«ئۇيغۇر» نامى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى

From Uyghurpedia- Uyghur Énsiklopédiyisi
Jump to: navigation, search

Uyghur Énsiklopédiyisi ئۇيغۇر ئېنسىكلوپېدىيىسىگە ئىئانە قىلىڭ

«ئۇيغۇر» نامى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشى


ئابلىز ئورخۇن



(ئاپتونوم رايونلۇق تەزكىرە كومىتېتىدىن)


مەلۇمكى تىل بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگە. كۆپىنچە مىللەتلەر تىللىرى ئۆز ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن دىئالېكىت ۋە شېۋىلەرگە ئايرىلسىمۇ يەنىلا بىر يېتەكچى ئەدەبىي تىل ئارقىلىق بىر ئېتنىك نام ئاستىغا ئۇيۇشۇپ تۇرىدۇ. كۆك تۈرك ۋە ئۇيغۇر مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن تارتىپ قېلىپلاشقان ھەمدە مەدەنىيەتلىك تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق ئەدەبىي تىللىق رولىنى ئويناپ كەلگەن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىل - مەدەنىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈركىي تىل ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 1924 - يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىرلىك جەرياننى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 

مەزكۇر ماقالىدا ئۇيغۇر نامىنىڭ تارىختا مىللەت نامى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىكى كۈچلۈك قەبىلىۋى سىياسىي كۈچنىڭ نامى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، تارىخ سەھنىسىدىن يوقىلىش جەريانى؛ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسىيىنىڭ ئوتتۇرائاسىيانى ئۆزلەشتۈرۈش ئېھتىياجى ۋە يېقىنقى زامان غەرب ئىلمىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قايتا تونۇش جەريانى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرىدە يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە جۇغراپىيىۋى نام ۋە ئېتنىك ناملارنى قوبۇل قىلىش جەريانى؛ ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى باشلاپ بەرگەن يېزىق ئىسلاھاتى ۋە يېڭى ئەدەبىي تىل يارىتىش ۋە مىللىي مەتبۇئاتنى بەرپا قىلىش تەسىرى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى نۇقتىلىق سۆزلىنىدۇ.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ۋە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ بىر پۈتۈن سىياسىي گەۋدىگە يەنى ئۇيغۇر نامىغا ئۇيۇشۇش جەريانىنى 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تولۇق تاماملاندى① دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش مەلۇم رايون چەكلىمىلىكىگە ئىگە ئىدى. چۈنكى قوچۇنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى تاكى 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە بۇددا ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. قارا قىتانلارنىڭ قاراخانىيلار خانلىقىنى ۋەيران قىلىشى ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشى بىلەن قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلانغان ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى توساق ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئېتىقات بىرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قارا قىتانلار ۋە موڭغۇللارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرى ئەسلىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى زېمىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنىدى.

11 - ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا قەشقەر ۋە بالاساغننى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قەبىلە ۋە مىللەت تەركىبى ناھايىتى مۇرەككەب ئىدى. بۈيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»(قىسقارتىپ <دىۋان> دېيىلدى)دا شۇ چاغدىكى ئاساسلىق غول ئانا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ 20 ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىش تەرتىپىنى يازمىچە ۋە خەرىتە ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. تۈركلۈك چەك چېگرىسى ئېنىق ئايرىلغان بۇ 20 قەبىلىنىڭ پەقەت يەتتىسىنىلا ھازىرقى شىنجاڭ دائىرىسىدە (توخسى، ياغما، چىگىللەر ئىلى دەرياسى بويىدا، چارۇقلار مارالبېشى ئەتراپىدا، چۇمۇللار يارىش تۈزلەڭلىكى ئەتراپىدا، ئۇيغۇرلار كۇچانىڭ شەرقىدىكى بەش شەھەردە، ئارامۇت ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايدا)② كۆرسىتىدۇ. مەھمۇت قەشقەرى رۇم (ئاناتولىيە)دىن تاكى جۇڭگۇ چېگرىسىغىچە بولغان بارلىق تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۈرك دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ 11- ئەسىردىكى مىللەت قارىشىدا تۈرك دېگەن چوڭ ئېتنىك نام ئاستىدا يەنە ئۈچ چوڭ سىياسىي كۈچ (تۈرك، ئوغۇز، ئۇيغۇر)بار ئىدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى تۈرك. مەھمۇت قەشقەرى بەزى سۆزلۈكلەرنى ئىزاھلىغاندا مەسىلەن«ئازرۇق- باشقا، بۆلەك - ئوغۇزچە، تۈركلەر بۇنى ئازىن دەيدۇ»③ دېيىش ئارقىلىق تۈركنى ئوغۇزلارغا قارشى قويىدۇ. «دىۋان»دا مۇنداق مىساللار خېلى بار. يەنە بىر جايدا «شۇڭا مەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كېزىپ چىقتىم. تۈرك، تۈركمەن، ئوغۇز، چىگىل، ياغما، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە قاپىيىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلاردىن پايدىلاندىم»④ دەيدۇ. بۇ يەردە مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك»نى بىرمۇنچە قەبىلىلەر قاتارىدا سانايدۇ. بىراق «دىۋان»دا «تۈرك» سۆزىنى ئىزاھلىغاندا بىرلىك ھەم كۆپلۈك مەنىلىرىدە كېلىدىغانلىقى، بىرلىك بولغاندا پەقەت نوھنىڭ «تۈرك» ئاتلىق ئوغلىنىلا كۆرسىتىدىغانلىقى، كۆپلۈك بولۇپ كەلگەندە نوھ ئەۋلادلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەھمۇت قەشقەرىنىڭ نەزەرىدىكى تۈركلەر زادى كىم؟. مەھمۇت قەشقەرى «تۈرك» دېگەندە قەبىلىۋى تۇرمۇشتىن قول ئۈزۈپ، ئولتۇراق تۇرمۇشقا بالدۇر كۆچكەن، خاقانىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزىدىكى ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقنى كۆرسىتىۋاتامدۇ؟ بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئىككىنچى چوڭ سىياسىي كۈچ ئوغۇزلار. مەھمۇت قەشقەرى دىۋاننى يېزىش سەۋەبىگە توختالغاندا «كىشىلەرنىڭ ئوغۇز تۈركمەنلىرىنى بىلىشكە ئېھتىياجى بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇلارنىڭلا ئۇرۇقلىرىنى، ماللىرىغا باسىدىغان تامغىلىرىنىمۇ كۆرسەتتىم»⑤ دەيدۇ.«پەيغەمبىرىمىز قىيامەت بەلگىلىرىنى، ئاخىر زامان پىتنىلىرىنى ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە<تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ> دېگەن ئىكەن»⑥ دەيدۇ. يەنە ئوغۇز سۆزىگە تەبىر بەرگەندە«تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى، ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر، ئۇلارنىڭ 22 ئۇرۇقى بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار... بىرىنچىسى ۋە يېتەكچىسى: قىنىق، زامانىمىزنىڭ سۇلتانلىرى شۇلاردىندۇر...»⑦ دەيدۇ. ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ئاقىۋەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەركىبىگە كىرگەن قارلۇقلار«دىۋان»دا ئايرىم قەبىلىلەر ئىتتىپاقى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى تۈركمەنلەرنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلىدۇ:«ئابا -ئاپا، ئانا، ئوغۇزچە. قارلۇق تۈركمەنلىرى بۇ سۆزنى قاتتىق<پ> بىلەن تەلەپپۇز قىلىدۇ»⑧. «قارلۇق-ئۇلار كۆچمەن تۈركلەرنىڭ بىر گۇرۇھى بولۇپ، ئوغۇزلاردىن باشقىدۇر، ئۇلارمۇ تۈركمەن ھېسابلىنىدۇ»⑨. تۈركمەن سۆزىگە كەلگەندە«تۈركمەن- بۇلار ئوغۇزلاردۇر...، تۈركمەنلەر ئەسلىدە 24 قەبىلىدۇر...»10 دەپ ئوغۇز بىلەن تۈركمەننىڭ ئارىسىغا تەڭلىك بەلگىسى قويىدۇ. 3 - چوڭ سىياسىي كۈچ ئۇيغۇرلار. مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇر نامىغا كەلگەندە بارلىق تۈركىي قەبىلىلەرگە قارىغاندا ئالاھىدىرەك تەبىر بېرىدۇ. يەنى باشقا قەبىلىلەرگە ئوخشاش ئاددىيلا «قەبىلە» دەپ تونۇشتۇرماي بەلكى«بىر ئەلنىڭ نامى» دەپ ئىزاھلايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى «ئەل» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا «دۆلەت، مىللەت» دېگەن ئىككى مەنىنى بېرىدۇ. دېمەك قوچۇ ۋە بەشبالىق قاتارلىق بەش شەھەرنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقات ئايرىمچىلىقى تۈپەيلىدىن قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەنگەندىن سىرت ، قەبىلىۋى تەشكىلاتىمۇ پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى ئۇيغۇرلاردىكى بىۋاسىتە قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىچكى توققۇز قەبىلىنى سانىمىغان تەقدىردىمۇ تاشقى توققۇز قەبىلە ئىتتىپاقىنى تىلغا ئالغان بولاتتى.

