تەسىرى كۆرسەتكەن خانلىق بولسا چاغاتاي ۋە ئالتۇن ئوردا خانلىقىدۇر. چاغاتاي خانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنىدا قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاسارىتىدە قالغان ،ئىلخانىيە بولسا تۈرك ، ئەرەب ، پارسلارنىڭ تەسىرىدە ئۆزگىچە دۆلەت ئەنئەنىسى شەكىللەندۈرگەن . ئالتۇن ئوردا خانلىقى بولسا يايلاق خاراكتىرىدىكى تۈركى خەلقلەردىن تەركىپ تاپقان ‹دەشتى قىپچاق›تا قۇرۇلغاچقا ، دۆلەت تەشكىلاتى تۈركلەرنىڭكىگە ئوخشاشتى(7).

ئالتۇن ئوردا خانلىقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە بولۇش بىلەن بىرگە ، ئىقتىسادى جەھەتتە ياۋرۇپادىن پايدىلانغان بولسىمۇ ، مەدەنىيەت خەھەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىچىدە ياشىغان . شۇڭا ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋېتىنى يېزىق ۋە ئالاقە ئەنئەنىسى بىلەن ئىقتىسادى خەھەتتىكە ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا سېلىشتۇرىمىز .

2 . ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى ئورتاق تەشكىلى قۇرۇلمىلارغا بىر نەزەر

(1) ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئالاقە ئەنئەنىسىدىكى ئۇيغۇر ئىزلىرى

موڭغۇللار يېزىقنى ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن بولغاچقا خەت-ئالاقە ۋە تىزىملاش ئەنئەنىسىنىمۇ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگەن ، ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خەت-ئالاقە ئەنئەنىسى موڭغۇل خانلىقىدىن ، يەنى يىلتىزى بولغان ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن (8).

ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئالاقە ئەنئەنىسى ئۇيغۇرلارنىڭ خەت-ئالاقە ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن .ئىسلامىي دۆلەت بولغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى خەت-ئالاقىدە ئەرەب يېزىقىنىڭ يېنىغا (قەدىمكى) ئۇيغۇر يېزىقىنڭ قوشۇپ يېزىشمۇ كاتىبخانەلەرىدىكى ‹ شۆھرەتلىك يېزىق›نىڭ ھۆرمەت يۈزىدىن كۆپ قوللىنىلاتتى .دىپلوماتىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرمۇنچە ئاتالغۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەنىدى . ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ كاتىبخانەلەرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئاتالغۇلارنىڭ بىرى بولغان ‹يارلىغ›،‹بىتىگ› ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقراۋىي ھۆججەتلىرىدىمۇ ئالاھىدىرەك قوللىنىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانماقتا .

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقراۋىي ھۆججەتلىرىدىنمۇ دۆلەت ياكى جامائەت ئىچىدىكى خەت-ئالاقىلار تۈرى ۋە ئۇسلۇبى جەھەتتىن جىق تەرەققى قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز . ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن زامانداش ھىسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پۇقراۋىي ھۆججەتلەر ئەارىسىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقى تارخانلار ئۈچۈن بىرىلگەن ‹يارلىغ› ئاتالغۇسى بىلەن سېلىشتۇرىدىغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردىكى ‹ يارلىغ ›،‹ئۇلام يارلىغ ›،‹بىر تۈرۈ يارلىغ›،‹تۇتا تۇرغۇ يارلىغ ›،‹بىتىگ›،‹تۇتا تۇرغۇ بىتىگ› ئىبارىلىرى ئۇچىرايدۇ . بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە پۇقراۋىي ھۆججەتلەر ئىچىدە ، بولۇپمۇ باج تۆلەش بۇيرىغى ئۇسلۇبىدىكى ھۆججەتلەردىمۇ ‹ يارلىغ › ئاتالغۇسى ئۇچىرايدۇ .ئىستىلىستىك جەھەتتىن ۋە مەزمۇن ھەم تەييارلاش ئۇسلۇبى جەھەتتىن ‹يارلىغ› ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىشىدا پەرقلەر بارلىقىنى بايقايمىز . ‹يارلىغ›نىڭ ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكلىرى ئۇيغۇرچە پۇقراۋىي ھۆججەتلەردىكى ئۇسلۇپ بىلەن ئوخشاش قوللىنىلغان .

ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ‹يارلىغ› ۋە ‹بىتىگ›لەرگە باسىدىغان تامغىلىرى قىزىل رەڭدە بېسىلىدىغان بولۇپ(9) شەكلى ئۇيغۇرلارنىڭ 4 بۇرجەكلىك تامغىسىغا ئوخشايدۇ .بۇنىڭدىن باشقا تىزىملاش ئەنئەنىسىدە ئۇيغۇرلاردا ‹ئۇلۇغ دەپتەر›دېگەن ئاتالغۇ ئۇچىرايدۇ(10).بۇ چىڭگىز خان دەۋرىدە ‹كۆكۆ دەپتەر› دەپ ئاتىلىپ خانزادە ۋە سانغۇنلارغا بىرىلگەن سۇيۇرغاللار تىزىملانغان . ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا بۇ تۈزۈم نۇپۇس ۋە باج ئۈچۈن قوللىنىلغان . بۇنداق نۇپۇس تىزىملىرى(11) ئۇيغۇرلاردا باسما ھالەتتە ساقلانغان .

(2) ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى ئۇيغۇر ئىزلىرى

1. تىجارەت :

ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئورتاق› دەپ ئاتىلىدىغان تەشكىلاتى(ياكى شىركىتى) 13-14.ئەسىرلەردە شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدا تىجارەتنى كېڭەيتىش ۋە ماسلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان . بۇنداق ‹ئورتاق› تەشكىلاتى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا ‹بازىرغان› دېگەن تەڭ مەنىدىكى سۆز بىلەن

مەۋجۇت بولغان . ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا ئائىت مەنبەلەردە ‹ئورتاق› سۆزى تەۋەلىگىدىكى

پارس سودىگەرلەرگە قارىتىلغان بولۇپ ،بۇ سۆزنى خەلقئارالىق تىجارەت قىلىدىغان سودىگەرلەرگە قارىتا قوللانغان .بۇنىڭدىن ‹ئورتاق› نامىدا تىجارەت قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ موڭغىللار تەۋەسىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز(12).

2.باجلار :

ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدە قوللىنىلغان باج ئاتالغۇلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە ئۇچىرايدۇ.ھەر ئىككى خانلىقتا ئورتاق قوللىنىلغان ئاتالغۇلاردىن‹ئالبان›،‹قالان›،‹سالىغ›.‹ياساق›،‹تۈتۈن› ھەم خىزمەت ۋە ۋەزىپە ئاتالغۇلىرىدىن ‹چەرىگ›،‹قولۇش قولتقا›،‹ئۇلاغ›قاتارلىق ئورتاق ئاتالغۇلار قوللىنىلغان .

ئالبان :موڭغۇللاردە دىھقانلارغا قويۇلغان ھاشارنىڭ ئومۇمى نامى بولۇپ ، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدە ‹ ئومۇمى باج › مەنىسىدە قوللىنىلغان . ئىلگىرى ئۇيغۇرلارمۇ ‹قالان-يەر بېجى›،‹قاۋۇت-مەھسۇلات بېجى›،‹تۈتۈن-ئۆينى بىرلىك قىلىپ ئالىدىغان باج›،‹كابىن-تويلۇق بېجى› قاتارلىق باجلار ئۈچۈن قوللانغان ئورتاق باج نامىدۇر .

سالىغ : ئەسلى ئۇيغۇرلاردا يەر ئىگىسى باخ ئورنىغا ھۆكۈمەتكە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان باج بولۇپ ، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدىمۇ ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلغان .

ياساق : ئۇيغۇرلاردا ‹ ئومۇمى باج › مەنىسىدە قوللىنىلغان . ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدە بولسا مەھسۇلاتنىڭ 10دە بىرىدىن ئېلىنىدىغان ۋە بويسۇندۇرۇلغان قەۋملەردىن باج قىلىپ بىكىتىلگەن ،

3. خىزمەت ۋە ۋەزىپىلەر

شەخسلەرنىڭ دۆلەتكە ۋەزىپە ئۆتەپ بىرىش ئورنىغا پۇل ياكى مال بىرىش يولى بىلەن ئورۇنلايدىغان خىزمەت ۋەزىپىسىدۇر . ئۇيغۇرلار بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا ئورتاق قوللىنىلغان

ئاتالغۇلاردىن تۆۋەندىكىلەر بار .

چەرىگ : ئۇيغۇرلاردا ‹ئەسكەرلىك خىزمىتى› مەنىسىدە قوللىنىلغان بولۇپ ، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدىمۇ ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلغان .

قولۇش : ئۇيغۇرلاردا ‹ خانلىقىنىڭ ئەلچى ياكى ئەمەلدارلىرى سەپەرگە چىققاندە پۇقرالار تەمەنلەپ بىرىشكە تىگىشلىك ئات –يەم ۋە لازىمەتلىكلەرنىڭ ئومۇمى نامى› مەنىسىدە قوللىنىلغان بولۇپ ، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدىمۇ ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلغان .

ئۇلاغ : ئۇيغۇرلاردا ‹ پۇقرالار ھۆكۈمەتكە بىرىشكە تىگىشلىك ئات ياكى مىنگۈلۈك› مەنىسىدە قوللىنىلغان بولۇپ ، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەۋەسىدىمۇ ‹پوچتا ، خەۋەر يەتكۈزۈش ۋە دۆلەت خىزمىتى ئۆتەۋاتقان كىشى خالىغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن خالىغان ھايۋاننى ئېلىش ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقى بار›دېگەن قانۇنىي مەنىدە قوللىنىلغان .

خۇلاسىلىغاندا ، ئۇيغۇرلار بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى ئارىسىدا سېلىشتۇرغۇدەك مەنبەلەر ناھىيىتى كۆپ ،شۇڭا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ھەققىدە تارىخ يازماقچى بولغاندا ، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتىگە تايانغاندا تېخىمۇ قانائەتلەنگۈدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز .

————


’ın Türk Müşavirleri” , İstanbul


1)ÖGEL , Bahaeddin ,“ Sino-Türcica , Çingiz Han

(2)ÖGEL , Bahaeddin , “Türk Kültürünün Gelişme Çağları” , İstanbul 1971 .

(3)ALLSEN , Thomas “The Yuan Dynasty and Uigurs of in the 13 th Century” , (Ed) . M.Rossabi , China among Equals The Middile Kingdom and its Neighbours , 10th-14th Century , 1983 , 266-167。.

(4)RACHEWİLTZ,İgorde, “Turks in China under the Mongıls , A Preliminary İnvestigation of Turco-Mongol Relations in the 13th-14th”” Centturies , (Ed). M.Rossabi,China among Equals The Middle Kingdom and its Neighbours , 13th-14th Century,1983 , 283 .

(5),(6)RACHEWİLTZ,İgorde, “Turks in China under the Mongıls , A Preliminary İnvestigation of Turco-Mongol Relations in the 13th-14th”” Centturies , (Ed). M.Rossabi,China among Equals The Middle Kingdom and its Neighbours , 13th-14th Century,1983 , 284-285 。

(7)KAFALI , Mustafa ,“Altın Orda Hanlığının Kuruluş ve Yükseliş Devirleri” , İstanbul Üniversitesi Edebiyat Fakültesi Yayın no 20085 , Edebiyat Fakültesi Matbaası , İstanbul 1975 ،116 .

(8)VASARY , İstvan,“Az Arany Horda Kancellarıiaya”, Keleti Eetekezesek 3, Körösi Csoma Tarsasag , Budapest 1987 , 67 .USMANOV , M , A , “Jalovannie Aktı Djuvieva Ulısa XIV-XVI vv”, İzdatel’stvo Kazanskogo Universiteta Kazan 1979 .ÖZYETGİN , A , Melek , “Altın Orda Hanlığının Resmi Yazışma Geleneği”,Türkler , Yeni Türkiye Yayınları , C 8 , Ankara , 1002 , 819-830 .

(9)VASARY , İstvan,“Az Arany Horda Kancellarıiaya”, Keleti Eetekezesek 3, Körösi Csoma Tarsasag , Budapest 1987 , 67 .USMANOV , M , A ,“Jalovannie Aktı Djuvieva Ulısa XIV-XVI vv”, İzdatel’stvo Kazanskogo Universiteta Kazan 1979 .

10)ÖZYETGİN , A , Melek “Türklerde Nüfüs Sayımı ve Bununla İlgili Kayıtlar Üzerine” , V.Uluslararası Türk Dil ve (20-26 Eylül 2004), Ankara , 2379-2394 .

(11)ALLSEN , Thomas “ Mongol Census Taking in Rus” , 1245-1275 , Harvard Ukrainian Studies 5/1 ,1981 ,32-53 .PELLİOT , P , “Les kökö-dabtar et les hou-k’eou ts’ing-ts’eu” (1930) , 195-198 . ÖZYETGİN , A , Melek “Türklerde Nüfüs Sayımı ve Bununla İlgili Kayıtlar Üzerine” , V.Uluslararası Türk Dil ve Kurultayı Bildirileri-II (20-26 Eylül 2004), Ankara , 2379-2394 .

(12)TOGAN ARIVANLI , İsenbike ,“ Moğullar Devrinde Çin’de Ticaret ve Ortak Tüccarlar” , Toplum ve Bilim , 25/26 Bahar-Yaz 1984 , 71-90 .

مەزكۇر يازمىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى 2009-يىللىق چاغاتاي ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپى ماگېستر ئاسپرانتى قەدىردىن نۇرئەھمەد قۇتتېكىن تەمىنلىگەن .