«دىۋان»دا پەقەت ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلغان باسمىل، ياغما قاتارلىق بىر نەچچە قەبىلىلا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئورنىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا كۆرسىتىلگەن. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان»نى يېزىشتا مۇسۇلمان بولغان تۈركلەرنى ئاساس قىلغانلىقى، ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق- ئايماقلىرى، تاغ- دەريا، يۇرتلىرىنى يېزىشتىن پايدا يوق دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. دېمەك، 11 - ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوغۇز تۈركلىرىنى (تۈركمەن، قارلۇق) ئاساس قىلغان قارخانىيلار خانلىقى بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىل قىلغان «ئۇيغۇر ئېلى»دىن ئىبارەت ئىككى ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئىدى. قاراخانىيلار خانلىقى ئۆز ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى، يارلىق، پۈتۈك، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى بارلىق مەدەنىيەتلىك تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن ئولتۇراق تۈركلەر ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئېتىقاد ئايرىمچىلىقى تۈپەيلىدىن قوچۇ ئىدىقۇت خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق يەكلەپ كەلگەن، مۇسۇلمان تۈركلەر ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن خەلقلەرنى«تات»دەپ ئاتىغان. جۈملىدىن بۇددا دىنىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «تات»دەپ ئاتالغان. شۇڭا ئۇلار ئارىسىدا «ئادەم تاتلاشسا(ئۇيغۇرلاشسا(، قىلىچ داتلاشسا بۇزۇلۇر، تاتسىز)ئۇيغۇرسىز( تۈرك بولماس، باشسىز بۆك» دېگەندەك ماقال تارقالغان. بىراق قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى قەبىلە ئوغۇز قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدىكى ئەزەلدىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتمىگەن ئادەتتىكى كىچىك بىر قەبىلە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر سىياسىي، قەبىلىۋى كۈچ بولۇپ ئۇيۇشالمىدى. شۇڭا كېيىنكى مەزگىللەردە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بارلىق تۈركىي قەبىلە-ئۇرۇقلار ئەتراپتىكى ئەرەب، پارسلار ۋە بۇددىست ئۇيغۇرلاردىن ئۆزلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن تۈرك نامىدا ئاتىلىپ كەلدى. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئەدەبىي تىل كۆكتۈركلەردىن كېيىن ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى داۋاملاشتۇرۇپ تاكامۇللاشتۇرغان تىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب، پارس، سوغداقلار نەزىرىدە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تۈركىي تىل دەپلا ئاتىلاتتى.مۇشۇ ئەدەبىي تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان تۈرك زىيالىيلىرىمۇ بۇ تىلنى بەزى بەزىدە خاقانىيە تۈركچىسى، كاشىغەر تۈركچىسى دەپ ئاتىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇميۈزلۈك تۈرك تىلى دەپلا ئاتىدى. بۇددىزىم مۇھىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنى تۈركچە دەپ ئاتىغاندىن سىرت بەزىدە ئۇيغۇر تۈركچىسى دەپمۇ ئاتىدى. شۇ سەۋەبلىك پەقەت ئۇيغۇرلار ئىجات قىلىپ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى مەھمۇت قەشقەرى ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ تۈرك يېزىقى دەپلا ئاتىغان11. دېمەك، شەھەرلەشكەن، مەدەنىيەتكە ئاكتىپ قاتناشقان بارلىق تۈركىي خەلقلەر ئۇيغۇر تىل - يېزىقى ئاساسىدا قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىل ئەتراپىغا ئۇيۇشقان بولسىمۇ، بۇ تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالماي تۈرك تىلى دەپ ئاتالدى. بۇنىڭغا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىي رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۇددىزىم مۇھىتىدا تۇرۇپ قېلىشى سەۋەب بولغانىدى.


14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئەسلىدىكى قاراخانىيلار زېمىنىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ نەزەرىدە «بۇددىست، *****» مەنىسىدە چۈشىنىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر نامى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى بىلەن ئىستېمالدىن قالدى. بىراق ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك مەدەنىيىتى، ھاكىمىيەت، يېزىق، پۈتۈك ئىشلىرى بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى يۇەن سۇلالىسى ئوردىسىدا، تۆمۈرىيلەر ئوردىلىرىدا ئۇيغۇر نامىنى داۋاملىق ئىشلىتىش ئىمتىيازىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى بۇددا دىنىنىڭ لاما مەزھىپىدە تۇرىۋاتقان موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ھاكىمىيەت ئارقىلىق قوغدىغانىدى. موڭغۇللارنىڭ مەركىزىي ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بىر تۈمەن كىشىلىك قوشۇنى تۇرشاۋۇل قوشۇن بولۇپ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانىدى، بۇ قوشۇنغا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىننىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلغاندى12. نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلار چاغاتاي خانلىقى، ئىلخانىيلار خانلىقلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا جەلپ قىلىنغانىدى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى خارەزىم، ھىرات قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى پائالىيەتلىرى جانلىنىشقا باشلىغان. تۇرپاندىن بارغان بىر قىسىم ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مۇھەممەد شەيبانخاننىڭ قوشۇنى تەركىبىدە تۈركىستان شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان13. 1312 - يىللىرى ئەتراپىدا ئۆزبېك خاننىڭ تاغىسى توقتاغا خان ئۆلگەندە ئۇيغۇرلاردىن بولغان باجىر توق بۇغا دېگەن كىشى تەختنى تارتىۋالغان: «كېلىن بايالىن قاتارلىقلارنى ئۆزبېك خان ئەلەيھىررەھمەنى ئالدۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار يېتىپ كەلگىچە توختاغاخان ۋاپات بولدى. باجىر توق بۇغا دېگەن ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئىدى، قەۋمى، قەبىلىسى كۈچلۈك ئەل ئىدى ھەمدە خاننىڭ ئاتالىقى ئىدى. كۆڭلى قارا كىشى ئىكەن، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى بىلەن خان بولدى...»14. 17 ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق تارىخچى،خىۋە خانى ئوبۇلغازى باھادۇرخان (1605-1664( «شەجەرەئىي تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنى خانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر نايمانلىرى ئىكەنلىكىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ھەمدە خۇراسان، سەمەرقەنت، خارەزىم تەرەپلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت قىلغانلىقىنى كۆپ ئورۇندا تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ ئوبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ دادىسى ئەرەب مۇھەممەدخاننىڭ قېشىدا «ئۇيغۇرلاردىن قۇربان ھاجى دېگەن كىشى بولۇپ، خاننىڭ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بېگى يوق ئىدى...»، «قەدىمىي خەلق بۇ زاماننىڭ خەلقىدىن ياخشى ئىدى»، «ئۇيغۇر خەلقىدىن قۇربان ھاجى دېگەننىڭ ئوغلى قۇلمۇھەممەد مېنىڭ ئاتالىقىم ئىدى

» دەيدۇ15. ئوبۇلغازىخان باشقا قېرىنداشلىرىدىن ھوقۇق تالىشىش جەريانىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ئوبۇلغازىخاننىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان. خارەزىم، خىۋا، ئۆرگەنچ تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئايرىم بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن قالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ رايونلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئوبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ «شەجەرەئىي تەراكىمە» ناملىق ئەسىرىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خارەزىم ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىسىدا كۆچۈرۈلۈشى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى ئىدى16.بىراق تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدا 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنىغا مۇتلەق خاتىمە بېرىلگەنىدى. شۇڭا ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت ساھەسىدىلا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالغانىدى. ئەلىشىر ناۋايى تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ پېشىۋاسى مەۋلانا ئەبەيدۇللا لۇتفىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇستازى دەپ تەرىپلەيدۇ.1544 - 1546 - يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان «تارىخى رەشىدى»دە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ نەسەبىنىڭ ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. 15 - ئەسىردە يېزىلغان «تارىخىي خانى» ناملىق ئەسەر ئاپتورىنىڭمۇ ئۇيغۇر باخشىلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بار. ناۋايىنىڭ «ۋەقفىنامە» ناملىق ئەسىرىدە تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنى بارلاس، ئارلات، تارخان، قىيات، قوڭرات قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئارقىغا تىزىلغان. ناۋايى تۆمۈرىيلەر ئوردىسىدا پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارادىن قالسىلا 2 - نومۇرلۇق شەخس بولسىمۇ لېكىن ئۆز مۆھۈرىنى يۇقىرىقى قەبىلىلەر مۆھۈرىنىڭ ئاستىغا بېسىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئار نومۇسقا چىدىمىغان ناۋايى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ۋە بۇ ۋەقەنى مۆھۈرنى سۇندۇرۇش ئاتالغۇسى بىلەن ئىپادىلىگەن17. دېمەك، 13 - ئەسىرنىڭ بېشىدا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ، 14- ئەسىردە ئۇلۇغ ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تاكى 17 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە سىياسىي جەھەتتە يەنىلا ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئەسىر مابەينىدە ئۇيغۇرلار ئايرىم سىياسىي كۈچ بولۇش سالاھىيىتىدىن قالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلىشى بىلەن تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ ئورنىمۇ چۆكۈشكە باشلىدى. قاراخانىيلار دەۋرىدە ئەرەب، پارس تىللىرى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن تۈركىي تىل ئۆز ئورنىنى تەبىئىي ھالدا ئەرەب، پارس تىللىرىغا بوشاتتى. نۇرغۇن تۈركىي تىللىق يازغۇچى، شائىرلارمۇ ئەسەرلىرىنى پارس تىلىدا ياراتتى. پارس تىلىدا ئىجاد قىلىش ئۇلارنىڭ مودىسىغا ئايلاندى. تۆمۈرىيلەر پادىشاھى ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن تۈركىي تىلنى ھاكىمىيەت ئارقىلىق قوغداش تەشەببۇسكارى بولدى. ئۇنىڭ ساۋاقدىشى، ۋەزىرى شائىر ئەلىشىر ناۋايى تۈركىي تىلى ئېغىر قىسمەتكە دۇچار بولغان مۇشۇنداق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل بۈيۈك ئەسەرلىرىنى تۈركىي تىلىدا يارىتىش ئارقىلىق بۇ تىلنىڭ سېھرىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلدى ۋە «پارسگۇي»لۇققا قاتتىق زەربە بەردى. ھەمدە شۇ ئارقىلىق تۈركىي تىلنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ تىل ناۋايىدىن ئىلگىرىكى بىر ئىككى ئەسىر ئىچىدە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقى دائىرىسىدە ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن چاغاتاينىڭ ئىسمى بىلەن بەزى بەزىدە چاغاتاي تىلى دەپمۇ ئاتالدى. بۇ ئاتالغۇ 02- ئەسىرگە كەلگەندە رۇس ۋە غەرب سىياسىئونلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى پەيدا قىلىشىغا دەستەك بولۇپ قالدى. ئاتالمىش «چاغاتاي تىلى»02- ئەسىرگە كەلگەندە تۈركىي تىلى دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئورنىغا دەسسەپ بىر ئىلمىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە بازار تاپتى. ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىستېلا قىلغان چارروسىيە تۈركىستان ھەربىي رايونىنىڭ ئورگىنى سۈپىتىدە نەشر قىلغان «تۈركىستان ۋىلايىتىنىڭ گېزىتى»دە ئىشلىتىلگەن تىلنى ھېچقانداق مىللەت تەۋەلىكى بولمىغان «سارتچە»دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىدى. ئۇنىڭسىزمۇ شۇ چاغدىكى ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ تۈپلۈك ئاھالىسى بولغان خەلقمۇ مۇقىم بىر مىللىي نام بىلەن ئاتالماي ئەنجانلىق، قوقانلىق، بۇخارالىق دېگەندەك جۇغراپىيىۋى ناملار بىلەن ئاتىلاتتى. بۇ ھال روسلارغا قولايلىق پۇرسەت ياراتتى. بۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئەسلىدە غەربىي قاراخانىيلارنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان تۈركلەر ئىدى. ئۆزبېكلەر ئەسلىدە ئارال، كاسپىي دېڭىز بويلىرىدىن سىبىرىيىنىڭ غەربىگىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان تۈرك- موڭغۇل تىللىق قەبىلىلەر بولۇپ، 1312 -~ 1342 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئالتۇن ئوردا خانى ئۆزبېك خاننىڭ نامى بىلەن ئۆزبېك دەپ ئاتالغان. ئۇلار 1504- يىلىدىن 1506- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇھەممەد شەيبانىخاننىڭ باشچىلىقىدا ھازىرقى ئۆزبېكىستان زېمىنلىرىغا ئومىميۈزلۈك باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە يەرلىك خەلققە يۇغۇرۇلۇپ مۇقىم ئولتۇراق مەدەنىيەتكە ئۆتكەن. شۇڭا بابۇر «بابۇرنامە» ناملىق ئەسىرىدە «يۈز قىرق يىلدىن بېرى سەمەرقەنت پايتەختى بىزنىڭ يۇرتىمىز ئىدى. يات ياغى ئۆزبېكلەر كېلىپ بېسىۋالدى» دەيدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ ئىككى دەريا ۋادىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشى بۇ رايوننىڭ تۈركلىشىش جەريانىنى تېزلەتكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ ئۆزبەكلىشىش جەريانى ئەمەس ئىدى. چۈنكى يەرلىك تۈركلەر كۆچمەن خەلقتىن سان جەھەتتە ئۈستۈن ئىدى. 

شىنجاڭدا بولسا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چاغاتاي ئەۋلادلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇيغۇر نامى شىنجاڭدا مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى»سىدە 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا «سېرىق ئۇيغۇر» نامى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تىلغا ئېلىندى. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن تاكى 1514 - يىلى يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغانغىچە بولغان ئىككى ئەسىر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە ئۆتتى. ھاكىمىيەت بېشىدا ئولتۇرغۇچىلارنىڭ نەسەبى بىۋاسىتە چىڭگىزخانغا باغلىنىش يولى بىلەن پادىشاھلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئېسىل نەسەبلىك ئىكەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈدىغان بولدى. شۇنىسى قىزىقكى، موڭغۇللار بىلەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان ئېتنىك ئۆزگىرىش مەدەنىيەتتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. چىڭگىزخان نەسلىدىن بولغان بارلىق موغۇل پادىشاھلىرىنىڭ نەسەبى ئالدى بىلەن چىڭگىزخانغا تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ئوغۇزخانغا، نوھ ئوغلى تۈرككە تۇتاشتۇرۇلىدىغان بولدى18. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەختۇمى ئەزەم ئەۋلادلىرىنىڭ سەئىدىيە خانلىقىغا كېلىپ تەسىر دائىرە تالىشىشى بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئېڭىدا يەنە بىر زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ گۇمران بولۇشى بىلەن شىنجاڭنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي سەھنىسىگە ئاتالمىش سەئىد ئەۋلادلىرى چىقتى، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي قىزغىنلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز نەسەبىنى بىۋاسىتە ئەرەبلەردىن، تەسەۋۋۇپچى ئەۋلىيالاردىن ئىزدەش ۋە ئۆز نەسەبىنى زورلاپ ئەرەب، پارسلارغا باغلاش خاھىشى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. 1864 - يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى تىكلىنىپ سەئىد ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى تەسىرىگە زەربە بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ چاغدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نامىنى ئاللىقاچان ئۇنۇتقانىدى.


 1759 - يىلى شىنجاڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ئەرەب، پارسلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئازايدى. شۇ سەۋەبلىك مەدرىسىلەردە ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشى ۋە بۇ تىللاردا بىۋاسىتە ئەسەر يارىتىش مودىسىمۇ پەسكويىغا چۈشتى. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەرەب، پارس تىللىرىنى بىلىدىغان زىيالىيلار ئازىيىپ، تۈركىي تىلغا بولغان ئېھتىياج ھەدەپ كۈچەيدى. شىنجاڭدا تۈركىي تىلنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى 18-، 19- ئەسىرلەردە بارلىققا كەلدى. نۇرغۇن تارىخىي، ئەدەبىي، دىنىي ئەسەرلەر تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. تۈركىي تىلىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر يارىتىلدى. بۇ دەۋردە تۈركىي تىلدا يارىتىلغان ئەسەرلەر ھەرقانداق دەۋردىكىدىن كۆپ بولدى. بۇنىڭغا يۈزلەپ مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئاڭ ۋە ئىدىئولوگىيە جەھەتتىمۇ مەلۇم بۇرۇلۇش بولدى. ئەنئەنىۋى تېمىلاردىن رېئال تېمىلارغا مۇراجەت قىلغان بىلال نازىم، سېيىت مۇھەممەت قاشىي، ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدىبلەر، ئۆز تارىخىغا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىغان موللا مۇسا سايرامى، مۇھەممەت سادىق قەشقەرى قاتارلىق تارىخچىلار يېتىشىپ چىقتى. بۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا رېئال ئېھتىياج تۈپەيلى ئويغانغان ئىستىخىيىلىك بۇرۇلۇش ئىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سەل كېيىن كىرگەن تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرىنى ناھايىتى تېزلا ئۆزلەشتۈرىۋالدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قازىنىشى بىلەن تۈركىستان مۇختارىيىتىدە مىللىي چېگرىلار ئايرىلىپ، 1924 - يىلى بۇخارا جۇمھۇرىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى، 1934 - يىلى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى، 1936 - يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت ۋە سىياسىي بىرلىك تۈپتىن بۇزۇلدى. 1921- يىلى 6- ئاينىڭ 21 - كۈنى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى مەشھۇر سىياسىون، جامائەت ئەربابى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنى تارانچى، قەشقەرلىك، ئالتەشەھەرلىك، خوتەنلىك دېگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى. ئابدۇللا روزىباقىيېف بۇ نامنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە ئەينى چاغدىكى جىددىي سىياسىي ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتقانىدى. يەنى يەتتىسۇ ۋە ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى قېرىنداشلار ئارىسىدا تارانچى، قەشقەرلىك، ئالتەشەھەرلىك دېگەندەك ئېغىر بۆلۈنمىچىلىك مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى بىرلىك سەپ ھاسىل قىلىشقا مۇمكىن بولماي قالغانىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۇيغۇر نامى ئۇنتۇلۇپ شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن كېيىن بۇ نامنى قانداقسىگە قايتا تونۇپ قالدى؟.

ئىمپېراتور پېتىرنىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن كېيىن رۇسىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنلىرىغا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا، خىۋە، قوقان خانلىقلىرىغا ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىدى. كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئىمپېرىيىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدا جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنى قۇردى. مەزكۇر جەمئىيەت ئەزالىرى كېڭىيىش نىشان قىلىنغان رايونلارغا ئىلمىي تەكشۈرۈشكە بېرىپ چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ماتېرىياللار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە نۇرغۇن ئارخېئولوگىيىلىك، ئېتنوگراپىيە، مىللەتشۇناسلىق ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. شۇڭا پۈتۈنلەي ھەربىي ئاخبارات ئىگىلەش مەقسىتىدە كەلگەن چوقان ۋەلىخانوفنىڭ ئىلى ۋە ئالتەشەھەر تەرەپتىن توپلىغان ماتېرىياللىرىنىڭ ھايال ئۆتمەيلا ئوتتۇرا ئاسىيانى چۈشىنىش ئىستىكىدە كۆز تىكىپ تۇرغان ئېنگلىز، گېرمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىشى ۋە غەربتە قاتتىق زىلزىلە قوزغىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى19. چوقان ۋەلىخانوف ئىلى ۋە ئالتەشەھەر ئاھالىسنى بىرەر ئېتنىك نام بىلەن ئاتىمىسىمۇ لېكىن قەدىمكى ئۇيغۇرلار ياشىغان جايلارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. خەنزۇ مەنبەلىرىگە پۇختا ئىئاكىنىف بىچۇرىننىڭ«قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرگە دائىر ماتېرىياللار» ناملىق تۆت توملۇق تەرجىمە ئەسىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتنىك قاتلىمىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ، دۇنخۇاڭ، ، موڭغۇلىيىلەردىن زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرچە مەڭگۈ تاش، يازما ماتېرىياللارنىڭ تېپىلىشى ۋە مالوف، رادلوف، بارتولد، تىخونوف قاتارلىق تۈركولوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئابدۇللا روزىباقىيېفنى قاتتىق سۆيۈندۈرگەنىدى. يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ھازىرقى كۈندە پۈتۈنلەي ئىلمىي ئەمگەك سانالسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھمىيىتى چار روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشىغا ئاساس سالغانلىقىدا ئىدى. 

ئۇيغۇر نامى گەرچە 1921 - يىلى تاشكەنتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ نامنى بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرش قىيىنغا چۈشتى. چۈنكى شۇنىڭغىچە شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت جەھەتتە تۈركىي تىل دېگەن ئورتاق ئەدەبىي تىلبىلەن باغلىنىپ تۇرسىمۇ لېكىن ئۇلاردا ئېنىق مىللەت ئۇقۇمى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى مەرىپەتچى نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتوف (ئۇيغۇر بالىسى) ئۇيغۇرلاردا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر نامىنى ئىشلەتكەن (1911 - يىلى) كىشى ئىدى، لېكىن ئۇ 1914 - يىلى ئالتەشەھەرگە قىلغان ساياھىتى جەريانىدا ئالتەشەھەر ئاھالىسىنىڭ مىللىي ئېڭىنى تەكشۈرۈپ قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلاردىن «مىللىتىڭىز نېمە؟» دېگەن سۇئالغا «مۇسۇلمان، ئىبراھىم خەلىلۇللانىڭ مىللىتى، چەنتۇ»20 دېگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن تۇنجى كىشىمۇ نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت بولغان. چۈنكى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئورېنبورگدا 1908 - يىلىدىن باشلاپ چىقىشقا باشلىغان يېرىم ئايلىق ژۇرنال«شۇرا»دا 1909 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان، بۇ كىشى1911 - يىلدىن باشلاپ ئۆزىگە «ئۇيغۇر بالىسى» دەپ تەخەللۇس قويغان بولسىمۇ «شۇرا»غا يازغان ماقالىلىرى ئۆزىگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئىلى ۋە يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بولغاچقا ئۇلارنى ئالتەشەھەر ئۇيغۇرلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزچىلتۈردە تارانچى دەپ ئاتىغان. ھەتتا قومۇل، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىمۇ تارانچى دەپ ھېسابلىغان21. نەزەرخوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوبۇلقىلىشى تاسادىپىي ئىش ئەمەس. چۈنكى تاتارلاردا 1905 - يىلىدىكى روسىيە ئىقىلابىدىن كېيىن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن 1918- يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر جەمئىي 63 خىل گېزىت، 34 خىل ژۇرنال نەشىر قىلىنغانىدى22.مانا بۇ گېزىت، ژۇرناللار روسىيە مۇسۇلمانلىرى بولۇپمۇ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك پائالىيەت سورۇنى ئىدى. مەتبەئەچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. گېزىت، ژۇرناللاردا دىنىي، ئىجتىمائىيماقالىلەر بېسىلغاندىن سىرت تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىگە دائىر تۈرلۈك ماقالىلەر بېسىلىپ چىقتى. زەكى ۋەلىدى توغان قاتارلىق داڭلىق تۈركولوگلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى نەزەرخوجا، لاتىپ ئەنسەرىي قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زېھنىنى ئۇرغۇتتى. دېمەك، تاتار مەتبۇئاتى نەزەرخوجىغا ئوخشاش نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭ يېڭى زامان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىدىغان ئەڭ ياخشى مەكتىبىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ «شۇرا»، «ۋاقىت»، «تىليارىش» لاردا ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتىدىن خەۋەرلەرنى بەردى. «شۇرا»نىڭ 1910 - يىلدىكى بىر سانىدا ئۇيغۇر بالىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر كونا ئەسىرى، ئۇلۇغ ئەسەر< قۇتادغۇبىلىكنى> <شۇرا> سەھىپىلىرىدە چىقىرىپ تۈرك قېرىنداشلارنى خۇشال قىلىشقا بولماسمۇ» دەپ مۇراجەت قىلدى. يەنە شۇ ساندا ئۇ شۇرا ژۇرنىلىدىن پانتۇسوفنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى بىر ئەسىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى ئۆتۈنگەن. دېمەك، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتى 1910- يىلدىن سەل بۇرۇن باشلانغان بولسا كېرەك. 

بۇلاردىن باشقا «شۇرا»ژۇرنىلى ۋە «ۋاقىت» گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كۆپ مەلۇمات بەرگەن كىشى ئاتاقلىق تاتار ئالىمى، سەيياھ نوشۇرۋان يائۇشېف بولدى. ئۇنىڭ مەتبۇئات ھاياتى سەلكېيىنرەك يەنى 1914 - يىلدىن كېيىن باشلانغان بولسىمۇ لېكىن 1914 - يىلنىڭ ئاخىرىرىدىن 1917- يىلنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلى ۋادىسى ۋە ئالتەشەر ساياھىتىدىن يازغان ماقالىسى ئاز كەم 100 پارچىغا يېتىدۇ. نوشۇرۋان يائۇشېۋنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئومۇمىي تۈرك تارىخىنى يېزىشقا پايدىلىق قوليازمىلارنى جۈملىدىن «تارىخى رەشىدى» نى

تېپىش بولغاچقا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغان. شۇڭا ئۇ ئىلى ۋە ئالتەشەھەر ئاھالىسىنى بىردەك«ئالتەشەھەر تۈركلىرى،چىنىي تۈركىستان تۈركلىرى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ئۇنىڭ ئورتاق تۈرك تىلى، ئورتاق تۈرك مەتبۇئاتى، يېڭىچە مائارىپ يارىتىش غايىسى بارلىق غايىلىرىنىڭ مېغىزى بولغاچقا تۈركىي خەلقلەرنى ئۇششاق ئېتنىك گۇرۇپپىلار بويىچە ئاتاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئېلىنغان شۇنچە كۆپ ماقالىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاتالغۇسى ئاساسەن ئۇچرىمايدۇ.  نوشۇرۋان يائۇشېف تارىخىي قوليازمىلارنى ئىزدەشتە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولمىسىمۇ، لېكىن ئالتەشەھەر خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق توپلىغان جەمئىيەت تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى پەۋقۇلئاددە قىممەتلىكتۇر. ئۇنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئەينى دەۋر ئۇيغۇر روھىيىتىنى چۈشىنىشتە تېپىلغۇسىز مەنبە بولۇپ تۇرماقتا. چوقان ۋەلىخانوفنىڭ 1857- يىلىدىكى تەكشۈرۈشىدە ئالتەشەھەر ئاھالىسى ئۆزبەكلەرنى«ئەنجانلىق» دەپ ئاتايدىغانلىقى، نوشۇرۋان يائۇشېفنىڭ تەكشۈرۈشىدە ئالتەشەھەرلىكلەرنىڭ «ئەنجانلىق»نى مىللەت نامى سۈپىتىدە چۈشىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.  ئۇيغۇرلار شۇ چاغقىچە ئۆزلىرىنى كىچىك دائىرىدە قەشقەرلىك، خوتەنلىك دەپ ئاتىغاندىن سىرت ئۆزى ياشاۋاتقان رايونلارنى چوڭ دائىرىدە نېمە دەپ ئاتىغان؟«تارىخى رەشىدى»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەسەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى جۇغراپىيىلىك چۈشەنچىسىدە ئىككى دەريا ۋادىسىنى مەركەز قىلغان رايونلار تۈركىستان دەپ، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلار ئالتەشەھەر، يەتتە شەھەر، موغۇلىستان دەپ، كۇچارنىڭ شەرقىدىكى تۇرپاننى مەركەز قىلغان قەدىمكى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ زېمىنى ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتى23 دەپ ئايرىلغان.  چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن موغۇلىستان نامى ئۇنتۇلۇپ ئالتەشەھەر، يەتتەشەھەر دېگەن ناملار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 1759 - يىلىدىن كېيىن بۇ جاي شىنجاڭ دەپ ئاتالغان بولسىمۇ لېكىن بۇ نام ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىلا ئىشلىتىلدى. چۈنكى 1864 - يىلدىن 1878 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئالتەشەھەر، يەتتەشەھەر نامىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ شىنجاڭ نامىنىڭ ئىزچىل ئىشلىتىلىشىگە ئىمكانىيەت بەرمىگەنىدى. ياپون ئالىمى ئوئىشى شىنئىچىرۇ نوشۇرۋان يائۇشېفنىڭ ماقالىلىرىغا يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىسى دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن1933- يىلى قەشقەر، خوتەنلەردە يۈز بەرگەن ئىنقىلابلار ۋە ئۇلار ئىشلەتكەن جۇغراپىيىلىك نام ۋە مىللەت ناملىرىنى يۇقىرىدىكى تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ24.  ئۇيغۇر نامىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تاتار جەدىتچىلىرى قوزغىغان يېڭىچە مائارىپ ۋە يېڭى زامان مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. نوشۇرۋان يائۇشېفنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تاتارچە گېزىت، ژۇرناللارنىڭ كىرىشى 1910 - يىللاردىن باشلانغان بولسا كېرەك. ئۇ ئاقسۇدىكى سەپىرىدە «بۇ يەردىكى خەلق گېزىت ئوقۇمايدۇ، ئوقۇغان تەقدىردىمۇ ئۇرۇش خەۋەرلىرىنىلا كۆرىدۇ» دەپ يازغان بولسىمۇ لېكىن نېمە گېزىت ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېنىق يازمايدۇ. قەشقەردىكى مەدەنىي ئەھۋال ھەققىدە يازغاندا «قەشقەر خەلقى ئارىسىدا گېزىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيدى» دەيدۇ-يۇ، قانداق گېزىتلارنى ئۇقۇيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. 1916- يىلى خوتەندىن يوللىغان مەلۇماتىدا پۈتكۈلخوتەن تەۋەسىدە قۇربان ھاجى، ۋە موللا ... دېگەن ئىككى كىشىنىڭلا گېزىت، ژۇرنال ئوقۇيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ تېخى گېزىت، ژۇرنال ئۇقۇشقا باشلىغىنىغا تۆت بەش يىل بولغانلىقىنى يازىدۇ. بۇ گېزىت- ژۇرناللارنىڭ ئىسمى ئېنىق يېزىلمىسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ تۆت خىل تاتارچە گېزىت، ژۇرنالغا يېزىلىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان. دېمەك، خوتەنگە تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تەسىرى 1910 - يىلى يېتىپ بارغان.

شۋېت مىسسيونېرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيىتى 1897- يىلىدىن باشلانغان. ئۇلارنىڭ قەشقەردە رەسمىي باسمىخانا ئېچىپ تۈرلۈك تۈركىيچە باسما بۇيۇملارنى كۆپلەپ نەشر قىلىشى 1901- يىلدىن باشلانغان بولسىمۇ لېكىن 1915 - يىلى قەشقەردە بىرەر ئايدەك تۇرغان نوشۇرۋان يائۇشېف بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن شۋېت مىسسىيونېرلىرنىڭ شىنجاڭغا مەتبەئە بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپ زامانىۋى تېخنىكا بىلەن دىنىي ماتېرىياللار، تارىخىي، ئەدەبىي ئەسەرلەر، تۈرلۈك دەرسلىكلەر ۋە باشقا ماتېرىياللارنى نەشر قىلىپ تارقىتىشى 1924 - يىللاردا يۇقىرى پەللىگە چىققان، بەزى كىتابلار ھەتتا قايتا - قايتا بېسىلغان، بەزى كىتابلارنىڭ تراژى مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. شۋېت مىسسيونېرلىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان جىددىي ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ 1929- يىلى «كىتابى ئىلمى ئىملا» دېگەن ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈپ نەشر قىلغان ۋە بارلىق باسما بۇيۇملارنىڭ ئىملاسى مۇشۇ قائىدە بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلغان. ئىملا لۇغىتىدە جانلىق تىلدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسى ئېتىۋارغا ئېلىنماي تۈركىي تىلىنىڭ ئەنئەنىسى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان. شۇ سەۋەبلىك بۇ تىل ئۇيغۇر تىلى دەپ ئاتالماي بەلكى شەرق تۈركچىسى، ئالتەشەھەر تۈركچىسى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس ئالىم گۇننار ياررىڭ ئەپەندىمۇ بۇ تىلنى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتاشقا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىداباش كۆتۈرىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە ئورتاق تۈركىي تىلى ئەنئەنىسىدىن چەتنەپ يېڭى سۈنئىي تىللارنى يارىتىپ بېرىشكە قارشى ئىلىم كۈرىشىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. شۇ سەۋەبلىك تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تۈركلۈك ئىدىيىسى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدا تولۇق بەربات قىلىنغان بولسىمۇ شىنجاڭدا تاكى 1937 - يىلى شۋېت مىسسيونېرلىرى قوغلاپ چىقىرىلغانغا قەدەر داۋاملاشتى. شۇڭا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر نامىنى رەسمىي ئېتنىك نام سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش خېلى ئۇزاققا سوزۇلدى. شۇڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى يەنىلا يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى باشلامچىلىق بىلەن ياراتقان يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن پەقەت شۇ مىللەتكىلا خاس ئايرىم ئەدەبىي تىل يارىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. چۈنكى ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئەدەبىي تىل بىرلىكى تۈپەيلىدىن بۇ ئىككى خەلق ئارىسىدىكى مىللىي پەرق روشەن ئايرىلىپ چىقمىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەيدانغا كېلىشى 1920- يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيەتلىك گېزىت «كەمبەغەللەر ئاۋازى»نىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن باشلاندى. گېزىت يۈزىدە باشلانغان ئىملا ۋە يېزىق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تارتىشمىلار نەتىجىسىدە 1925- يىلى7- ئاينىڭ 18- كۈنى ئالمۇتىدا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كېڭىشى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلار شۇ چاغقىچە ئىشلىتىپ كەلگەن ئەرەب يېزىقى ئىسلاھ قىلىنىپ 27 ھەرپلىك يېڭى ئۇيغۇر يېزىقى مەيدانغا كەلگەن. بۇ تاتار جەدىتچىلىرىنىڭ تاتار يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىشىدىن بەش يىلكېيىنكى ئىش ئىدى. بۇ سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ئايرىم بەلگە بولماسلىق ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا غايەت زور بۇرۇلۇش ياسىدى. ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەمزىلىك سەككىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەنە شۇنىڭدىن باشلانغان بولسىمۇ، بۇ ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇشلار 1920 - يىلىدىكى تاتار يېزىقى ئىسلاھاتىدىلا پەيدا بولۇپ بولغانىدى. 

1926- يىلى موسكۋادا س س س ر ئەللىرىنىڭ مەركىزىي نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ئابدۇلھەي مۇھەممەدىينىڭ «ئۇيغۇرچە يېزىق يوللىرى» دېگەن كىتابى نەشردىن چىقتى. بۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ئىملا لۇغىتى ئىدى. بۇنىڭغا ئابدۇللا روزىباقىيېف كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، ئىملا پرىنسىپى ھەققىدە ھېچقانداق سىياسىي خاھىش ئېيتىلمىغان25. بەلكى يېڭىدىن يارىتىلىدىغان ئەدەبىي تىلنىڭ «پەرغانە، يەتتىسۇ، قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىكى خەلق ئەدەبىياتى ۋە تىل خەزىنىلىرىگە ئاساسلانغان» تىل بولۇشى كۈچەپ تەكىتلەنگەن.

نېمىشقىدۇر، شۇنىڭدىن ئىككى - ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئابدۇلھەي مۇھەممەدىينىڭ «ئۇيغۇرچە يېزىق يوللىرى»غا ھۇجۇم باشلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى قايتا بېكىتىش ھەققىدىكى كۈرەش باشلىنىپ كەتكەن. 1928 - يىلى سەمەرقەنتتە چاقىرىلغان پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىملا كېڭىشىدە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار (قەشقەر، ياركەنت، خوتەن، دولان، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، قۇمۇل ھەم ئىلى ئۇيغۇرلىرى)نىڭ تىلى بىر دېگەن خۇلاسە چىقىرىلغان بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسىنى قايسى پرىنسىپتا بېكىتىش مەسىلىسىدە تاكى 1930- يىلى 5- ئايدا 2- نۆۋەتلىك تىل - ئىملا قۇرۇلتىيى ئېچىلغىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئوتتۇرىسىدا قاتتىق دەتالاش بولغان26. بۇ دەتالاش ئاساسلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملاسىنى مورفورولوگىيىلىك پرىنسىپ ئاساسىدا تۈزۈش بىلەن فونېتىكىلىق پرىنسىپنى ئاساس قىلغان جانلىق تىلغا تارتىش ئۈستىدە بولغان. ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، لاتىپ ئەنسەرى، قادىر ئاشۇروف قاتارلىق زىيالىيلار مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنى ئاساس قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان سىنىپىي كۈرەش ئۇلارنى ئۆز مەيدانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ ھەقتىكى بەس - مۇنازىرىلەر ئۇيغۇرچە«شەرق ھەقىقىتى»ژۇرنىلى بىلەن «قىزىل تۇغ» گېزىتلىرىدە بېسىلىپ تۇرغان.

1936 - يىلى ئالمۇتىدا چاقىرىلغان جۇمھۇرىيەتلەر ئارا تىل ئىملا كېڭىشىدە ئۇيغۇر ئالىمى قادىر ئاشۇروف ئۇيغۇر «تىلىنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىشتە فونېتىكىلىق پرىنسىپ مورفولوگىيىلىك پرىنسىپنىڭ ئورنىغا دەسسىسۇن. مەن ئىلگىرى خاتا پىكىرلەردە بولغان، چۈنكى ئۇ چاغدا مەن ساۋاتسىز ئىدىم، ھازىر ئۆستۈم...» دەپ ئىلگىرىكى پىكرىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولغان. چۈنكى شۇ چاغلاردا «كەمبەغەللەر ئاۋازى»گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى ئابلىمىت غوجامبەردى قاتارلىق كىشىلەر لېنىننىڭ«تىل - سىنىپىي كۈرەشنىڭ ئۆتكۈر قورالى» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى لېنىنچە يېشىش شۇئارىنى كۈچەپ توۋلىغان.1936 - يىلىدىكى يىغىندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىش پرىنسىپىدا تۈپلۈك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. يەنى شۇنىڭغىچە ئاساسەن تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ پرىنسىپلىرىغا نىسبىي ئەمەل قىلغان ئاساستا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە گېزىت، ژۇرناللار ئومۇميۈزلۈك جانلىق تىلغا تارتىلغان. جانلىق تىلدىلا مەۋجۇت بولۇپ يېزىقتا ئىپادىلەنمىگەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ۋە شۇنىڭغىچە ئەدەبىي تىل سىرتىدا تۇرىۋاتقان شىۋە سۆزلۈكلىرى تىلدا ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئېتىشكە باشلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلرىدە ئۆتۈلىدىغان دەرسلىك كىتابلار، ئۇيغۇرچە ئەدەبىي، سىياسىي ئەسەرلەر مۇشۇ يېڭى ئەدەىي تىل نورمىسى بويىچە نەشر قىلىنغان. نەتىجىدە يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يېڭى مۇنتەزىم مائارىپ ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ئومۇملاشتۇرۇلغان. 

1947 - يىلى سوۋېت ئۇيغۇرلىرى لاتىن يېزىقىدىن سلاۋىيان يېزىقىغا كۆچۈش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى يەنە بىر قېتىم قايتا بېكىتىلدى. بۇ قېتىمقى ئىملا قائىدىسى 1960- يىلى ئاتاقلىق تىلشۇناس ئالىم غوجەخمەت سەدۋاققاسوفنىڭ يېڭى ئىملا لۇغىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن 1947- يىلدىن بېرى ئىشلىتىلىۋاتقان ئىملا قائىدىسى كۈچتىن قالغان27. سوۋېت ئۇيغۇرلىرى نەشر قىلغان تۈرلۈك گېزىت، ژۇرناللار شىنجاڭغىمۇ كۆپلەپ تارقىلىپ تۇرغان. شېڭ شىسەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر مەزگىللىك دوستلۇقى جەريانىدا مۇنداق مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. شېڭ شىسەي بىلەن خوجا نىياز ھاجىنى ياراشتۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن سوۋېت تەرەپ مۇتەخەسسىسى، خوجانىياز ھاجىنىڭ مەسلىھەتچىسى مەشۈر روزىيېف (ۋەتەن ئوغلى) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان«شىنجاڭ گېزىتى»نى ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن تەسىس قىلغان ۋە باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. شۇڭا بۇ گېزىتنىڭمۇ سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ياراتقان يېڭى ئەدەبىي تىلدا چىقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق، 1930 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا باش كۆتىرىپ چىققان ئىككى چوڭ سىياسىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۈرەش تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى يارىتىپ بەرگەن يېڭىچە ئەدەبىي تىل - يېزىق ۋە ئىملا شىنجاڭدا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتەلمىدى. شىمالىي شىنجاڭدا تاتار جەدىتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر، ئۆزبېك زىيالىيلىرى ياراتقان يېڭىچە مەتبۇئات چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى. تۈركىي ئەدەبىي تىلىدىن ھېچقانچە يىراقلاشمىغان بۇ تىل قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر تىلىدىكى شىۋە پەرقىنى يوقىتىش فۇنكسىيىسىگە ئىگە بولغاچقا ھەممە مىللەت ئۈچۈن ئايرىم يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل يارىتىش زۆرۈرىيىتى قالمىغانىدى. شۇڭا 1930 - 1940- يىللاردا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاتار، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئەڭ كۆپ ئارلاشقان چۆچەك شەھىرىدە مەتبۇئات تىلى بۇ مىللەتلەر ئۈچۈن ئورتاق ئىدى. بۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى قويۇق ئىجتىمائىي، مەدەنىي ئالاقە جەريانىدا ھېچقانداق تەۋەلىك تامغىسى بولمىغان چۆچەك ئورتاق تىلى مەيدانغا كەلدى. چۆچەكتە ھۆكۈم سۈرگەن ئورتاق ئەدەبىي تىل 1949 - يىلدىن كېيىن كۈچىدىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن جانلىق ئورتاق تىل 1960- يىللاردىكى قاچ - قاچتا مىللەتلەرنىڭ نوپۇس نىسبىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى بىلەن ئاستا- ئاستا كۈچىدىن قالدى. ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە ئورتاق تۈركىي ئەدەبىي تىل ئەنئەنىسىنىڭ ساقلىنىشىدا يۇقىرىدىكى خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت بىرلىكىنىڭ بۇزۇلماسلىقى، مىللىي ئاڭنىڭ تېخى شەكىللەنمىگەنلىكى، ئۈچ ۋىلايەت ھاكىمىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەنئەنىۋى دىنىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن ئېلىخان تۆرىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇشى سەۋەب بولغانىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربنىڭ زامانىۋى مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان مەسئۇت سەبرى باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە سوۋېتنىڭ تەسىرىنى كۈچلۈك يەكلەيتتى. ئۇلار «ئالتاي» نەشرىياتى قاتارلىق مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ھەدەپ «تۈركلۈك»غايىسىنى تەشۋىق قىلىپ، تۈركىي خەلقلەرنى ئۇششاق گۇرۇپپىلارغا پارچىلاشقا قارشى تۇراتتى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلار ئىشلەتكەن يېزىق ۋە تىل ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. شۋېت مىسسيونېرلىرى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈن تىنسىز بۇ كۈرەشتە ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى غەلىبە قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەربىيىلىشىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالە تۇيمايلا ئۇيغۇر نامىنى ئۆزلەشتۈردى. 1936- يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خوجا نىياز ھاجىنىڭ پەرمانى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىش قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدا ئىشلىتىلگەن يېزىق ۋە ئەدەبىي تىل يەتتىسۇدا قېلىپلاشقان ئەدەبىي تىل يولىدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن، بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايمىز. شىنجاڭدا 1955- يىلدىن 1957 - يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرىنى تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان مەركىزىي دىئالېكت، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى بولغان- ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى بېكىتىلگەن28. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا يېزىق ۋە ئىملا جەھەتتە بىر قانچە قېتىملىق ئىسلاھاتنى باشتىن كەچۈرۈپ ئازكەم بىر ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يەنىلا تەرەققىيات ۋە قېلىپلىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يېڭى ئەدەبىي تىل پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىر يىپقا باغلاپ تۇرماقتا.


ئىزاھلار:

① قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تۈزگەن«ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 1991 - يىلى ئالمۇتا «پەن» نەشرىياتى رۇسچە، 15 - بەت.

② «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن جايلاشقان بىر تۈرك قەبىلىسى»دېيىلگەن، بىراق بۇ مەھمۇت قەشقەرى كۆرسەتكەن 20 قەبىلىنىڭ قاتارىدا يوق ، 1-توم،187 - بەت.③ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم 133 - بەت.

④ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم، 3 - بەت.

⑤ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم 38 - بەت.

⑥ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم، 2 -، 77 بەتلەر.

⑦ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم، 77 - بەت.

⑧ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم 116 - بەت.

⑨ «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم 618 - بەت. 

10 «تۈركىي تىللار دىۋانى»3 - توم 564 -، 56

7 - بەتلەر.

11 «تۈركىي تىللار دىۋانى»1 - توم، 10 -

بەت.

]Ethel stewart 12 ئامېرىكا[ «چىڭگىزخاننىڭ ھۇجۇمىدىن ئامېرىكىغا قاچقان تۈركلەر» 2000 - يىلى ئىستامبۇل تۈركچە نەشرى 141 - بەت.

13 مۇھەممەد سالىھ: «شەيباننامە»، 1989 - يىلى تاشكەنت غوپۇر غۇلام نامىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت نەشرىياتى. 

14 ئۆتەمىش ھاجى: «چىڭگىزنامە»، 1992 - يىلى ئالمۇتا «ئىلىم» نەشرىياتى 130 - بەت

15 ئوبۇلغازى باھادۇرخان: «شەجەرەئىي تۈرك»، 1992 - يىلى تاشكەنت چولپان نەشرىياتى نەشرى 158 -، 160 - بەتلەر. 

16 ئا. ن. كونونوف: «شەجەرەئىي تەراكىمە»، 1691 - يىلى.

17 «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى» تۈركچە «ئەلىشىر» ماددىسى 351 - بەت (زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ماقالىسى).

18 موللا مىر سالىھ كاشىغەرى: «كاشىغەر تارىخى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى (بۇ ئەسەرگە خاتا ھالدا <چىڭگىزنامە >دەپ ئات قويۇلغان).

19 چوقان ۋەلىخانوف: «ماقالە ۋە خەتلەر»،

1956 - يىلى ئالمۇتا يېڭى ھايات نەشرىياتى، قازاقچە. 

20 نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت: «يورۇق ساھىللار»، 1991 - يىلى ئالمۇتا «يازغۇچى» نەشرىياتى، ~ 132 142 - بەتكىچە.

21 نەزەرخوجا ئابدۇسەمەت: «يورۇق ساھىللار»، 1991 - يىلى ئالمۇتا «يازغۇچى»نەشرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى، 59 - بەت.

22 نادىر دەۋلەت: «1917 - يىلىدىكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋە تۈرك - تاتار مىللەت مەجلىسى»، 1998- يىلى ئۆتۈكەن نەشرىياتى، تۈركچە56 -، 57 - بەتلەر.

23 موللا مۇسا سايرامى: «تارىخىي ھەمىدى»، 1986 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە 41 - بەت، 636 - بەتلەر24 «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى»، 2000 - يىللىق 2 - سان.

25 ئابدۇللا روزىباقىيېف: «خەلقىم ئۈچۈن كۆيىدۇ يۈرەك»، 1997 - يىلى «يازغۇچى» نەشرىياتى 84- بەت.يۇقىرىقى كىتاب، 132 - بەت.

26 كوللېكتىپ توپلام: «ياڭلىۋاشتىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى»، 1989 - يىلى ئالمۇتا «قازاقىستان» نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە 21 - بەت.

27 ئا. قايداروف، غ. سەدۋاققاسوف، پ. تالىپوفلار تۈزگەن: «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» 1983- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1 -قىسىم، 384 - بەت

28 مىرسۇلتان ئوسمانوف:«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»، 1990 - يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچەنەشرى، 1 - بەت.

مەنبەسى : شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2008-01